Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 舍尔拉仪   段:
كَذَّبَتۡ قَوۡمُ لُوطٍ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
لۇت قەۋمى لۇتنى ئىنكار قىلغانلىق تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى.
阿拉伯语经注:
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.
阿拉伯语经注:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
阿拉伯语经注:
أَتَأۡتُونَ ٱلذُّكۡرَانَ مِنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ
سىلەر ئىنسانلاردىن ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمۡ رَبُّكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُمۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٌ عَادُونَ
پەرۋەردىگارىڭلار شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئاياللىرىڭلارنى تاشلامسىلەر؟ سىلەر مۇشۇنداق ناچار قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قەۋمسىلەر.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ يَٰلُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُخۡرَجِينَ
قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي لۇت! ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئىشتىن چەكلەشتىن ۋە بىزنى ئەيىبلەشتىن توختىمىساڭ، سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر يۇرتىمىزدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىلىسىلەر، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالَ إِنِّي لِعَمَلِكُم مِّنَ ٱلۡقَالِينَ
لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: مەن سىلەرنىڭ بۇ يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىمەن.
阿拉伯语经注:
رَبِّ نَجِّنِي وَأَهۡلِي مِمَّا يَعۡمَلُونَ
لۇت يەنە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مۇشۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلار دۇچار بولىدىغان ئازابتىن مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتۇلدۇرغىن.
阿拉伯语经注:
فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ
شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ھەم تەۋەلىرىنى تولۇق قۇتۇلدۇردۇق.
阿拉伯语经注:
إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ
لېكىن ئۇنىڭ ئايالى كاپىر بولغانلىقتىن ھالاك بولغۇچىلار بىلەن بىرگە كەتتى.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ
لۇت ئۆز تەۋەلىرىنى ئېلىپ سەدۇم شەھىرىدىن چېقىپ كەتكەندىن كېيىن قەۋمىنىڭ قالغانلىرىنى ئېچىنىشلىق ھالاك قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلۡمُنذَرِينَ
بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن خۇددى يامغۇر ياغدۇرغاندەك تاش ياغدۇردۇق. بۇلارنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان! لۇت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار يەنە مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشتىن ئەسكەرتكەن ئىدى.
阿拉伯语经注:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
شەكسىزكى يۇقىرىدا لۇت قەۋمىنىڭ ناچار قىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئازابتا ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
阿拉伯语经注:
كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ لۡـَٔيۡكَةِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
مەديەن شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بۈك - باراقسان ئورمانلىققا جايلاشقان كەنتتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى.
阿拉伯语经注:
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ شُعَيۡبٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.
阿拉伯语经注:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
阿拉伯语经注:
۞ أَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَلَا تَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُخۡسِرِينَ
كىشىلەرگە بىر نەرسە ساتقاندا تولۇق (تارتىپ) بېرىڭلار، ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار.
阿拉伯语经注:
وَزِنُواْ بِٱلۡقِسۡطَاسِ ٱلۡمُسۡتَقِيمِ
باشقىلارغا بىر نەرسە تارتىپ بەرگەندە توغرا تارازىدا تارتىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
كىشىلەرنىڭ ھەققىنى كەم بەرمەڭلار، گۇناھ - مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزۇقچىلىقنى كۆپەيتىۋەتمەڭلار.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• اللواط شذوذ عن الفطرة ومنكر عظيم.
ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا بەچچىۋازلىق نورمال تەبىئەتتىن چىقىپ كەتكەنلىك بولۇپ، قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان قىلمىشتۇر.

• من الابتلاء للداعية أن يكون أهل بيته من أصحاب الكفر أو المعاصي.
دەۋەتچىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ كاپىر ياكى ئاسىيلاردىن بوپقېلىشى ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن سىناقتۇر.

• العلاقات الأرضية ما لم يصحبها الإيمان، لا تنفع صاحبها إذا نزل العذاب.
بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ئىمان بولمىسا، ئازاب كەلگەن چاغدا قىلچە ئەسقاتمايدۇ.

• وجوب وفاء الكيل وحرمة التَّطْفِيف.
ئۆلچەمدە تولۇق بېرىش ۋاجىب، كەم بېرىش ھارامدۇر.

 
含义的翻译 章: 舍尔拉仪
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭