Check out the new design

クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳) * - 対訳の目次


対訳 章: アル=ヒジュル章   節:
وَلَقَدۡ جَعَلۡنَا فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَزَيَّنَّٰهَا لِلنَّٰظِرِينَ
ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلارنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز سەپەرلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقتا يول تېپىشى ئۈچۈن ئاسماندا كاتتا يۇلتۇزلارنى قىلدۇق، نەزەر سالغۇچىلار ۋە كۈزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى .ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاسمانلارنى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق
アラビア語 クルアーン注釈:
وَحَفِظۡنَٰهَا مِن كُلِّ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٍ
ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھەر بىر شەيتاندىن ئاسماننى .مۇھاپىزەت قىلدۇق
アラビア語 クルアーン注釈:
إِلَّا مَنِ ٱسۡتَرَقَ ٱلسَّمۡعَ فَأَتۡبَعَهُۥ شِهَابٞ مُّبِينٞ
لېكىن ئاسمان خەۋەرلىرىگە ئوغۇرلۇقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتانلارنى نۇرلۇق ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ كۆيدۈرىدۇ.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ شَيۡءٖ مَّوۡزُونٖ
ئىنسانلارنىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن زېمىننى يايدۇق، زېمىننىڭ ئىنسانلار بىلەن تەۋرىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى قىلدۇق، زېمىندە ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆلچەملىك نۇرغۇن .ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
アラビア語 クルアーン注釈:
وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَ وَمَن لَّسۡتُمۡ لَهُۥ بِرَٰزِقِينَ
ئى ئىنسانلار! زېمىندا سىلەر دۇنيادا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى قىلدۇق، سىلەردىن باشقا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردىن سىلەر رىزىق بېرەلمەيدىغان نەرسىلەر .ئۈچۈنمۇ لازىمەتلىكلىرىنى قىلدۇق
アラビア語 クルアーン注釈:
وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَآئِنُهُۥ وَمَا نُنَزِّلُهُۥٓ إِلَّا بِقَدَرٖ مَّعۡلُومٖ
ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسە بولسا، بىز ئۇنى كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك قىلىپ يارىتىشقا قادىرمىز، بىز ئۇنى بىزنىڭ خالىشىمىز ۋە ھېكمىتىمىزنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە مەلۇم .مىقداردا پەيدا قىلىمىز
アラビア語 クルアーン注釈:
وَأَرۡسَلۡنَا ٱلرِّيَٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَسۡقَيۡنَٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمۡ لَهُۥ بِخَٰزِنِينَ
بىز بۇلۇتلارنى ھەيدەيدىغان شامالنى ئەۋەتتۇق، شامالنىڭ سەۋەبىدىن ھەيدەلگەن بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈردۇق، سىلەرنى يامغۇر سۈيىدىن سۇغۇردۇق. ئى ئىنسانلار! بۇ سۇنى سىلەر زېمىندا بۇلاق ۋە قۇدۇقلاردا ساقلىيالمايسىلەر، ھەقىقەتەن بۇنى ئاللاھ ساقلايدۇ.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَإِنَّا لَنَحۡنُ نُحۡيِۦ وَنُمِيتُ وَنَحۡنُ ٱلۡوَٰرِثُونَ
بىز خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوق بولغاندىن كېيىن تېرىلدۈرىمىز، ئۆلگەندىن كېيىن قەبىردىن قوزغايمىز، ھاياتلارنى ئەجىلى پۈتكەندە ۋاپات تاپتۇرىمىز، بىز مەڭگۈ باقى بولۇپ زېمىن ۋە زېمىندىكى .نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىمىز
アラビア語 クルアーン注釈:
وَلَقَدۡ عَلِمۡنَا ٱلۡمُسۡتَقۡدِمِينَ مِنكُمۡ وَلَقَدۡ عَلِمۡنَا ٱلۡمُسۡتَـٔۡخِرِينَ
ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ئىلگىرى تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى بىلىمىز، سىلەردىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى بىلىمىز، .ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە بىزگە مەخپى قالمايدۇ
アラビア語 クルアーン注釈:
وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحۡشُرُهُمۡۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٞ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلاش، ناچار ئىش قىلغۇچىلارنى يامانلىق بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېغىدۇ، ئاللاھ تەدبىرىدە ھېكمەتلىكتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەستۇر.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ
ھەقىقەتەن بىز ئادەمنى چەكسە جېرىڭلايدىغان، قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان بۇ لاي ئۇزۇن تۇرۇش بىلەن .پۇرۇقى ئۆزگىرىدىغان قارا لايدۇر
アラビア語 クルアーン注釈:
وَٱلۡجَآنَّ خَلَقۡنَٰهُ مِن قَبۡلُ مِن نَّارِ ٱلسَّمُومِ
ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن ئىلگىرى جىن-شەيتانلارنىڭ ئاتىسى .بولغان جىننى كۈچلۈك ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتۇق
アラビア語 クルアーン注釈:
وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ۋە ئىبلىسقا (ئىبلىسمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدى) ھەقىقەتەن مەن پۇرىقى ئۆزگىرىدىغان، چەكسە جېرىڭلايدىغان قۇرۇق قارا لايدىن بىر ئىنسان .يارىتىمەن دېدى
アラビア語 クルアーン注釈:
فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ
مەن ئۇنى ئىنسان شەكلىگە كىرگۈزۈپ، مۇكەممەل ئىنسان قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت سەجدىسى .قىلىڭلار
アラビア語 クルアーン注釈:
فَسَجَدَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ
پەرىشتىلەر بۇيرۇققا بويسۇندى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارى .بۇيرۇغاندەك ئادەمگە سەجدە قىلدى
アラビア語 クルアーン注釈:
إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰٓ أَن يَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ
لېكىن ئىبلىس پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولغان تۇرۇغلۇق (گەرچە ئۇ پەرىشتىلەر تائىپىسىدىن بولمىسىمۇ)، پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.
アラビア語 クルアーン注釈:
本諸節の功徳:
• ينبغي للعبد التأمل والنظر في السماء وزينتها والاستدلال بها على باريها.
بەندە ئاسمانغا ۋە ئاسماننىڭ زىننەتلىرىگە نەزەر سېلىپ ۋە ئويلىنىپ بۇ ئارقىلىق ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ قۇدرەتلىك ئاللاھ ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىشى كېرەك.

• جميع الأرزاق وأصناف الأقدار لا يملكها أحد إلا الله، فخزائنها بيده يعطي من يشاء، ويمنع من يشاء، بحسب حكمته ورحمته.
بارلىق رىزىق ۋە ئۇنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشى ئىگە بولالمايدۇ، ئۇنىڭ خەزىنىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن خالىغانغا بېرىدۇ ۋە خالىغاندىن چەكلەيدۇ.

• الأرض مخلوقة ممهدة منبسطة تتناسب مع إمكان الحياة البشرية عليها، وهي مثبّتة بالجبال الرواسي؛ لئلا تتحرك بأهلها، وفيها من النباتات المختلفة ذات المقادير المعلومة على وفق الحكمة والمصلحة.
زېمىن ئۇنىڭدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھايات ئىمكانىيىتىگە مۇناسىپ شەكىلدە يېيىتىلغان ۋە زېمىن ئەھلىنىڭ تەۋرىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم .ئۆلچەمدىكى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر بار

• الأمر للملائكة بالسجود لآدم فيه تكريم للجنس البشري.
پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشتىكى ھېكەمتتىن، ئاللاھنىڭ ئىنسان ئەۋلادىغا ئىكرام قىلىشى ئىپادىلىنىدۇ.

 
対訳 章: アル=ヒジュル章
章名の目次 ページ番号
 
クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳) - 対訳の目次

Tafsir Center for Quranic Studies - 発行

閉じる