Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Surja: El Isra   Ajeti:
۞ قُلۡ كُونُواْ حِجَارَةً أَوۡ حَدِيدًا
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەي مۇشرىكلار! كۈچۈڭلار يەتسە قاتتىقلىقتا تاش، كۈچ - قۇۋەتتە تۆمۈر بولۇپ كېتىڭلار. ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
أَوۡ خَلۡقٗا مِّمَّا يَكۡبُرُ فِي صُدُورِكُمۡۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَاۖ قُلِ ٱلَّذِي فَطَرَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖۚ فَسَيُنۡغِضُونَ إِلَيۡكَ رُءُوسَهُمۡ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَۖ قُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَرِيبٗا
ياكى خىيالىڭلاردا تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان باشقا بىر مەخلۇق بولۇپ كېتىڭلار. ئاللاھ چوقۇم سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتىدىن يارىتىپ، تىرىلدۈرىدۇ. بۇ بويۇنتاۋ ئىنسانلار: بىزنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىم تىرىلدۈرىدۇ؟ دېيىشىدۇ. ئۇلارغا: سىلەرنى تۇنجى قېتىم ئۆرنەكسىز ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ بەرگەن جاۋابىڭنى مەنسىتمىگەن ھالدا باشلىرىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ ۋە بۇنداق بولۇشىنى يىراق ساناپ: بۇ قايتىلىنىش قاچان بولىدۇ؟ دەيدۇ. ئۇلارغا: پات - يېقىندا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، دېگىن.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَوۡمَ يَدۡعُوكُمۡ فَتَسۡتَجِيبُونَ بِحَمۡدِهِۦ وَتَظُنُّونَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا
ئاللاھ سىلەرنى مەھشەر مەيدانىغا چاقىرغان كۈندە قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنى مەدھىيەلەيسىلەر ھەمدە ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك ئويلايسىلەر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُواْ ٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ يَنزَغُ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٗا مُّبِينٗا
ئەي پەيغەمبەر! ماڭا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، ناچار، يىرگىنىشلىك سۆزلەردىن ساقلانسۇن. چۈنكى شەيتان شۇنداق ناچار سۆزلەردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شەكسىزكى شەيتان ئىنساننىڭ ئوپئوچۇق دۈشمىنىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
Tefsiret në gjuhën arabe:
رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِكُمۡۖ إِن يَشَأۡ يَرۡحَمۡكُمۡ أَوۡ إِن يَشَأۡ يُعَذِّبۡكُمۡۚ وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ وَكِيلٗا
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى ياخشى بىلىدۇ، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئىشىڭلار ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى خالىسا، سىلەرنى ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق رەھمەت قىلىدۇ. ناۋادا سىلەرنى ئازابلاشنى خالىسا، سىلەرنى ئىماندىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئازابلايدۇ ۋە سىلەرنى كاپىر پېتى ۋاپات تاپقۇزىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان، كۇپرىدىن توسىدىغان، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ساناپ تۇرىدىغان ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. سەن پەقەتلا ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرسەن.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِمَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَلَقَدۡ فَضَّلۡنَا بَعۡضَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ عَلَىٰ بَعۡضٖۖ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر كىمنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە نېمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە كىتاب نازىل قىلىنىش بىلەن بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا زەبۇرنى بەردۇق.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِهِۦ فَلَا يَمۡلِكُونَ كَشۡفَ ٱلضُّرِّ عَنكُمۡ وَلَا تَحۡوِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر خاپىلىق كەلسە، ئۇلار ئاجىز بولغاچقا سىلەردىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشكىمۇ، باشقىلارغا يۆتكىۋېتىشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاجىز نەرسە ئىلاھمۇ بولالمايدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ يَبۡتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ ٱلۡوَسِيلَةَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ وَيَرۡجُونَ رَحۡمَتَهُۥ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُۥٓۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحۡذُورٗا
ئۇلار سىغىنىۋاتقان پەرىشتىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشماقچى بولىدۇ، تائەت - ئىبادەت بىلەن قايسى ئاللاھقا بەكرەك يېقىنلىشالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەسلىشىدۇ ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە رەھىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئازابلىشىدىن قورقىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەنمۇ ئېھتىيات قىلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَإِن مِّن قَرۡيَةٍ إِلَّا نَحۡنُ مُهۡلِكُوهَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَوۡ مُعَذِّبُوهَا عَذَابٗا شَدِيدٗاۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَسۡطُورٗا
ھەر قانداق بىر كەنت ياكى شەھەر (ئاھالىسى)نىڭ كۇپرىلىقى تۈپەيلى بىز ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ئازاب ۋە ھالاكەت چۈشۈرىمىز ياكى ئۆلتۈرۈلۈش يا باشقا ئازابلار بىلەن قاتتىق جازالايمىز. بۇ ھالاك قىلىش ۋە ئازاب لەۋھۇلمەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھىي ھۆكۈمدۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• القول الحسن داع لكل خلق جميل وعمل صالح، فإنَّ من ملك لسانه ملك جميع أمره.
ياخشى سۆز ھەر تۈرلۈك گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەلگە چاقىرىدۇ، چۈنكى تىلىنى باشقۇرالىغان ئادەم چوقۇم بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرالايدۇ.

• فاضل الله بين الأنبياء بعضهم على بعض عن علم منه وحكمة.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ئىلىم ۋە ھېكمەتتە بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدى.

• الله لا يريد بعباده إلا ما هو الخير، ولا يأمرهم إلا بما فيه مصلحتهم.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پەقەت ياخشىلىقنىلا خالايدۇ، ئۇلارنى پەقەت ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئىشلارغىلا بۇيرۇيدۇ.

• علامة محبة الله أن يجتهد العبد في كل عمل يقربه إلى الله، وينافس في قربه بإخلاص الأعمال كلها لله والنصح فيها.
بەندىنىڭ ئۆزىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئەمەلنى قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، بارلىق ئەمەللىرىنى ئاللاھقا خالىس قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتا بەسلىشىشى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئالامىتىدۇر.

 
Përkthimi i kuptimeve Surja: El Isra
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll