Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 安比亚仪   段:
فَجَعَلَهُمۡ جُذَٰذًا إِلَّا كَبِيرٗا لَّهُمۡ لَعَلَّهُمۡ إِلَيۡهِ يَرۡجِعُونَ
ئىبراھىم ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى. ئۇلار قايتقانلىرىدا بۇتلارنى كىمنىڭ چېقىۋەتكەنلىكىنى سورىشى ئۈچۈن بۇتلارنىڭ چوڭىنى چاقماي قالدۇردى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ مَن فَعَلَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَآ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، بۇتلىرىنىڭ پارچە - پارچە قىلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ بىر - بىرىگە: مەبۇدلىرىمىزنى كىم مۇشۇنداق قىلىۋەتتى؟ بۇنى كىم قىلغان بولسا، ئۇ ئەلۋەتتە زالىملاردىن ئىكەن. چۈنكى ئۇ كاتتىلاشقا ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىق بولغان نەرسىنى خارلاپتۇ، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ سَمِعۡنَا فَتٗى يَذۡكُرُهُمۡ يُقَالُ لَهُۥٓ إِبۡرَٰهِيمُ
ئۇلارنىڭ بەزىسى: بىز ئىبراھىم ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەپ يامان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، شۇ چېقىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ فَأۡتُواْ بِهِۦ عَلَىٰٓ أَعۡيُنِ ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡهَدُونَ
ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرى: ئىبراھىمنى پۈتۈن خالايىق توپلىشىدىغان، ھەممە كۆرىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇلارمۇ ئىبراھىمنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئىقرار قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىقرارى سىلەرنىڭ ئۇنى جازالىشىڭلارغا پاكىت بولىدۇ، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُوٓاْ ءَأَنتَ فَعَلۡتَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَا يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ
ئۇلار ئىبراھىمنى ئەكېلىپ ئۇنىڭدىن: ئەي ئىبراھىم! بىزنىڭ مەبۇدلىرىمىزغا مۇشۇنداق ناچار قىلىقنى زادى سەن قىلدىڭمۇ؟ دەپ سوراشتى.
阿拉伯语经注:
قَالَ بَلۡ فَعَلَهُۥ كَبِيرُهُمۡ هَٰذَا فَسۡـَٔلُوهُمۡ إِن كَانُواْ يَنطِقُونَ
ئىبراھىم ئۇلارنى مازاق قىلىپ، پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ مەبۇتلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن: مەن قىلمىدىم، بەلكى بۇتلارنىڭ چوڭى قىلدى. ئەگەر سۆزلىيەلىسە شۇ بۇتلىرىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار، دېدى.
阿拉伯语经注:
فَرَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ فَقَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ أَنتُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئۇلار سەل ھوشىنى يىغىپ، ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مەبۇدلىرىنىڭ ھېچقانداق پايدا - زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشتى. دېمەك ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شۇ بۇتلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق زالىم بولغان ئىدى.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ نُكِسُواْ عَلَىٰ رُءُوسِهِمۡ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَا هَٰٓؤُلَآءِ يَنطِقُونَ
ئاندىن ئۇلار تەرسالىقى ۋە ئىنكارچىلىقى تۈپەيلىدىن: ئەي ئىبراھىم! ئەمەلىيەتتە بۇ بۇتلارنىڭ سۆز قىلالمايدىغانلىقىنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنى يەنە نېمىشقا ئۇلاردىن سوراپ بېقىشقا بۇيرۇيسەن؟ دېيىشتى. ئەسلىدە ئۇلار بۇ گەپنى ئۆزلىرىگە بىر باھانە قىلماقچى ئىدى، لېكىن بۇ گەپ ئۇلارغا قارشى پاكىت بوپقالدى.
阿拉伯语经注:
قَالَ أَفَتَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا يَضُرُّكُمۡ
ئىبراھىم ئۇلارنى ئەيىبلەپ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىگىمۇ نە پايدا يەتكۈزۈشتىن، نە زىياننى قايتۇرۇشتىن ئاجىزلىق قىلىدىغان نەرسىگە چوقۇنامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
أُفّٖ لَّكُمۡ وَلِمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
سىلەرگە ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلىرىڭلارغا لەنەت بولسۇن! شۇنىمۇ چۈشەنمەمسىلەر؟ ئۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلىمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
قَالُواْ حَرِّقُوهُ وَٱنصُرُوٓاْ ءَالِهَتَكُمۡ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ
ئۇلار ئىبراھىمغا دەلىل - پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالمىغاندىن كېيىن مۇشتۇمزورلۇققا ئۆتۈپ: ئەگەر باشقىلارغا ئىبرەت قىلايلى دېسەڭلار، ئىبراھىم پاچاقلاپ، سۇندۇرۇۋەتكەن بۇتلىرڭلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قُلۡنَا يَٰنَارُ كُونِي بَرۡدٗا وَسَلَٰمًا عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوت يېقىپ، ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلىدى. ئاندىن بىز ئوتقا: ئەي ئوت! ئىبراھىمغا سالقىنلىق ۋە ئامانلىق بېغىشلىغىن، دېدۇق. دەرۋەقە ئوت شۇنداق بولدى. نەتىجىدە ئوت ئىبراھىمغا قىلچە زىيان يەتكۈزمىدى.
阿拉伯语经注:
وَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَخۡسَرِينَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا ئوتتا كۆيدۈرۈش ئارقىلىق سۇيىقەست قىلماقچى بولغاندا بىز ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى تامامەن مەغلۇپ بولغۇچىلاردىن قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَنَجَّيۡنَٰهُ وَلُوطًا إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا لِلۡعَٰلَمِينَ
بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتۇلدۇرۇپ، شام زېمىنىغا ئېلىپ چىقتۇق. بىز ئۇ جاينى نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ھەمدە پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۈچۈن ياخشىلىقلارنى چېچىش ئارقىلىق بەرىكەتلىك قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ نَافِلَةٗۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا صَٰلِحِينَ
ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغاندا بىز ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇنىڭدىن كېيىن) يەئقۇبنىمۇ قوشۇپ بەردۇق. ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، سالىھ بەندىلەر قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• جواز استخدام الحيلة لإظهار الحق وإبطال الباطل.
ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ، سەپسەتىنى بەربات قىلىش ئۈچۈن چارە قوللىنىشقا بولىدۇ.

• تعلّق أهل الباطل بحجج يحسبونها لهم، وهي عليهم.
خاتا ئېقىمدىكىلەر دەلىللىرىگە ئېسلىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلىش ئۇلارغا زىيانلىقتۇر.

• التعنيف في القول وسيلة من وسائل التغيير للمنكر إن لم يترتّب عليه ضرر أكبر.
قاتتىق سۆز قىلىشمۇ ئەگەر ئۇنىڭدىن چوڭ زىيان كېلىپ چىقمىسا، مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتىكى ۋاسىتىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

• اللجوء لاستخدام القوة برهان على العجز عن المواجهة بالحجة.
مۇشتۇمزورلۇق قىلىش دەلىل - پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالمىغانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• نَصْر الله لعباده المؤمنين، وإنقاذه لهم من المحن من حيث لا يحتسبون.
ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە بولغان ياردىمى ھەم ئۇلارنى جاپا - مۇشەققەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۇلار ئويلاپ باقمىغان يەردىن كېلىدۇ.

 
含义的翻译 章: 安比亚仪
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭