Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Yā-Sīn   Ayah:

ياسىن

Purposes of the Surah:
إثبات الرسالة والبعث ودلائلهما.
پەيغەمبەرلىك، قايتىدىن تىرىلىش ۋە بۇلارنىڭ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

يسٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡحَكِيمِ
ئاللاھ تائالا ئايەتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا ۋە ھېكمەتلىك، ئۇنىڭ ئالدىدىنمۇ ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرەپتىن) باتىل يۈزلىنەلمەيدىغان قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ئى پەيغەمبەر! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى تەۋھىدكە ۋە ئىبادەتكە بۇيرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىنسەن.
Arabic explanations of the Qur’an:
عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
سەن توغرا يول ھەم توغرا شەرىئەت ئۈستىدىدۇرسەن. بۇ توغرا يول ۋە توغرا شەرىئەت ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
تَنزِيلَ ٱلۡعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ
سەن توغرا يول ھەم توغرا شەرىئەت ئۈستىدىدۇرسەن. بۇ توغرا يول ۋە توغرا شەرىئەت ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أُنذِرَ ءَابَآؤُهُمۡ فَهُمۡ غَٰفِلُونَ
بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى شۇنداق بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇقكى، ئۇلار بولسا ئەرەبلەردۇر. ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار ئىماندىن ۋە تەۋھىد ئېتىقادىدىن بىخەۋەردۇر. ئەنە شۇنىڭدەك ئاگاھلاندۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالغان ھەر قانداق ئۈممەت (ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى) ئەسلىتىدىغان پەيغەمبەرلەرگە موھتاج بولىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَقَدۡ حَقَّ ٱلۡقَوۡلُ عَلَىٰٓ أَكۡثَرِهِمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئاللاھنىڭ ئازابى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن ھەقىقەت كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتماي، كۇپرىدا چىڭ تۇرۇشتى. دېمەك ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتمايدۇ، ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتكىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّا جَعَلۡنَا فِيٓ أَعۡنَٰقِهِمۡ أَغۡلَٰلٗا فَهِيَ إِلَى ٱلۡأَذۡقَانِ فَهُم مُّقۡمَحُونَ
ئۇلار بۇنىڭدا (يەنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىقتا) بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنغان، قوللىرى زاڭاقلىرىنىڭ ئاستىغا بويۇنلىرى بىلەن قوشۇپ باغلانغان، شۇ سەۋەبتىن باشلىرىنى ئاسمان تەرەپكە كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە باشلىرىنى پەس قىلالمايدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن كىشەنلەنگەنلەردۇركى، ئۇنىڭغا باش ئېگەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشلىرىنى پەسمۇ قىلالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَجَعَلۡنَا مِنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ سَدّٗا وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ سَدّٗا فَأَغۡشَيۡنَٰهُمۡ فَهُمۡ لَا يُبۡصِرُونَ
بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتتىن بىر توسۇق، كەينىدىمۇ بىر توسۇق پەيدا قىلدۇق، كۆزلىرىنى ھەقىقەتتىن پەردىلىۋەتتۇق. شۇڭا ئۇلار ھەقىقەتنى ئەسقاتىدىغان رەۋىشتە كۆرەلمەيدۇ. بۇ خىل ھالەت، ھەقىقەت ئاشكارا بولغان تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا كۇپۇرلۇقتا چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن شەكىللەندى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَسَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ ءَأَنذَرۡتَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تُنذِرۡهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ياكى ئاگاھلاندۇرمامسەن، ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغۇچى بۇ كاپىرلارغا بەرىبىر. چۈنكى ئۇلار سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّمَا تُنذِرُ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلذِّكۡرَ وَخَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِۖ فَبَشِّرۡهُ بِمَغۡفِرَةٖ وَأَجۡرٖ كَرِيمٍ
شەكسىزكى بۇ قۇرئاننى راست دەپ بىلگەن، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلغان، پەرۋەردىگارىدىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان خىلۋەتتە قالغاندىمۇ ئۇنىڭدىن قورققان ئادەمگىلا سېنىڭ ئاگاھلاندۇرغىنىڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھىنى يوققا چىقىرىپ، مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىدىن ھەمدە ئاخىرەتتە ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگىن.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَنَكۡتُبُ مَا قَدَّمُواْ وَءَاثَٰرَهُمۡۚ وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ فِيٓ إِمَامٖ مُّبِينٖ
شەكسىزكى بىز قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇلارنىڭ مەيلى سەدىقە جارىيەگە ئوخشاش ياخشىلىقلىرى بولسۇن ياكى كۇپۇرلۇققا ئوخشاش يامانلىقلىرى بولسۇن، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئىزى قېپقالىدىغان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز. دەرۋەقە بىز ھەر نەرسىنى روشەن كىتابقا، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈپ قويدۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• العناد مانع من الهداية إلى الحق.
سەركەشلىك ھەقىقەتكە ئېرىشىشكە توسالغۇ بولىدۇ.

• العمل بالقرآن وخشية الله من أسباب دخول الجنة.
قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھتىن قورقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• فضل الولد الصالح والصدقة الجارية وما شابههما على العبد المؤمن.
سالىھ پەرزەنت، سەدىقە جارىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار مۇئمىن بەندىگە قىلىنغان ئىلتىپاتتۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Yā-Sīn
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close