Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 安比亚仪   段:
لَا يَسۡمَعُونَ حَسِيسَهَاۖ وَهُمۡ فِي مَا ٱشۡتَهَتۡ أَنفُسُهُمۡ خَٰلِدُونَ
جەھەننەمنىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يەتمەيدۇ، ئۇلار كۆڭلى تارتقان نازۇ - نئېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ نېئمەتلىرى قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
لَا يَحۡزُنُهُمُ ٱلۡفَزَعُ ٱلۡأَكۡبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ هَٰذَا يَوۡمُكُمُ ٱلَّذِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
دوزاخ ئەھلىگە دوزاخ تۇۋاقلانغاندا جەننەت ئەھلىنى كاتتا قورقۇنچمۇ قورقۇتالمايدۇ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر قىزغىن قارشى ئېلىپ: دۇنيادا سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈن مۇشۇ، بۇ كۈندە ئېرىشىدىغان نېئمەتلەردىن خۇرسەن بولۇڭلار، دەيدۇ.
阿拉伯语经注:
يَوۡمَ نَطۡوِي ٱلسَّمَآءَ كَطَيِّ ٱلسِّجِلِّ لِلۡكُتُبِۚ كَمَا بَدَأۡنَآ أَوَّلَ خَلۡقٖ نُّعِيدُهُۥۚ وَعۡدًا عَلَيۡنَآۚ إِنَّا كُنَّا فَٰعِلِينَ
ئۇ كۈندە بىز ئاسماننى خەت يېزىلغان قەغەزنى قاتلىغاندەك قاتلايمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپ يارىتىلغان ھالىتىدە توپلايمىز. بۇ بىزنىڭ خىلاپلىق قىلىنمايدىغان راست ۋەدىمىزدۇر. شەكسىزكى بىز قىلغان ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
阿拉伯语经注:
وَلَقَدۡ كَتَبۡنَا فِي ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعۡدِ ٱلذِّكۡرِ أَنَّ ٱلۡأَرۡضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ ٱلصَّٰلِحُونَ
بىز لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتكەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا: ھەقىقەتەن ئاللاھ زېمىنغا ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن ياخشى ئەمەل قىلغان سالىھ بەندىلىرىنى ۋارىس قىلىدۇ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدۇر، دەپ يازدۇق.
阿拉伯语经注:
إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَٰغٗا لِّقَوۡمٍ عَٰبِدِينَ
بىز نازىل قىلغان قۇرئاندا پەرۋەردىگارى يولغا قويغان پىرىنسىپ بويىچە ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئەلۋەتتە يېتەرلىك ۋەز - نەسىھەت بار، بۇ ۋەز - نەسىھەتلەردىن ئاشۇلارلا مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
ئەي مۇھەممەد! سېنى بىز پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا رەھمەت بولغان پەيغەمبەر قىلدۇق. چۈنكى سەن كىشىلەرنىڭ ھىدايىتىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ھېرىسمەن بولۇش سۈپىتىگە ئىگىدۇرسەن.
阿拉伯语经注:
قُلۡ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ئۇ ئاللاھتۇر، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئىتائىتىدە ئەمەل قىلىش بىلەن بويسۇنۇڭلار.
阿拉伯语经注:
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ ءَاذَنتُكُمۡ عَلَىٰ سَوَآءٖۖ وَإِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٞ مَّا تُوعَدُونَ
ئەگەر ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئۇقتۇردۇم، مەن ۋە سىلەر ئوخشاش، مەن بىلەن ئاراڭلاردا پەرق يوق، ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ قاچان چۈشىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.
阿拉伯语经注:
إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡتُمُونَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاشكارا سۆزۈڭلارنىمۇ، مەخپىي قىلغان سۆزۈڭلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَإِنۡ أَدۡرِي لَعَلَّهُۥ فِتۡنَةٞ لَّكُمۡ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ
سىلەرگە ئازابنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سىلەرگە بولغان سىناق بولۇپ، ئاللاھ سىلەرنى تۇيدۇرماي جازالىماقچىمۇ - يوق، سىلەرنىڭ كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر سىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈشمۇ - يوق، بىلمەيمەن.
阿拉伯语经注:
قَٰلَ رَبِّ ٱحۡكُم بِٱلۡحَقِّۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! بىز بىلەن كۇپرىدا ئىزچىل چىڭ تۇرغان قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، بىز سىلەر دەۋاتقان كۇپۇرلۇق ۋە يالغانچىلىققا قارىتا رەھمان سۈپەتلىك رەببىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، دېدى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• الصلاح سبب للتمكين في الأرض.
ياخشىلىنىش زېمىندا قۇدرەت تېپىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• بعثة النبي صلى الله عليه وسلم وشرعه وسنته رحمة للعالمين.
مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، شەرىئىتى ۋە سۈننىتى ئالەملەرگە رەھمەتتۇر.

• الرسول صلى الله عليه وسلم لا يعلم الغيب.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەيىبنى بىلمەيدۇ.

• علم الله بما يصدر من عباده من قول.
ئاللاھ بەندىلىرىدىن سادىر بولىدىغان گەپ - سۆزلەرنى بىلىدۇ.

 
含义的翻译 章: 安比亚仪
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭