Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 安比亚仪   段:

ئەنبىيا

每章的意义:
إثبات الرسالة وبيان وحدة غاية الأنبياء وعناية الله بهم.
ئەلچىلىكنى ئىسپاتلاش، پەيغەمبەرلەرنىڭ مەقسىدىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بايان قىلىش.

ٱقۡتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمۡ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ مُّعۡرِضُونَ
ئىنسانلارغا ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنى يېقىنلاشتى، ھالبۇكى ئۇلار بىخۇتلۇقتا دۇنياغا بېرىلىپ، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
阿拉伯语经注:
مَا يَأۡتِيهِم مِّن ذِكۡرٖ مِّن رَّبِّهِم مُّحۡدَثٍ إِلَّا ٱسۡتَمَعُوهُ وَهُمۡ يَلۡعَبُونَ
ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن يېڭى ئايەتلەر نازىل بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسقاتمايدىغان ھالدا، بەلكى پەرۋاسىزلىق بىلەن مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سالىدۇ.
阿拉伯语经注:
لَاهِيَةٗ قُلُوبُهُمۡۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ هَلۡ هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡۖ أَفَتَأۡتُونَ ٱلسِّحۡرَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ
ئۇلار قۇرئانغا دىللىرى ئاللاھنىڭ كالامىدىن غاپىل ھالەتتە قۇلاق سالىدۇ. زالىملار كۇپرىلىق بىلەن ئۆزئارا پىچىرلىشىپ دېيىشكەن سۆزلىرىنى يوشۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ كىشى پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنساندۇر، ئۇنىڭ سىلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سېھىر بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئاددىي بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنىنىڭ سېھىر ئېكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئەگىشەمسىلەر؟
阿拉伯语经注:
قَالَ رَبِّي يَعۡلَمُ ٱلۡقَوۡلَ فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزۈڭلارنى بىلىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئېيتىلغان ھەر قانداق سۆزنى بىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، قىلغان ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
阿拉伯语经注:
بَلۡ قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمِۭ بَلِ ٱفۡتَرَىٰهُ بَلۡ هُوَ شَاعِرٞ فَلۡيَأۡتِنَا بِـَٔايَةٖ كَمَآ أُرۡسِلَ ٱلۡأَوَّلُونَ
بەلكى كاپىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن قۇرئان توغرىسىدا ئىككىلىنىپ: بەزىدە بۇ مۇھەممەدنىڭ قالايمىقان چۈشى بولۇپ، بۇنىڭ تەبىرى يوق، دېيىشسە، بەزىدە: ياق، قۇرئاننىڭ ئەسلى يوق، ئۇنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالغان دېيىشتى. يەنە بەزىدە: مۇھەممەد شائىردۇر، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا راسچىل بولسا، بىزگە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش، يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىگە ئوخشاش بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن، دەرۋەقە ئۇ پەيغەمبەرلەرمۇ مۆجىزە كەلتۈرگەن ئىدى، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
مَآ ءَامَنَتۡ قَبۡلَهُم مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآۖ أَفَهُمۡ يُؤۡمِنُونَ
مۇشۇ تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويغان كاپىرلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلارمۇ مۆجىزە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئۇلارغا تەلىپى بويىچە مۆجىزىلەر كەلتۈرۈلگەندە ئىمان ئېيتماستىن، ئۇنى ئىنكار قىلىشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدۇق. شۇڭا ئەمدى (مۆجىزە كەلتۈرسەك) بۇلار ئىمان ئېيتارمۇ؟
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئىنسانلاردىن ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىنسانلارغا پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. ئەگەر بۇنى بىلمىسەڭلار، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن سوراپ بېقىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَمَا جَعَلۡنَٰهُمۡ جَسَدٗا لَّا يَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَمَا كَانُواْ خَٰلِدِينَ
بىز ئۇلارغا ئەۋەتىدىغان پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، بەلكى ئۇلارمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۆلمەي، مەڭگۈ ھايات قالىدىغان ئىش يوق.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ صَدَقۡنَٰهُمُ ٱلۡوَعۡدَ فَأَنجَيۡنَٰهُمۡ وَمَن نَّشَآءُ وَأَهۡلَكۡنَا ٱلۡمُسۡرِفِينَ
ئاندىن پەيغەمبەرلىرىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئۇلارنى ۋە مۇئمىنلەرنى، يەنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق چەكتىن ئاشقانلارنى ھالاك قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
لَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ كِتَٰبٗا فِيهِ ذِكۡرُكُمۡۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق، ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭلار، ئۇنىڭدا سىلەرنىڭ شان - شەرىپىڭلار ۋە پەخرىڭلار بار. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا ھەمدە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئالدىرىمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• قُرْب القيامة مما يستوجب الاستعداد لها.
قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقى ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• انشغال القلوب باللهو يصرفها عن الحق.
دىللارنىڭ ئويۇن - تاماشا بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۇنى ھەقتىن بۇرۇۋېتىدۇ.

• إحاطة علم الله بما يصدر من عباده من قول أو فعل.
ئاللاھنىىڭ ئىلمى بەندىلەردىن سادىر بولىدىغان ھەر قانداق گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• اختلاف المشركين في الموقف من النبي صلى الله عليه وسلم يدل على تخبطهم واضطرابهم.
مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خىلمۇ-خىل بولغانلىقى ئۇلارنىڭ قارارسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

• أن الله مع رسله والمؤمنين بالتأييد والعون على الأعداء.
شەكسىزكى ئاللاھ پەيغەمبەرلىرى ۋە مۇئمىنلەرنى كۈچەيتىش ۋە دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر.

• القرآن شرف وعز لمن آمن به وعمل به.
قۇرئان كەرىم ئىمان ئېيتقان ۋە ئەمەل قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىززەت ھەم شان - شەرەپتۇر.

وَكَمۡ قَصَمۡنَا مِن قَرۡيَةٖ كَانَتۡ ظَالِمَةٗ وَأَنشَأۡنَا بَعۡدَهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ
بىز ئاھالىسى كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر قەۋمنى پەيدا قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
فَلَمَّآ أَحَسُّواْ بَأۡسَنَآ إِذَا هُم مِّنۡهَا يَرۡكُضُونَ
ھالاك قىلىنغۇچىلار بىزنىڭ تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىدىغان ئازابىمىزنى كۆرگەندە ھالاكەتتىن قورقۇپ كەنتلىرىدىن ئالدىراپ - تېنەپ قاچىدۇ.
阿拉伯语经注:
لَا تَرۡكُضُواْ وَٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰ مَآ أُتۡرِفۡتُمۡ فِيهِ وَمَسَٰكِنِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡـَٔلُونَ
(پەرىشتىلەر) ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ: قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە ئېسىل تۇرالغۇلىرىڭلارغا قايتىڭلار، بەلكى سىلەر دۇنيايىڭلاردىن مەلۇم نەرسىدىن سورىلىشىڭلار مۇمكىن، دەيدۇ.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئۇ زالىملار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: ۋاي ئېسىت! بىز تۈگىشىپتۇق، ئاللاھقا كاپىر بولۇش بىلەن زالىملاردىن بوپتۇق، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
فَمَا زَالَت تِّلۡكَ دَعۡوَىٰهُمۡ حَتَّىٰ جَعَلۡنَٰهُمۡ حَصِيدًا خَٰمِدِينَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، ئۆزلىرىگە ھالاكەت تىلەپ دۇئا قىلىشنى تەكرارلىغىنىچە تۇرۇشتى. نىھايەت بىز ئۇلارنى ئورالغان زىرائەتكە ئوخشاش ھەرىكەتسىز ئۆلۈكلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتۇق.
阿拉伯语经注:
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ
بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويۇنچۇق قىلىپ، بىكار ياراتمىدۇق، بەلكى ئۇلارنى بىزنىڭ قۇدىرتىمىزنىڭ ئالامىتى قىلىپ ياراتتۇق.
阿拉伯语经注:
لَوۡ أَرَدۡنَآ أَن نَّتَّخِذَ لَهۡوٗا لَّٱتَّخَذۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّآ إِن كُنَّا فَٰعِلِينَ
ئەگەر بىز ھەمراھ ياكى بالا قىلىۋالماقچى بولساق، ئەلۋەتتە ھۇزۇرىمىزدىكى نەرسىلەردىن قىلاتتۇق. بىز ئۇنىڭدىن پاك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدۇق.
阿拉伯语经注:
بَلۡ نَقۡذِفُ بِٱلۡحَقِّ عَلَى ٱلۡبَٰطِلِ فَيَدۡمَغُهُۥ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٞۚ وَلَكُمُ ٱلۡوَيۡلُ مِمَّا تَصِفُونَ
بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە ۋەھىي قىلغان ھەق بىلەن كاپىرلارنىڭ سەپسەتىلىرىنى نىشانغا ئالىمىز، نەتىجىدە ھەق سەپسەتىنى بەربات قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سەپسەتلىرى توساتتىن يوقىلىپ كېتىدۇ. ئەي ئاللاھنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگۈچىلەر! سىلەر ئاللاھنى نالايىق نەرسىلەر بىلەن سۈپەتلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھالاكەتكە مەھكۇم سىلەر.
阿拉伯语经注:
وَلَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَنۡ عِندَهُۥ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَلَا يَسۡتَحۡسِرُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ۋە ئىبادەتتىن چارچاپمۇ قالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
يُسَبِّحُونَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لَا يَفۡتُرُونَ
ئۇلار داۋاملىق ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ زېرىكىپ قالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
أَمِ ٱتَّخَذُوٓاْ ءَالِهَةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ هُمۡ يُنشِرُونَ
بەلكى مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن ئاجىز كىلىدىغان نەرسىگە قانداقمۇ چوقۇنىدۇ؟
阿拉伯语经注:
لَوۡ كَانَ فِيهِمَآ ءَالِهَةٌ إِلَّا ٱللَّهُ لَفَسَدَتَاۚ فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئەگەر ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا كۆپ ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئىلاھلارنىڭ پادىشاھلىق كۈرىشى يۈز بېرىپ، ئەلۋەتتە ئاسمان - زېمىننىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ: ئۇنىڭ شېرىكلىرى بار دېگەن يالغانلىرىدىن پاكتۇر.
阿拉伯语经注:
لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ
ئاللاھ تائالا پادىشاھلىقى ۋە ھۆكمىدە يەككە - يېگانىدۇر، ئاللاھ بېكىتكەن ۋە ھۆكۈم قىلغان ئىشلارنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ بەندىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
阿拉伯语经注:
أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡۖ هَٰذَا ذِكۡرُ مَن مَّعِيَ وَذِكۡرُ مَن قَبۡلِيۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡحَقَّۖ فَهُم مُّعۡرِضُونَ
بەلكى ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا: مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىبادەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - پاكىتلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار. ماڭا نازىل قىلىنغان بۇ كىتاب ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلار بۇ ھەقتە سىلەرنىڭ پايداڭلارغا دەلىل بولمايدۇ. بەلكى مۇشرىكلارنىڭ كۆپچىلىكى پەقەت نادانلىق ۋە تەقلىدچىلىككىلا تايىنىدۇ. دېمەك ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• الظلم سبب في الهلاك على مستوى الأفراد والجماعات.
زۇلۇم جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى ئوخشاش سەۋەبتۇر.

• ما خلق الله شيئًا عبثًا؛ لأنه سبحانه مُنَزَّه عن العبث.
ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىنى بىكار ياراتقىنى يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىكار ئىش قىلىشتىن پاكتۇر.

• غلبة الحق، ودحر الباطل سُنَّة إلهية.
ھەقنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە سەپسەتىنىڭ يوق بولۇشى ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• إبطال عقيدة الشرك بدليل التَّمَانُع.
تاناسىپ قائىدىسى بىلەن شېرىك ئەقىدىنى بەربات قىلىش.

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِيٓ إِلَيۡهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدُونِ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى قانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەك ئۇنىڭغا: مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۚ بَلۡ عِبَادٞ مُّكۡرَمُونَ
مۇشرىكلار: پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، بەلكى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك، يېقىن قۇللىرىدۇر.
阿拉伯语经注:
لَا يَسۡبِقُونَهُۥ بِٱلۡقَوۡلِ وَهُم بِأَمۡرِهِۦ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئالدى بىلەن سۆز قىلمايدۇ، ئاللاھ بۇيرۇمىغۇچە گەپ قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ.
阿拉伯语经注:
يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يَشۡفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ٱرۡتَضَىٰ وَهُم مِّنۡ خَشۡيَتِهِۦ مُشۡفِقُونَ
ئاللاھ ئۇلار قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلالايدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقتىن ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ.
阿拉伯语经注:
۞ وَمَن يَقُلۡ مِنۡهُمۡ إِنِّيٓ إِلَٰهٞ مِّن دُونِهِۦ فَذَٰلِكَ نَجۡزِيهِ جَهَنَّمَۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ
مۇبادا پەرىشتىلەردىن بىرەرسى: مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن دەيدىكەن، بىز چوقۇم ئۇنى شۇ سۆزىگە قارىتا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىمىز، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. كۇپۇرلۇق ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىمۇ مۇشۇنداق جازالايمىز.
阿拉伯语经注:
أَوَلَمۡ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ كَانَتَا رَتۡقٗا فَفَتَقۡنَٰهُمَاۖ وَجَعَلۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ كُلَّ شَيۡءٍ حَيٍّۚ أَفَلَا يُؤۡمِنُونَ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئەسلىدە بىر - بىرىگە تۇتاش بولۇپ، ئارىسىدا بوشلۇق يوقلۇقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن يامغۇر چۈشەتتى، ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتۇق. ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەن سۇدىن جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى پەيدا قىلدۇق. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتمامدۇ؟
阿拉伯语经注:
وَجَعَلۡنَا فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِهِمۡ وَجَعَلۡنَا فِيهَا فِجَاجٗا سُبُلٗا لَّعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ
بىز زېمىننىڭ ئۈستىدىكىلەرنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ سەپەرلىرىدە كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋېلىشى ئۈچۈن زېمىندا كەڭرى يوللارنى بەرپا قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَجَعَلۡنَا ٱلسَّمَآءَ سَقۡفٗا مَّحۡفُوظٗاۖ وَهُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهَا مُعۡرِضُونَ
ئاسماننى تۈۋرۈكسىز، چۈشۈپ كەتمەيدىغان، بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشىۋالىدىغانلاردىن مۇھاپىزەت قىلدۇق. مۇشرىكلار ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان -قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش- ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ
كېچىنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن، كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ياراتقان، قۇياشنى كۈندۈزنىڭ، ئاينى كېچىنىڭ ئالامىتى قىلىپ ياراتقان زات يېگانە ئاللاھتۇر. قۇياش بىلەن ئاينىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان ئوربېتادا ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئوربېتىسىدىن چەتنەپمۇ كەتمەيدۇ، قېيىپمۇ كەتمەيدۇ.
阿拉伯语经注:
وَمَا جَعَلۡنَا لِبَشَرٖ مِّن قَبۡلِكَ ٱلۡخُلۡدَۖ أَفَإِيْن مِّتَّ فَهُمُ ٱلۡخَٰلِدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سەندىن ئىلگىرىمۇ ھېچكىمنى بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشايدىغان قىلغىنىمىز يوق. مۇبادا سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەجىلىڭ توشۇپ، ئۆلۈپ كەتسەڭ، ماۋۇلار سەندىن كېيىن مەڭگۈ قالامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.
阿拉伯语经注:
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَنَبۡلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
مۇئمىن بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، ھەر بىر جان دۇنيادا چوقۇم ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. ئەي ئىنسانلار! بۇ دۇنيادا بىز سىلەرنى تۈرلۈك ئىشلارغا بۇيرۇش، نېئمەت ۋە ئازابلار بىلەن سىنايمىز. ئاندىن سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن باشقا بىرىنىڭ يېنىغا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كېلىسىلەر، ئاندىن بىز سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمىز.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• تنزيه الله عن الولد.
ئاللاھ تائالا بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر.

• منزلة الملائكة عند الله أنهم عباد خلقهم لطاعته، لا يوصفون بالذكورة ولا الأنوثة، بل عباد مكرمون.
پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى شۇكى، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بەندىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەركەك ياكى چېشى دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.

• خُلِقت السماوات والأرض وفق سُنَّة التدرج، فقد خُلِقتا مُلْتزِقتين، ثم فُصِل بينهما.
ئاسمانلار بىلەن زېمىن تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىگە ئاساسەن يارىتىلغان بولۇپ، دەسلەپتە بىر - بىرىگە تۇتاش ھالەتتە يارىتىلغان ئىدى. كېيىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتۇق.

• الابتلاء كما يكون بالشر يكون بالخير.
سىناق يامانلىق بىلەن بولغىنىدەك ياخشىلىق بىلەنمۇ بولىدۇ.

وَإِذَا رَءَاكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي يَذۡكُرُ ءَالِهَتَكُمۡ وَهُم بِذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلار سېنى كۆرسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئۇلار سېنى مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمگە تانىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىدۇ. ئۇلار بارلىق يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىنىشكە ئەڭ لايىقتۇر.
阿拉伯语经注:
خُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ مِنۡ عَجَلٖۚ سَأُوْرِيكُمۡ ءَايَٰتِي فَلَا تَسۡتَعۡجِلُونِ
ئىنسان ئالدىراڭغۇ خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ قالىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئازابنى ئالدىرىتىشىمۇ مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەي مېنىڭ ئازابىمنى ئالدىراتقۇچى مۇشرىكلار! سىلەر ئالدىراتقان نەرسىنى سىلەرگە چوقۇم كۆرسىتىمەن، شۇڭا ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تىلىمەي تۇرۇڭلار.
阿拉伯语经注:
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار: ئەي مۇسۇلمانلار! ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ دېيىشىدۇ.
阿拉伯语经注:
لَوۡ يَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَن وُجُوهِهِمُ ٱلنَّارَ وَلَا عَن ظُهُورِهِمۡ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاپىرلار ئالدى - كەينىدىن كەلگەن ئوتنى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرەلەيدىغان ھېچبىر ياردەمچىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭغا چىن پۈتسە ئىدى، ھەرگىزمۇ ئازابنى ئالدىراتمىغان بولاتتى.
阿拉伯语经注:
بَلۡ تَأۡتِيهِم بَغۡتَةٗ فَتَبۡهَتُهُمۡ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
ئۇلار ئازابلىنىدىغان مۇشۇ ئوت، يەنى قيامەت ئۇلار بىلىدىغان ۋاقىتتا كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدۇ ھەمدە تەۋبە قىلىپ، رەھمەتكە ئېرىشىۋېلىش ئۈچۈن ئازابنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ.
阿拉伯语经注:
وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُواْ مِنۡهُم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئەگەر قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغان بولسا سەن مەسخىرە قىلىنغۇچىلارنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. ئەي پەيغەمبەر! سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىنغان. پەيغەمبەرلەرنى مەسخىرە قىلغان كاپىرلارنى تەرەپ - تەرەپتىن ئازاب قورشىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلىرى مۇشۇ ئازابتىن قورقۇتقان چاغدا ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان ئىدى.
阿拉伯语经注:
قُلۡ مَن يَكۡلَؤُكُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ مِنَ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ بَلۡ هُمۡ عَن ذِكۡرِ رَبِّهِم مُّعۡرِضُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئازابنى ئالدىراتقان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئازاب چۈشۈرۈش ئارقىلىق ھالاك قىلماقچى بولسا، سىلەرنى ئۇنىڭدىن كېچە - كۈندۈز قوغدايدىغان كىم بار؟ بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەند - نەسىھەتلىرى ۋە دەلىل - پاكىتلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. نادانلىقى ۋە دۆتلۈكىدىن ئۇلاردىن ھېچنەرسە ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باقمايدۇ.
阿拉伯语经注:
أَمۡ لَهُمۡ ءَالِهَةٞ تَمۡنَعُهُم مِّن دُونِنَاۚ لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَ أَنفُسِهِمۡ وَلَا هُم مِّنَّا يُصۡحَبُونَ
ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قوغدايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىدىن بىرەر زىيانىنى قايتۇرۇش ياكى بىرەر پايدا ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرىلمەيدىغان تۇرسا، باشقىلارغا قانداقمۇ ياردەم بەرسۇن؟ ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزدىن پاناھگاھ بولالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
بَلۡ مَتَّعۡنَا هَٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡعُمُرُۗ أَفَلَا يَرَوۡنَ أَنَّا نَأۡتِي ٱلۡأَرۡضَ نَنقُصُهَا مِنۡ أَطۡرَافِهَآۚ أَفَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ
بەلكى بىز بۇ كاپىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى كەڭتاشا نېئمەتلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۈچۈن پاراۋان تۇرمۇشقا ئىگە قىلدۇق. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، كۇپرىسىدا چىڭ تۇردى. بىزنىڭ نېئمەتلىرىمىزگە ئالدىنىپ، ئازابىمىزنىڭ تېزراق كېلىشىنى تەلەپ قىلغان بۇ ئادەملەر بىزنىڭ زېمىن ئەھلىگە بولغان غەزىبىمىزدىن ۋە ئۇلاردىن غالىبلىقىمىزدىن زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇ-قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېىشىغىمۇ كەپقېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمامدۇ؟ چۈنكى بۇلار ھامان مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇركى، ھېچقاچان غالىب بولالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• بيان كفر من يستهزئ بالرسول، سواء بالقول أو الفعل أو الإشارة.
پەيغەمبەرنى گەپ - سۆز، ياكى ئىش - ھەرىكەت ۋە ياكى ئىشارەت قىلىپ بولسىمۇ مەسخىرە قىلغۇچى ئوخشاشلا كاپىردۇر.

• من طبع الإنسان الاستعجال، والأناة خلق فاضل.
ئالدىراقسانلىق ئىنساننىڭ تەبىئىتى بولۇپ، ئېغىر - بېسىقلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر.

• لا يحفظ من عذاب الله إلا الله.
ئاللاھنىڭ ئازابىدىن پەقەت ئاللاھلا ساقلاپ قالالايدۇ.

• مآل الباطل الزوال، ومآل الحق البقاء.
ئاساسسىز سەپسەتە يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر، ھەقىقەت مەڭگۈ قېپقالىدۇ.

قُلۡ إِنَّمَآ أُنذِرُكُم بِٱلۡوَحۡيِۚ وَلَا يَسۡمَعُ ٱلصُّمُّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرنى پەرۋەردىگارىم ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق ئۇقتۇرغان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىمەن. گاسلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇلسا، ھەقىقەت چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىدىغان ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈلمىسە ئاڭلىمايدۇ.
阿拉伯语经注:
وَلَئِن مَّسَّتۡهُمۡ نَفۡحَةٞ مِّنۡ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئازابنى ئالدىراتقۇچىلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابىدىن ئازراق كېلىدىغان بولسا ئۇلار: ۋاي ئېسىت! بىز تۈگىشىپتۇق، بىز زىيان تارتىپتۇق، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەمدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولۇپتۇق، دېيىشىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَنَضَعُ ٱلۡمَوَٰزِينَ ٱلۡقِسۡطَ لِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَلَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗاۖ وَإِن كَانَ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٍ أَتَيۡنَا بِهَاۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَٰسِبِينَ
بىز قىيامەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرى تارتىلىدىغان ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ئۈ كۈندە ھېچكىمگە ياخشىلىقىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى يامانلىقىنى كۆپەيتىپ قويۇش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىنمايدۇ. تارتىلىدىغان ياخشىلىق گەرچە قىچىنىڭ دانىسىچىلىك كىچىك بولسىمۇ، بىز چوقۇم ئۇنىمۇ ئېلىپ كېلىمىز. بىز بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئىنچىكە ھېسابلاشقا قۇدرىتىمىز يېتىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ ٱلۡفُرۡقَانَ وَضِيَآءٗ وَذِكۡرٗا لِّلۡمُتَّقِينَ
ھەقىقەتەن بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى، ئىمان ئېيتقانلارنى يېتەكلىگۈچى ۋە پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەت بولغان تەۋراتنى بەردۇق.
阿拉伯语经注:
ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَهُم مِّنَ ٱلسَّاعَةِ مُشۡفِقُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان تەقۋادار كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قورققۇچىلاردۇر.
阿拉伯语经注:
وَهَٰذَا ذِكۡرٞ مُّبَارَكٌ أَنزَلۡنَٰهُۚ أَفَأَنتُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ۋەز - نەسىھەت ئېلىشنى خالايدىغانلارغا ئەسلىتىشتۇر، پايدىسى ۋە ياخشىلىقى كۆپتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ قۇرئاننى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
۞ وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ
بىز ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كىچىك ۋاقتىدىلا قەۋمىگە قارشى دەلىل - پاكىتلارنى ئاتا قىلدۇق، بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىككە لايىق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق، بىز ئۇنىڭغا قەۋمىگە دەلىل كەلتۈرۈشكە يارىغۇدەك ئىلىملەرنى ئاتا قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسى ئازەر ۋە قەۋمىگە: سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان ھەمدە چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ
ئىبراھىمغا قەۋمى: بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق، شۇڭا بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ بۇ بۇتلارغا چوقۇندۇق، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
ئىبراھىم ئۇلارغا: ئەي ئەگەشكۈچىلەر! ھەقىقەتەن سىلەر ۋە سىلەر ئەگەشكەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئوچۇق - ئاشكارا گۇمراھلىقتا سىلەر، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا بِٱلۡحَقِّ أَمۡ أَنتَ مِنَ ٱللَّٰعِبِينَ
قەۋمى ئىبراھىمغا: سەن بۇ گەپلەرنى دېگىنىڭدە زادى راست دەۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟ دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قَالَ بَل رَّبُّكُمۡ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا۠ عَلَىٰ ذَٰلِكُم مِّنَ ٱلشَّٰهِدِينَ
ئىبراھىم ئېيتتى: مەن چاقچاق قىلمىدىم، راست دەۋاتىمەن. سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، ئۇ زات ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز ياراتتى. مەن ئۇ زاتنىڭ سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭمۇ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن. سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن قىلچە نېسىۋىسى يوق.
阿拉伯语经注:
وَتَٱللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصۡنَٰمَكُم بَعۡدَ أَن تُوَلُّواْ مُدۡبِرِينَ
ئىبراھىم قەۋمى ئاڭلىمايدىغان دەرىجىدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بايراملىق سىرتقا چىقىپ كەتكىنىڭلاردا بۇتلىرىڭلارغا سىلەر خالىمايدىغان ئىشنى قىلىمەن، دېدى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• نَفْع الإقرار بالذنب مشروط بمصاحبة التوبة قبل فوات أوانها.
گۇناھنى ئىقرار قىلىشنىڭ پايدىسى ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشقا باغلىق.

• إثبات العدل لله، ونفي الظلم عنه.
ئاللاھقا ئادىللىق سۈپىتىنى ئىسپاتلاپ، زۇلۇم سۈپىتىنى يوق قىلىش.

• أهمية قوة الحجة في الدعوة إلى الله.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا دەلىلى كۈچلۈك بولۇش مۇھىم.

• ضرر التقليد الأعمى.
قارىغۇلارچە ئەگىشىش زىيانلىقتۇر.

• التدرج في تغيير المنكر، والبدء بالأسهل فالأسهل، فقد بدأ إبراهيم بتغيير منكر قومه بالقول والصدع بالحجة، ثم انتقل إلى التغيير بالفعل.
مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتە تەدرىجىي ۋاسىتە قوللىنىشتا ئالدى بىلەن ئەڭ قولايدىن باشلاش لازىم. مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمى ئىچىدىكى مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشنى دەسلەپتە گەپ بىلەن ۋە دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرۈش بىلەن باشلاپ، ئاندىن كېيىن ئەمەلىي ئۆزگەرتىشكە ئاتلانغان.

فَجَعَلَهُمۡ جُذَٰذًا إِلَّا كَبِيرٗا لَّهُمۡ لَعَلَّهُمۡ إِلَيۡهِ يَرۡجِعُونَ
ئىبراھىم ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى. ئۇلار قايتقانلىرىدا بۇتلارنى كىمنىڭ چېقىۋەتكەنلىكىنى سورىشى ئۈچۈن بۇتلارنىڭ چوڭىنى چاقماي قالدۇردى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ مَن فَعَلَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَآ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، بۇتلىرىنىڭ پارچە - پارچە قىلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ بىر - بىرىگە: مەبۇدلىرىمىزنى كىم مۇشۇنداق قىلىۋەتتى؟ بۇنى كىم قىلغان بولسا، ئۇ ئەلۋەتتە زالىملاردىن ئىكەن. چۈنكى ئۇ كاتتىلاشقا ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىق بولغان نەرسىنى خارلاپتۇ، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ سَمِعۡنَا فَتٗى يَذۡكُرُهُمۡ يُقَالُ لَهُۥٓ إِبۡرَٰهِيمُ
ئۇلارنىڭ بەزىسى: بىز ئىبراھىم ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەپ يامان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، شۇ چېقىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ فَأۡتُواْ بِهِۦ عَلَىٰٓ أَعۡيُنِ ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡهَدُونَ
ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرى: ئىبراھىمنى پۈتۈن خالايىق توپلىشىدىغان، ھەممە كۆرىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇلارمۇ ئىبراھىمنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئىقرار قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىقرارى سىلەرنىڭ ئۇنى جازالىشىڭلارغا پاكىت بولىدۇ، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُوٓاْ ءَأَنتَ فَعَلۡتَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَا يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ
ئۇلار ئىبراھىمنى ئەكېلىپ ئۇنىڭدىن: ئەي ئىبراھىم! بىزنىڭ مەبۇدلىرىمىزغا مۇشۇنداق ناچار قىلىقنى زادى سەن قىلدىڭمۇ؟ دەپ سوراشتى.
阿拉伯语经注:
قَالَ بَلۡ فَعَلَهُۥ كَبِيرُهُمۡ هَٰذَا فَسۡـَٔلُوهُمۡ إِن كَانُواْ يَنطِقُونَ
ئىبراھىم ئۇلارنى مازاق قىلىپ، پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ مەبۇتلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن: مەن قىلمىدىم، بەلكى بۇتلارنىڭ چوڭى قىلدى. ئەگەر سۆزلىيەلىسە شۇ بۇتلىرىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار، دېدى.
阿拉伯语经注:
فَرَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ فَقَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ أَنتُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئۇلار سەل ھوشىنى يىغىپ، ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مەبۇدلىرىنىڭ ھېچقانداق پايدا - زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشتى. دېمەك ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شۇ بۇتلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق زالىم بولغان ئىدى.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ نُكِسُواْ عَلَىٰ رُءُوسِهِمۡ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَا هَٰٓؤُلَآءِ يَنطِقُونَ
ئاندىن ئۇلار تەرسالىقى ۋە ئىنكارچىلىقى تۈپەيلىدىن: ئەي ئىبراھىم! ئەمەلىيەتتە بۇ بۇتلارنىڭ سۆز قىلالمايدىغانلىقىنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنى يەنە نېمىشقا ئۇلاردىن سوراپ بېقىشقا بۇيرۇيسەن؟ دېيىشتى. ئەسلىدە ئۇلار بۇ گەپنى ئۆزلىرىگە بىر باھانە قىلماقچى ئىدى، لېكىن بۇ گەپ ئۇلارغا قارشى پاكىت بوپقالدى.
阿拉伯语经注:
قَالَ أَفَتَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا يَضُرُّكُمۡ
ئىبراھىم ئۇلارنى ئەيىبلەپ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىگىمۇ نە پايدا يەتكۈزۈشتىن، نە زىياننى قايتۇرۇشتىن ئاجىزلىق قىلىدىغان نەرسىگە چوقۇنامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
أُفّٖ لَّكُمۡ وَلِمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
سىلەرگە ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلىرىڭلارغا لەنەت بولسۇن! شۇنىمۇ چۈشەنمەمسىلەر؟ ئۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلىمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
قَالُواْ حَرِّقُوهُ وَٱنصُرُوٓاْ ءَالِهَتَكُمۡ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ
ئۇلار ئىبراھىمغا دەلىل - پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالمىغاندىن كېيىن مۇشتۇمزورلۇققا ئۆتۈپ: ئەگەر باشقىلارغا ئىبرەت قىلايلى دېسەڭلار، ئىبراھىم پاچاقلاپ، سۇندۇرۇۋەتكەن بۇتلىرڭلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قُلۡنَا يَٰنَارُ كُونِي بَرۡدٗا وَسَلَٰمًا عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوت يېقىپ، ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلىدى. ئاندىن بىز ئوتقا: ئەي ئوت! ئىبراھىمغا سالقىنلىق ۋە ئامانلىق بېغىشلىغىن، دېدۇق. دەرۋەقە ئوت شۇنداق بولدى. نەتىجىدە ئوت ئىبراھىمغا قىلچە زىيان يەتكۈزمىدى.
阿拉伯语经注:
وَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَخۡسَرِينَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا ئوتتا كۆيدۈرۈش ئارقىلىق سۇيىقەست قىلماقچى بولغاندا بىز ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى تامامەن مەغلۇپ بولغۇچىلاردىن قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَنَجَّيۡنَٰهُ وَلُوطًا إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا لِلۡعَٰلَمِينَ
بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتۇلدۇرۇپ، شام زېمىنىغا ئېلىپ چىقتۇق. بىز ئۇ جاينى نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ھەمدە پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۈچۈن ياخشىلىقلارنى چېچىش ئارقىلىق بەرىكەتلىك قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ نَافِلَةٗۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا صَٰلِحِينَ
ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغاندا بىز ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇنىڭدىن كېيىن) يەئقۇبنىمۇ قوشۇپ بەردۇق. ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، سالىھ بەندىلەر قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• جواز استخدام الحيلة لإظهار الحق وإبطال الباطل.
ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ، سەپسەتىنى بەربات قىلىش ئۈچۈن چارە قوللىنىشقا بولىدۇ.

• تعلّق أهل الباطل بحجج يحسبونها لهم، وهي عليهم.
خاتا ئېقىمدىكىلەر دەلىللىرىگە ئېسلىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلىش ئۇلارغا زىيانلىقتۇر.

• التعنيف في القول وسيلة من وسائل التغيير للمنكر إن لم يترتّب عليه ضرر أكبر.
قاتتىق سۆز قىلىشمۇ ئەگەر ئۇنىڭدىن چوڭ زىيان كېلىپ چىقمىسا، مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتىكى ۋاسىتىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

• اللجوء لاستخدام القوة برهان على العجز عن المواجهة بالحجة.
مۇشتۇمزورلۇق قىلىش دەلىل - پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالمىغانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• نَصْر الله لعباده المؤمنين، وإنقاذه لهم من المحن من حيث لا يحتسبون.
ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە بولغان ياردىمى ھەم ئۇلارنى جاپا - مۇشەققەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۇلار ئويلاپ باقمىغان يەردىن كېلىدۇ.

وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِمۡ فِعۡلَ ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَإِقَامَ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءَ ٱلزَّكَوٰةِۖ وَكَانُواْ لَنَا عَٰبِدِينَ
ئۇلارنى كىشىلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان پېشىۋالاردىن قىلدۇق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كىشىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلىش، زاكات بېرىشنى ۋەھى قىلدۇق، ئۇلار بىزگە بويسۇندى
阿拉伯语经注:
وَلُوطًا ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗا وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَت تَّعۡمَلُ ٱلۡخَبَٰٓئِثَۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَٰسِقِينَ
بىز لۇتقا دەۋاگەرلەر ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان ھېكمەت ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنى ئاھالىسى ناچار قىلىقلارنى قىلىدىغان سەدۇم كەنتىگە چۈشۈرگەن ئازابتىن ساقلاپ قالدۇق. شەكسىزكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان پاسىق كىشىلەر ئىدى.
阿拉伯语经注:
وَأَدۡخَلۡنَٰهُ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
بىز لۇتنى قەۋمىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق رەھمىتىمىزگە ئالدۇق، چۈنكى ئۇ بىز بۇيرۇغاننى بەجا كەلتۈرىدىغان، چەكلىمىلىرىمىزدىن يانىدىغان سالىھ كىشىلەردىن ئىدى.
阿拉伯语经注:
وَنُوحًا إِذۡ نَادَىٰ مِن قَبۡلُ فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي پەيغەمبەر! نۇھنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىبراھىم ۋە لۇتتىن بۇرۇن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى بۈيۈك غەمدىن قۇتۇلدۇردۇق.
阿拉伯语经注:
وَنَصَرۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ
بىز ئۇنى ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى قىلىپ ئەۋەتكەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمىنىڭ مىكرىدىن قۇتۇلدۇردۇق. شەكسىزكى ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، ناچار كىشىلەر ئىدى. شۇڭا بىز ئۇلارنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
阿拉伯语经注:
وَدَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ إِذۡ يَحۡكُمَانِ فِي ٱلۡحَرۡثِ إِذۡ نَفَشَتۡ فِيهِ غَنَمُ ٱلۡقَوۡمِ وَكُنَّا لِحُكۡمِهِمۡ شَٰهِدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! داۋۇت بىلەن ئوغلى سۇلايماننىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككەيلەن ئىككى داۋاگەرنىڭ سۇنغان دەۋاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، بىرىنىڭ قويى كېچىدە چىقىپ يەنە بىرىنىڭ زىرائەتلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە شاھىت بولدۇق، ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمىدىن ھېچ نەرسە بىزگە مەخپىي بولمىدى.
阿拉伯语经注:
فَفَهَّمۡنَٰهَا سُلَيۡمَٰنَۚ وَكُلًّا ءَاتَيۡنَا حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَسَخَّرۡنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلۡجِبَالَ يُسَبِّحۡنَ وَٱلطَّيۡرَۚ وَكُنَّا فَٰعِلِينَ
بۇ مەسىلىنى بىز دادىسى داۋۇدقا ئەمەس، بەلكى سۇلايمانغا چۈشەندۈردۇق، داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ ھەر بىرىگە پەيغەمبەرلىك ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرى ھەققىدە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بۇنى يالغۇز سۇلايمانغا خاس قىلمىدۇق. تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇدقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار داۋۇد بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتدۇ. چۈشەندۈرۈش، ھېكمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلىش ھەمدە بويسۇندۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى بىز ئەزەلدىن قىلالايتتۇق.
阿拉伯语经注:
وَعَلَّمۡنَٰهُ صَنۡعَةَ لَبُوسٖ لَّكُمۡ لِتُحۡصِنَكُم مِّنۢ بَأۡسِكُمۡۖ فَهَلۡ أَنتُمۡ شَٰكِرُونَ
بىز سۇلايمانغا ئەمەس، داۋۇدقا بەدىنىڭلارنى ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشىدىن قوغدايدىغان ساۋۇت - دوبۇلغىلارنى ياساشنى ئۆگەتتۇق. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ عَاصِفَةٗ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦٓ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَاۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيۡءٍ عَٰلِمِينَ
بىز سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنى شام زېمىنىغا ئېلىپ باراتتى. بىز ئۇ زېمىندا نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ھەمدە كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇ جاينى بەرىكەتلىك قىلدۇق. بىز ھەر ئىشنى بىلىپ تۇراتتۇق، بىزگە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي ئەمەس ئىدى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• فعل الخير والصلاة والزكاة، مما اتفقت عليه الشرائع السماوية.
ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش قاتارلىق ئىشلار بارلىق ساماۋىي دىنلاردا بىردەك تەلەپ قىلىنغان.

• ارتكاب الفواحش سبب في وقوع العذاب المُسْتَأْصِل.
پاھىشە ئىشلارنى قىلىش تۈپ تەلتۆكۈس يوق قىلغۇچى ئازابنىڭ چۈشۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

• الصلاح سبب في الدخول في رحمة الله.
ياخشىلىنىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• الدعاء سبب في النجاة من الكروب.
دۇئا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

وَمِنَ ٱلشَّيَٰطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُۥ وَيَعۡمَلُونَ عَمَلٗا دُونَ ذَٰلِكَۖ وَكُنَّا لَهُمۡ حَٰفِظِينَ
بىز سۇلايمانغا دېڭىزغا شۇڭغۇپ مەرۋايىت ۋە باشقا ئۈنچە - مارجانلارنى سۈزۈپ چىقىدىغان شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىناكارلىققا ئوخشاش باشقا ئىشلارنى قىلىدىغانلىرىمۇ بار. بىز ئۇلارنىڭ سانىنى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى تولۇق يېزىپ تۇراتتۇق، بۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسىنى چالا قويمايتتۇق.
阿拉伯语经注:
۞ وَأَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلضُّرُّ وَأَنتَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەييۇبنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئەييۇب بېشىغا خاپىلىق كەلگەندە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ماڭا كېسەل تەگدى، بالا - چاقىلىرىم يوق بولدى. سەن ھەممىدىن مەرھەمەتلىك زاتسەن، بېشىمغا كەلگەن بۇ خاپىلىقنى مەندىن كۆتۈرۈۋەتسەڭ، دېدى.
阿拉伯语经注:
فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَكَشَفۡنَا مَا بِهِۦ مِن ضُرّٖۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ أَهۡلَهُۥ وَمِثۡلَهُم مَّعَهُمۡ رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَا وَذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰبِدِينَ
ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالا - مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتتۇق ھەمدە يوقىتىپ قويغان بالا - چاقىلىرىنى بىر ھەسسە قوشۇپ بەردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىز دەرگاھىمىزدىن رەھمەت، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بويسۇنغانلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئەييۇبتەك سەۋرچان بولۇشلىرى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِدۡرِيسَ وَذَا ٱلۡكِفۡلِۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّٰبِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بالا - مۇسىبەتكە ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشقا سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
阿拉伯语经注:
وَأَدۡخَلۡنَٰهُمۡ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُم مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزگە ئالدۇق، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزدۇق. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىنى تۈزىگەن ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىدىن ئىدى.
阿拉伯语经注:
وَذَا ٱلنُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَٰضِبٗا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقۡدِرَ عَلَيۡهِ فَنَادَىٰ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ أَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنتَ سُبۡحَٰنَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بېلىق ساھىبى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز قەۋمىنىڭ ئاسىيلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلىقىغا ئاچچىقلىنىپ يۇرتىدىن كېتىپ قالدى. ئۇ كەتكەنلىكىگە قارىتا بىزنى ئۆزىنى تارچىلىقتا قويمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇنى بېلىق يۇتۇۋەتكەن چاغدا قاتتىق سىقىلىش ۋە قامىلىشقا مۇپتىلا قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بېلىق، دېڭىز ۋە كېچىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گۇناھىنى تونۇپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ھالدا مۇنداق ئىلتىجا قىلدى: سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، سەن پاك ۋە مۇقەددەس سەن. مەن زالىملاردىن بوپتىمەن، دېدى.
阿拉伯语经注:
فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡغَمِّۚ وَكَذَٰلِكَ نُـۨجِي ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن ۋە باشقا زۇلمەتلەردىن چىقىرىش ئارقىلىق خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق. يۇنۇسنى ئاشۇ خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇرغىنىمىزدەك، ناۋادا مۇئمىنلەرمۇ خاپىلىقتا قېلىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلسا ئۇلارنىمۇ قۇتۇلدۇرىمىز.
阿拉伯语经注:
وَزَكَرِيَّآ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥ رَبِّ لَا تَذَرۡنِي فَرۡدٗا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡوَٰرِثِينَ
ئەي پەيغەمبەر! زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنى پەرزەنتسىز يالغۇز قويمىساڭ، سەن قېپقالغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەن، ماڭا مەندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلىدىغان بىر پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، دەپ ئىلتىجا قىلدى.
阿拉伯语经注:
فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ وَوَهَبۡنَا لَهُۥ يَحۡيَىٰ وَأَصۡلَحۡنَا لَهُۥ زَوۡجَهُۥٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَيَدۡعُونَنَا رَغَبٗا وَرَهَبٗاۖ وَكَانُواْ لَنَا خَٰشِعِينَ
بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنىمۇ ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئايالىنى ئىلگىرىكى تۇغماسلىق ھالىتىدىن ساقايتىپ، تۇغىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۇق. شەكسىزكى زەكەرىيا، ئايالى ۋە ئوغلى ھەممىسى ياخشى ئىش قىلىشقا ئالدىرايتتى. ئۇلار دائىم بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدىكى ساۋابقا قىزىقىپ، بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قورقۇپ دۇئا قىلاتتى، بىزگە كۆپ يىلىناتتى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• الصلاح سبب للرحمة.
ئۆزىنى تۈزەش رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

• الالتجاء إلى الله وسيلة لكشف الكروب.
ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش خاپىلىقتىن قۇتۇلۇشقا ۋەسىلە بولىدۇ.

• فضل طلب الولد الصالح ليبقى بعد الإنسان إذا مات.
ئىنسان دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان پەرزەنت تەلەپ قىلىش پەزىلەتتۇر.

• الإقرار بالذنب، والشعور بالاضطرار لله وشكوى الحال له، وطاعة الله في الرخاء من أسباب إجابة الدعاء وكشف الضر.
گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاللاھقا موھتاجلىقىنى ھېس قىلىش، ئاللاھقا ھال ئېيتىش، باياشاتلىقتا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ۋە خاپىلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

وَٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلۡنَٰهَا وَٱبۡنَهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۇ ئۆزىنى زىنادىن ساقلىدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ قېشىغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا (روھىنى) پۈۋلىدى، شۇنىڭ بىلەن مەريەم ئىيساغا ھامىلدار بولدى. مەريەم بىلەن ئوغلى ئىيسا ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ روشەن نامايەندىسى ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىيسانى دادىسىز ياراتقانلىقى ئۇنىڭ ھېچنەرسىدىن ئاجىز ئەمەسلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
阿拉伯语经注:
إِنَّ هَٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَأَنَا۠ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُونِ
ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ دىنىڭلار بىر دىندۇر، ئۇ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت تەۋھىدتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ئۇنداق بولغانىكەن، يالغۇز ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَتَقَطَّعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡۖ كُلٌّ إِلَيۡنَا رَٰجِعُونَ
ئىنسانلار بۆلۈنۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى، بىر قىسمى مۇشرىك، بىر قىسمى كاپىر، يەنە بىر قىسمى مۇئمىن بولدى. بۇ گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى پەقەت بىزنىڭ دەرگاھىمىزغىلا يىغىلىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمىز.
阿拉伯语经注:
فَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا كُفۡرَانَ لِسَعۡيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَٰتِبُونَ
ئۇلاردىن كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ (زايە بولۇپ كەتمەيدۇ)، بەلكى ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىپ، قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇمۇ قايتا تىرىلىپ قوپقان كۈندە ئۆز ئەمىلىنىڭ نامە - ئەمال دەپتىرىگە چالا قويماي يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَحَرَٰمٌ عَلَىٰ قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآ أَنَّهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
بىز كۇپرىسى سەۋەبلىك ھالاك قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەۋبە قىلىپ، تەۋبىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس.
阿拉伯语经注:
حَتَّىٰٓ إِذَا فُتِحَتۡ يَأۡجُوجُ وَمَأۡجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٖ يَنسِلُونَ
ئۇلار دۇنياغا ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ، ھەتتاكى يەجۇج ۋە مەجۇج توسمىسى ئېچىۋېتىلگەندە ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَٱقۡتَرَبَ ٱلۡوَعۡدُ ٱلۡحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَٰخِصَةٌ أَبۡصَٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَٰوَيۡلَنَا قَدۡ كُنَّا فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا بَلۡ كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئۇلارنىڭ چىقىشى بىلەن قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى قاتتىق قورققانلىقتىن چەكچىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار: ۋاي ئېسىت! بىز دۇنيادا بۇ كاتتا كۈنگە تەييارلىق قىلىشتىن غاپىل بولۇپ، ئويۇن - تاماشاغا بېرىلىپتىكەنمىز. بەلكى بىز ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بوپتىكەنمىز، دېيىشىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمۡ لَهَا وَٰرِدُونَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار، شۇنداقلا ئىنسان ۋە جىنلاردىن سىلەرنىڭ ئىبادىتىڭلارغا رازى بولغانلار، ھەممىڭلار جەھەننەمنىڭ يېقىلغۇلىرى سىلەر. سىلەر ۋە مەبۇدلىرىڭلار جەھەننەمگە كىرىسىلەر.
阿拉伯语经注:
لَوۡ كَانَ هَٰٓؤُلَآءِ ءَالِهَةٗ مَّا وَرَدُوهَاۖ وَكُلّٞ فِيهَا خَٰلِدُونَ
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ مەبۇدلار ئىبادەتكە ھەقىقىي لايىق ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلار بىلەن قوشۇلۇپ جەھەننەمگە كىرمەيتتى. ئەمدى چوقۇنغۇچىلار بىلەن چوقۇنۇلغۇچىلار ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز چىقالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
لَهُمۡ فِيهَا زَفِيرٞ وَهُمۡ فِيهَا لَا يَسۡمَعُونَ
ئۇلار جەھەننەمدە يەتكەن دەرت - ئەلەملەرنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئېغىر پەرياد چېكىدۇ. ئەمما ئۇلار دوزاختا بېشىغا كەلگەن بىئارامچىلىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّ ٱلَّذِينَ سَبَقَتۡ لَهُم مِّنَّا ٱلۡحُسۡنَىٰٓ أُوْلَٰٓئِكَ عَنۡهَا مُبۡعَدُونَ
مۇشرىكلار: ئۇنداقتا ئىيسا بىلەن نۇرغۇن پەرىشتىلەرمۇ چوقۇنۇلغان، ئۇلارمۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دېگەندە ئاللاھ تائالا: شەكسىزكى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇلارنىڭ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغانلىقى پۈتۈلگەن، شۇڭا ئىيساغا ئوخشاشلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ، دەيدۇ.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• التنويه بالعفاف وبيان فضله.
بۇ ئايەتلەر ئىپپەتلىك بولۇشنى ماختاپ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.

• اتفاق الرسالات السماوية في التوحيد وأسس العبادات.
تەۋھىدتە ۋە ئىبادەت ئاساسلىرىدا ساماۋىي دىنلار بىردەكتۇر.

• فَتْح سد يأجوج ومأجوج من علامات الساعة الكبرى.
يەجۇج ۋە مەجۇج توسمىسىنىڭ ئېچىلىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• الغفلة عن الاستعداد ليوم القيامة سبب لمعاناة أهوالها.
قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن بىخۇت بولۇش قىيامەتنىڭ خاپىلىقىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

لَا يَسۡمَعُونَ حَسِيسَهَاۖ وَهُمۡ فِي مَا ٱشۡتَهَتۡ أَنفُسُهُمۡ خَٰلِدُونَ
جەھەننەمنىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يەتمەيدۇ، ئۇلار كۆڭلى تارتقان نازۇ - نئېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ نېئمەتلىرى قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
لَا يَحۡزُنُهُمُ ٱلۡفَزَعُ ٱلۡأَكۡبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ هَٰذَا يَوۡمُكُمُ ٱلَّذِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
دوزاخ ئەھلىگە دوزاخ تۇۋاقلانغاندا جەننەت ئەھلىنى كاتتا قورقۇنچمۇ قورقۇتالمايدۇ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر قىزغىن قارشى ئېلىپ: دۇنيادا سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈن مۇشۇ، بۇ كۈندە ئېرىشىدىغان نېئمەتلەردىن خۇرسەن بولۇڭلار، دەيدۇ.
阿拉伯语经注:
يَوۡمَ نَطۡوِي ٱلسَّمَآءَ كَطَيِّ ٱلسِّجِلِّ لِلۡكُتُبِۚ كَمَا بَدَأۡنَآ أَوَّلَ خَلۡقٖ نُّعِيدُهُۥۚ وَعۡدًا عَلَيۡنَآۚ إِنَّا كُنَّا فَٰعِلِينَ
ئۇ كۈندە بىز ئاسماننى خەت يېزىلغان قەغەزنى قاتلىغاندەك قاتلايمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپ يارىتىلغان ھالىتىدە توپلايمىز. بۇ بىزنىڭ خىلاپلىق قىلىنمايدىغان راست ۋەدىمىزدۇر. شەكسىزكى بىز قىلغان ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
阿拉伯语经注:
وَلَقَدۡ كَتَبۡنَا فِي ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعۡدِ ٱلذِّكۡرِ أَنَّ ٱلۡأَرۡضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ ٱلصَّٰلِحُونَ
بىز لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتكەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا: ھەقىقەتەن ئاللاھ زېمىنغا ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن ياخشى ئەمەل قىلغان سالىھ بەندىلىرىنى ۋارىس قىلىدۇ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدۇر، دەپ يازدۇق.
阿拉伯语经注:
إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَٰغٗا لِّقَوۡمٍ عَٰبِدِينَ
بىز نازىل قىلغان قۇرئاندا پەرۋەردىگارى يولغا قويغان پىرىنسىپ بويىچە ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئەلۋەتتە يېتەرلىك ۋەز - نەسىھەت بار، بۇ ۋەز - نەسىھەتلەردىن ئاشۇلارلا مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
ئەي مۇھەممەد! سېنى بىز پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا رەھمەت بولغان پەيغەمبەر قىلدۇق. چۈنكى سەن كىشىلەرنىڭ ھىدايىتىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ھېرىسمەن بولۇش سۈپىتىگە ئىگىدۇرسەن.
阿拉伯语经注:
قُلۡ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ئۇ ئاللاھتۇر، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئىتائىتىدە ئەمەل قىلىش بىلەن بويسۇنۇڭلار.
阿拉伯语经注:
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ ءَاذَنتُكُمۡ عَلَىٰ سَوَآءٖۖ وَإِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٞ مَّا تُوعَدُونَ
ئەگەر ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئۇقتۇردۇم، مەن ۋە سىلەر ئوخشاش، مەن بىلەن ئاراڭلاردا پەرق يوق، ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ قاچان چۈشىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.
阿拉伯语经注:
إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡتُمُونَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاشكارا سۆزۈڭلارنىمۇ، مەخپىي قىلغان سۆزۈڭلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَإِنۡ أَدۡرِي لَعَلَّهُۥ فِتۡنَةٞ لَّكُمۡ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ
سىلەرگە ئازابنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سىلەرگە بولغان سىناق بولۇپ، ئاللاھ سىلەرنى تۇيدۇرماي جازالىماقچىمۇ - يوق، سىلەرنىڭ كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر سىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈشمۇ - يوق، بىلمەيمەن.
阿拉伯语经注:
قَٰلَ رَبِّ ٱحۡكُم بِٱلۡحَقِّۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! بىز بىلەن كۇپرىدا ئىزچىل چىڭ تۇرغان قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، بىز سىلەر دەۋاتقان كۇپۇرلۇق ۋە يالغانچىلىققا قارىتا رەھمان سۈپەتلىك رەببىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، دېدى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• الصلاح سبب للتمكين في الأرض.
ياخشىلىنىش زېمىندا قۇدرەت تېپىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• بعثة النبي صلى الله عليه وسلم وشرعه وسنته رحمة للعالمين.
مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، شەرىئىتى ۋە سۈننىتى ئالەملەرگە رەھمەتتۇر.

• الرسول صلى الله عليه وسلم لا يعلم الغيب.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەيىبنى بىلمەيدۇ.

• علم الله بما يصدر من عباده من قول.
ئاللاھ بەندىلىرىدىن سادىر بولىدىغان گەپ - سۆزلەرنى بىلىدۇ.

 
含义的翻译 章: 安比亚仪
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭