Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Al'an'am   Aya:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ فَالِقُ ٱلۡحَبِّ وَٱلنَّوَىٰۖ يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَمُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتِ مِنَ ٱلۡحَيِّۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
شەكسىزكى ئاللاھ يەككە-يېگانە زاتتۇركى، ئۇ دانلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن زىرائەتلەرنى چىقىرىدۇ، ئۇرۇقچىلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن خورمىلارنى چىقىرىدۇ، تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، يەنى ئاللاھ ئىنساننى ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى مەنىيدىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ، يەنى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقىرىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان ئاشۇ زات سىلەرنى ياراتقان ئاللاھ تائالادۇر. ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز سەنئىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە نېمە دەپ ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
Tafsiran larabci:
فَالِقُ ٱلۡإِصۡبَاحِ وَجَعَلَ ٱلَّيۡلَ سَكَنٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ حُسۡبَانٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
ئاللاھ تائالا تاڭنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىدۇ. ئۇ زات كېچىنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توختايدىغان ئارام ۋاقتى قىلدى. بۇ، ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى تىرىكچىلىك ھارغىنلىقىدىن ئارام ئېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە مېڭىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى. مەزكۇر ئىشلار تەڭداشسىز سەنئەتتۇركى، ئۇ، ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.
Tafsiran larabci:
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلنُّجُومَ لِتَهۡتَدُواْ بِهَا فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەي ئادەم باللىرى! سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا يولدىن ئادىشىپ قالغىنىڭلاردا يولنى تېپىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كۆكتە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. بىز كۈچ-قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-پاكىتلارنى شۇنداق كىشىلەرگە بايان قىلدۇقكى، ئۇلار ئاشۇ دەلىل-پاكىتلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ فَمُسۡتَقَرّٞ وَمُسۡتَوۡدَعٞۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَفۡقَهُونَ
ئاللاھ تائالا سىلەرنى بىر جاندىن، يەنى ئاتاڭلار ئادەمنىڭ پۇشتىدىن ياراتتى. ئۇ دەسلەپتە ئاتاڭلارنى لايدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۇنىڭدىن ياراتتى ۋە ئانىلىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا ئوخشاش سىلەر تۇرىدىغان جاينى ياراتتى، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئومۇرتقىسىغا ئوخشاش سىلەرنى پۇختا ساقلايدىغان جاينى ياراتتى. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ كالامىنى چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن روشەن بايان قىلدۇق.
Tafsiran larabci:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ نَبَاتَ كُلِّ شَيۡءٖ فَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهُ خَضِرٗا نُّخۡرِجُ مِنۡهُ حَبّٗا مُّتَرَاكِبٗا وَمِنَ ٱلنَّخۡلِ مِن طَلۡعِهَا قِنۡوَانٞ دَانِيَةٞ وَجَنَّٰتٖ مِّنۡ أَعۡنَابٖ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُشۡتَبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٍۗ ٱنظُرُوٓاْ إِلَىٰ ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَيَنۡعِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمۡ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئاللاھ تائالا بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ ئارقىلىق تۈرلۈك-تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق، ئاندىن ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىن تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە يېشىل دەرەخلەرنى چىقاردۇق. ئۇنىڭدىن باشاقلارغا ئوخشاش بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن دانلارنى چىقىرىمىز. خورما چېچىكىدىن ئۆرە تۇرغان ۋە ئولتۇرغان ھەركىمنىڭ قولى يېتىدىغان ساپاق-ساپاق خورمىلار چىقىدۇ. بىز ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق، يوپۇرماقلىرى بىر-بىرىگە ئوخىشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن مېۋىلىرى پەرقلىق زەيتۇننى ۋە ئانارنى ئۆستۈردۇق. ئەي ئىنسانلار! ئۇنىڭ دەسلەپكى غورا ھالىتىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراپ بېقىڭلار. شەكسىزكى ئاشۇنىڭدا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىللەر باركى، ئۇلار مۇشۇنداق دەلىل-پاكىتلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
Tafsiran larabci:
وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ ٱلۡجِنَّ وَخَلَقَهُمۡۖ وَخَرَقُواْ لَهُۥ بَنِينَ وَبَنَٰتِۭ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇشرىكلار جىنلارنى پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ قاراپ ئىبادەتتە ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، ھالبۇكى ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگىنى باشقا بىرى ئەمەس بەلكى يەككە يېگانە ئاللاھدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىق زاتمۇ ئاللاھدۇر. يەھۇدىيلار ئۇزەيرنى، ناسارالار ئىيسانى ئىلاھ قىلىۋېلىشقاندەك، مۇشرىكلارمۇ ئاللاھقا ئوغۇللارنى نىسبەت بېرىشىپ، پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر.
Tafsiran larabci:
بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُۥ وَلَدٞ وَلَمۡ تَكُن لَّهُۥ صَٰحِبَةٞۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ خوتۇنى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى ياراتقان تۇرسا، قانداقسىگە بالىسى بولغۇدەك؟! ئۇ ھەر ئىشنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش مەخپىي قالمايدۇ.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• الاستدلال ببرهان الخلق والرزق (تخليق النبات ونموه وتحول شكله وحجمه ونزول المطر) وببرهان الحركة (حركة الأفلاك وانتظام سيرها وانضباطها)؛ وكلاهما ظاهر مشاهَد - على انفراد الله سبحانه وتعالى بالربوبية واستحقاق الألوهية.
ئۆسۈملۈكلەرنى يارىتىش، ئۆستۈرۈش، شەكلى ۋە ھەجىملىرىنى ئۆزگەرتىش، يامغۇر ياغدۇرۇش دېگەندەك ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە رىزىق بېرىشلىرىنى دەلىل قىلىش، شۇنداقلا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، رېتىمى ۋە تەرتىپ-ئىنتىزاملىرىغا ئوخشاش ئىشلارنى دەلىل قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقى ۋە ئىلاھلىققا لايىقلىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئىسپاتلىرىدۇر.

• بيان ضلال وسخف عقول المشركين في عبادتهم للجن.
مۇشرىكلارنىڭ جىنلارغا چوقۇنۇشتىكى ئازغۇنلۇقى ۋە ئەقىلسىزلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Al'an'am
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa