Check out the new design

Traduzione dei Significati del Sacro Corano - TRADUZIONE UIGURA dell’Esegesi Sintetica del Nobile Corano * - Indice traduzioni


Traduzione significati Sura: Tâ-Hâ   Versetto:
فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡحَقُّۗ وَلَا تَعۡجَلۡ بِٱلۡقُرۡءَانِ مِن قَبۡلِ أَن يُقۡضَىٰٓ إِلَيۡكَ وَحۡيُهُۥۖ وَقُل رَّبِّ زِدۡنِي عِلۡمٗا
ئاللاھ تائالا زاتىدا ۋە سۈپىتىدە ئالىدۇر، مۇقەددەستۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ھەممە نەرسىگە ئىگە بولغۇچى ئۆزى ۋە سۆزى ھەق پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇ زات مۈشرىكلار سۈپەتلىگەن بارلىق سۈپەتلەردىن ئالىدۇر ۋە پاكتۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جەبرائىل ساڭا قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇ تولۇق يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى قۇرئاننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇشقا ئالدىرىمىغىن. ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا تەلىم بەرگەن نەرسىدە ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن دېگىن.
Esegesi in lingua araba:
وَلَقَدۡ عَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ ءَادَمَ مِن قَبۡلُ فَنَسِيَ وَلَمۡ نَجِدۡ لَهُۥ عَزۡمٗا
بىز ئىلگىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئۇنى بۇنىڭدىن چەكلىدۇق ۋە ئاقىۋېتىنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بەردۇق. ئۇ تەۋسىيەنى ئۇنتۇپ قىلىپ سەۋىر قىلالماستىن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، ئۇنىڭدا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى .مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇستەھكەم چېڭ ئىرادىنى كۆرمىدۇق
Esegesi in lingua araba:
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار دېگەندە، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. بۇ ۋاقىتتا ئىبلىس گەرچە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزى پەرىشتىلەردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، ئەگەر ئۇ پەرىشتىلەر تىپىدىن بولغان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمايتتى.
Esegesi in lingua araba:
فَقُلۡنَا يَٰٓـَٔادَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوّٞ لَّكَ وَلِزَوۡجِكَ فَلَا يُخۡرِجَنَّكُمَا مِنَ ٱلۡجَنَّةِ فَتَشۡقَىٰٓ
بىز: ئى ئادەم! ھەقىقەتەن ئىبلىس سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش بىلەن سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ جەننەتتىن چېقىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولمىسۇن، ئۇ ۋاقىتتا .سەن جاپا-مۇشەققەتكە قالىسەن دېدۇق
Esegesi in lingua araba:
إِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعۡرَىٰ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سېنى جەننەتتە ئاچ قويمايدۇ يېمەك بېرىدۇ، .يالىڭاچ قويمايدۇ كىيىم بېرىدۇ
Esegesi in lingua araba:
وَأَنَّكَ لَا تَظۡمَؤُاْ فِيهَا وَلَا تَضۡحَىٰ
سېنى ئۇسسۇز قويمايدۇ سۇ بېرىدۇ، كۈن نۇرىدا قويمايدۇ سايە .چۈشۈرۈپ بېرىدۇ
Esegesi in lingua araba:
فَوَسۡوَسَ إِلَيۡهِ ٱلشَّيۡطَٰنُ قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ هَلۡ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ ٱلۡخُلۡدِ وَمُلۡكٖ لَّا يَبۡلَىٰ
شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ۋەسۋەسە قىلىپ: ئى ئادەم! سېنى مىۋېسىنى يېگەن كىشى ئەبەدى ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ياشايدىغان دەرەخنى كۆرسۈتۈپ قويايمۇ ۋە ئۈزۈلمەيدىغان ۋە زاۋال تاپماي .داۋاملىشىدىغان پادىشاھلىققا ئىگە قىلىپ قويايمۇ؟دېدى
Esegesi in lingua araba:
فَأَكَلَا مِنۡهَا فَبَدَتۡ لَهُمَا سَوۡءَٰتُهُمَا وَطَفِقَا يَخۡصِفَانِ عَلَيۡهِمَا مِن وَرَقِ ٱلۡجَنَّةِۚ وَعَصَىٰٓ ءَادَمُ رَبَّهُۥ فَغَوَىٰ
ئادەم بىلەن ھەۋا يېيىشى چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يۆگەكلىك بولغان ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇ ئىككىسى جەننەتنىڭ دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا باشلىدى. ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن يېيىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇ .قىلىش دۇرۇس بولمىغان ئىشنى قىلىپ سالدى
Esegesi in lingua araba:
ثُمَّ ٱجۡتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَتَابَ عَلَيۡهِ وَهَدَىٰ
ئاندىن ئاللاھ ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، توغرا يولغا .مۇۋەپپەق قىلدى
Esegesi in lingua araba:
قَالَ ٱهۡبِطَا مِنۡهَا جَمِيعَۢاۖ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَنِ ٱتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشۡقَىٰ
ئاللاھ تائالا ئادەم بىلەن ھاۋاغا سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىبلىس ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار. ئىبلىس سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار، سىلەرمۇ ئۇنىڭ دۈشمىنى، سىلەرگە مېنىڭ توغرا يولۇمنىڭ بايانى كەلسە، سىلەردىن كىمكى مېنىڭ توغرا يولۇمغا ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا ھەق يولدىن ئېزىپ كەتمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولۇش بىلەن .بەختسىز بولمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشنى ئاللاھ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
Esegesi in lingua araba:
وَمَنۡ أَعۡرَضَ عَن ذِكۡرِي فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةٗ ضَنكٗا وَنَحۡشُرُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَعۡمَىٰ
كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنى قوبۇل قىلمىسا ۋە چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىسا، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە بەرزەخ ھاياتى سېقىلىش ۋە خاتىرجەمسىزلىكتە بولىدۇ، ئۇنى بىز كۆزى كۆر ھالەتتە قىيامەت .مەيدانىغا سۈرۈپ ئەكىلىمىز
Esegesi in lingua araba:
قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرۡتَنِيٓ أَعۡمَىٰ وَقَدۡ كُنتُ بَصِيرٗا
ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى بۇ كاپىر: ئى پەرۋەردىگارىم! نېمە ئۈچۈن مېنى بۈگۈن كۆر ھالەتتە تىرىلدۇردىڭ، مېنىڭ دۇنيادا كۆزۈم كۆرىدىغان تۇرسا؟، دەيدۇ.
Esegesi in lingua araba:
Insegnamenti tratti dai versetti:
• الأدب في تلقي العلم، وأن المستمع للعلم ينبغي له أن يتأنى ويصبر حتى يفرغ المُمْلِي والمعلم من كلامه المتصل بعضه ببعض.
مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقۇچە ئېغىر-بېسىق بولۇپ سەۋىر قىلىپ ئاڭلىشى ياكى يىزىشى تالىبۇل ئىلىمدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەدەپ-ئەخلاقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• نسي آدم فنسيت ذريته، ولم يثبت على العزم المؤكد، وهم كذلك، وبادر بالتوبة فغفر الله له، ومن يشابه أباه فما ظلم.
ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇنتۇپ قالغاندەك ئەۋلادلىرىمۇ ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ مۇستەھكەم ئىرادىدە بولمىغاندەك، ئەۋلادلىرىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىدى، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرۈم قىلدى. كىمكى ئادەم ئەلەيھسىسالامغا ئوخشاش تەۋبىگە ئالدىرىسا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

• فضيلة التوبة؛ لأن آدم عليه السلام كان بعد التوبة أحسن منه قبلها.
تەۋبىنىڭ پەزىلىتى: چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالى تەۋبە .قىلغاندىن كىيىن بۇرۇنقىدىن ياخشى بولغانىدى

• المعيشة الضنك في دار الدنيا، وفي دار البَرْزَخ، وفي الدار الآخرة لأهل الكفر والضلال.
دۇنيادىكى، بەرزەختىكى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇشەققەتلىك ئېغىر ھايات .كاپىرلار ۋە ئازغۇنلار ئۈچۈندۇر

 
Traduzione significati Sura: Tâ-Hâ
Indice Sure Numero di pagina
 
Traduzione dei Significati del Sacro Corano - TRADUZIONE UIGURA dell’Esegesi Sintetica del Nobile Corano - Indice traduzioni

Edito dal Tafsir Center for Quranic Studies

Chiudi