Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 舍尔拉仪   段:
إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا خُلُقُ ٱلۡأَوَّلِينَ
بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ دىنى، ئادىتى ۋە ئەخلاقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
阿拉伯语经注:
وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ
بىز جازالانمايمىز.
阿拉伯语经注:
فَكَذَّبُوهُ فَأَهۡلَكۡنَٰهُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
ئۇلار پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاندىن بىز ئۇلارنى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق بوران بىلەن ھالاك قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھالاكەتتە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر.
阿拉伯语经注:
كَذَّبَتۡ ثَمُودُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
سەمۇد خەلقى ئۆز پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
阿拉伯语经注:
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ صَٰلِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.
阿拉伯语经注:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
阿拉伯语经注:
أَتُتۡرَكُونَ فِي مَا هَٰهُنَآ ءَامِنِينَ
سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
وَزُرُوعٖ وَنَخۡلٖ طَلۡعُهَا هَضِيمٞ
سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمان بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
وَتَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا فَٰرِهِينَ
سىلەر تاغلارنى تېشىشكە ماھىر بولغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ تاغلارنى تېشىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ياسامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
阿拉伯语经注:
وَلَا تُطِيعُوٓاْ أَمۡرَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلىدىغانلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماڭلار.
阿拉伯语经注:
ٱلَّذِينَ يُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا يُصۡلِحُونَ
ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەت تارقىتىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى تۈزىمەيدۇ.
阿拉伯语经注:
قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلۡمُسَحَّرِينَ
قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن ھەقىقەتەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، ساراڭ بوپقاپسەن، دېدى.
阿拉伯语经注:
مَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا فَأۡتِ بِـَٔايَةٍ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سېنىڭ پەيغەمبەر بولغۇدەك بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دېگەن گېپىڭدە راستچىل بولساڭ، پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن.
阿拉伯语经注:
قَالَ هَٰذِهِۦ نَاقَةٞ لَّهَا شِرۡبٞ وَلَكُمۡ شِرۡبُ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ
سالىھ ئۇلارغا ئېيتتى: (سىلەرنىڭ مۆجىزە كەلتۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلغىنىڭلارغا قارىتا) ئاللاھ تائالا بىر ئالامەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئالامەت ئاللاھ تائالا قورام تاشتىن چىقىرىپ بەرگەن چىشى تۆگىدۇركى، ئۇنى كۆرۈپ، تۇتۇپ باققىلى بولىدۇ. (سىلەر ئىچىۋاتقان) سۇدىن مۇشۇ تۆگىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق نېسىۋىسى بار، سىلەرنىڭمۇ مەلۇم نېسىۋەڭلار بار. سىلەرنىڭ نۆۋىتىڭلار كەلگەن كۈندە تۆگە سۇ ئىچمەيدۇ، تۆگىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈندە سىلەر ئىچمەيسىلەر.
阿拉伯语经注:
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابُ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
ئۇ تۆگىنى ئۇرۇش ياكى بوغۇزلاش ئارقىلىق يامانلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، شۇ سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئازاب كەلگەن كۈندە سىلەرنى شۇ ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
فَعَقَرُوهَا فَأَصۡبَحُواْ نَٰدِمِينَ
ئۇلار تۆگىنى بوغۇزلاشقا تىل بىرىكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە چوقۇم ئازاب كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئازابنى كۆرگەندە قىلغان پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
阿拉伯语经注:
فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئۇلارنى تۇتتى، ئۇ ئازاب يەر تەۋرەش ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سالىھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن كاتتا ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• توالي النعم مع الكفر استدراج للهلاك.
كۇپۇرلۇق قىلسىمۇ نېئمەتنىڭ داۋاملىشىشى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر.

• التذكير بالنعم يُرتجى منه الإيمان والعودة إلى الله من العبد.
نېئمەتلەرنى ئەسلىتىشتىن بەندىنىڭ ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھ تەرەپكە قايتىۋېلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

• المعاصي هي سبب الفساد في الأرض.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر زېمىندا بۇزۇقچىلىق يامرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

 
含义的翻译 章: 舍尔拉仪
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭