Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Muhammad   Aya:
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَتَمَتَّعُونَ وَيَأۡكُلُونَ كَمَا تَأۡكُلُ ٱلۡأَنۡعَٰمُ وَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡ
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىش ئارقىلىق مۇشۇ دۇنيادىلا ھۇزۇر - ھالاۋەت كۆرىدۇ، خۇددى ھايۋانلارغا ئوخشاش يەپ - ئىچىدۇ، ئۇلارنىڭ قورسىقى ۋە شەھۋىتىدىن باشقا غېمى بولمايدۇ. دوزاخ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئورۇنلىشىدىغان قارارگاھتۇر.
Tafsiran larabci:
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةٗ مِّن قَرۡيَتِكَ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَتۡكَ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡ فَلَا نَاصِرَ لَهُمۡ
سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن مەككىلىكلەردىن مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا جەھەتلەردە تولىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلغان ئىدۇق. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەندە ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان بىرەر ياردەمچى بولمىغان ئىدى. دېمەك، ناۋادا مەككىلىكلەرنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭغىمۇ ئەلۋەتتە كۈچىمىز يېتىدۇ.
Tafsiran larabci:
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّهِۦ كَمَن زُيِّنَ لَهُۥ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُم
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن روشەن دەلىل - پاكىتى بار بولغان، شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارىغا دەلىل بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان كىشى، شەيتان يامان ئەمىلىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن، بۇتلارغا چوقۇنۇش، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ۋە پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش دېگەندەك نەپسى - خاھىشلىرى تارتقان ئىشلارنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولامدۇ؟
Tafsiran larabci:
مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ فِيهَآ أَنۡهَٰرٞ مِّن مَّآءٍ غَيۡرِ ءَاسِنٖ وَأَنۡهَٰرٞ مِّن لَّبَنٖ لَّمۡ يَتَغَيَّرۡ طَعۡمُهُۥ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ خَمۡرٖ لَّذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ عَسَلٖ مُّصَفّٗىۖ وَلَهُمۡ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَمَغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡۖ كَمَنۡ هُوَ خَٰلِدٞ فِي ٱلنَّارِ وَسُقُواْ مَآءً حَمِيمٗا فَقَطَّعَ أَمۡعَآءَهُمۡ
ئاللاھ تائالا -بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق- تەقۋادار بولغانلارنى كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ سۈپىتى مۇنۇلاردۇر: ئۇ جەننەتلەردە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن پۇرىقى ۋە تەمى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان شاراپتىن ئۆستەڭلەر، ئارىلاشمىلاردىن ساپ بولغان ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتلەردە ھەرتۈرلۈك مېۋە - چىۋىلەردىن ئۇلارنىڭ خالىغىنى بار. ئۇلارنىڭ يەنە بۇلاردىن سىرت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، كىچىك گۇناھلىرىغا قارىتا جازاغا تارتىلمايدۇ. مۇكاپاتى مۇشۇنداق بولغان ئادەم دوزاخقا چۈشكەن، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ چىقالمايدىغان، ھارارىتى ئىنتايىن قىزىق قايناق سۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، ھارارەتنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۈچەي باغلىرى پارە - پارە بوپكېتىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟
Tafsiran larabci:
وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُ إِلَيۡكَ حَتَّىٰٓ إِذَا خَرَجُواْ مِنۡ عِندِكَ قَالُواْ لِلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ مَاذَا قَالَ ءَانِفًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُمۡ
ئەي پەيغەمبەر! مۇناپىقلار ئىچىدە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى تىڭشاپ بېقىش ئۈچۈن، ئەكسىچە يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققىنىدا ئاللاھ تائالا ئىلىم بەرگەن كىشىلەرگە: مۇھەممەد باياتىن گەپ ئارىلىقىدا نېمە دېدى؟ دەيدۇ. ئۇلار بۇ گەپنى ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە ۋە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا دەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالا قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىۋەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ياخشىلىق كىرەلمەيدۇ، ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرگەن بولغاچقا، ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ئۇلارنى ھەقتىن كور قىلىۋەتكەندۇر.
Tafsiran larabci:
وَٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ زَادَهُمۡ هُدٗى وَءَاتَىٰهُمۡ تَقۡوَىٰهُمۡ
ھەق يولنى تاپالىغان ھەمدە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشكەنلەرگە كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ، ياخشىلىققا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنى دوزاختىن ساقلايدىغان ئەمەللەرنى ئىلھام قىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗۖ فَقَدۡ جَآءَ أَشۡرَاطُهَاۚ فَأَنَّىٰ لَهُمۡ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ ذِكۡرَىٰهُمۡ
كاپىرلار قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىمۇ تۇيماي قالغاندا، ھېچقانداق ئالدىن بېشارەتسىز ھالدا كېلىشىنىلا كۈتەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە قىيامەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالامەتلىرى مەيدانغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتلىشى ۋە ئاينىڭ يېرىلىشى قاتارلىقلار شۇ ئالامەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قىيامەت كەلگەندە ئۇلارغا قانداقمۇ ئىبرەت ئالغۇدەك پۇرسەت بولسۇن؟
Tafsiran larabci:
فَٱعۡلَمۡ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لِذَنۢبِكَ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مُتَقَلَّبَكُمۡ وَمَثۡوَىٰكُمۡ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھتىن باشقا بەرھەق مەبۇدنىڭ يوقلۇقىغا چىن پۈتكىن، گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىڭلارنىمۇ، كېچىدىكى قارارگاھىڭلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• اقتصار همّ الكافر على التمتع في الدنيا بالمتع الزائلة.
كاپىرلارنىڭ بارچە غېمى پەقەت مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشتۇر.

• المقابلة بين جزاء المؤمنين وجزاء الكافرين تبيّن الفرق الشاسع بينهما؛ ليختار العاقل أن يكون مؤمنًا، ويختار الأحمق أن يكون كافرًا.
مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ جازا - مۇكاپاتى ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرما قىلىش ئاقىللارنىڭ مۇئمىنلىكنى تاللىۋېلىشى، نادانلارنىڭ كاپىر بولۇشنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.

• بيان سوء أدب المنافقين مع رسول الله صلى الله عليه وسلم.
مۇناپىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئەدەبسىزدۇر.

• العلم قبل القول والعمل.
ئىلىم دېگەن سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىلگىرىدۇر.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Muhammad
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa