Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Al'roum   Aya:
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلُۚ كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّشۡرِكِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار. ئۇلار ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشرىك ئىدى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىندى.
Tafsiran larabci:
فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ ٱلۡقَيِّمِ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۖ يَوۡمَئِذٖ يَصَّدَّعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! كەلگەن چاغدا قايتۇرغىلى بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا دىن ئىسلامغا يۈزلەنگىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر بۆلۈكى جەننەتتە نېئمەتكە ئېرىشىدۇ، يەنە بىر بۆلۈكى دوزاختا ئازابلىنىدۇ.
Tafsiran larabci:
مَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَمَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِأَنفُسِهِمۡ يَمۡهَدُونَ
كىمكى ئاللاھقا كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنى تەييارلىغان بولىدۇ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.
Tafsiran larabci:
لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ
بۇ ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنى دوست تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى چوقۇم ئازابلايدۇ.
Tafsiran larabci:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَن يُرۡسِلَ ٱلرِّيَاحَ مُبَشِّرَٰتٖ وَلِيُذِيقَكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَلِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئەي ئىنسانلار! يامغۇردىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان مولچىلىق ۋە باياشاتلىق بىلەن سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئەمرى بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، دېڭىزدا تىجارەت قىلىش ئارقىلىق مەرھەمىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يېقىندا يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن خۇشبېشارەت بېرىدىغان شاماللارنى ئەۋەتكەنلىكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇركى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ نېئمەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوۡمِهِمۡ فَجَآءُوهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱنتَقَمۡنَا مِنَ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيۡنَا نَصۡرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلدى. ئاندىن بىز يامان ئەمەل قىلغانلارنى جازالاپ، ئازابىمىز بىلەن ھالاك قىلدۇق، پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر.
Tafsiran larabci:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَيَبۡسُطُهُۥ فِي ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ يَشَآءُ وَيَجۡعَلُهُۥ كِسَفٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦۖ فَإِذَآ أَصَابَ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ
ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغاپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا ئاللاھ خالىغان مىقداردا تارقىتىدۇ ۋە ئۇنى پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئى كۆزەتكۈچى! ئاندىن يامغۇرنىڭ بۇلۇت ئارىسىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ناۋادا ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق رەھمەت قىلغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن زېمىندا ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئۇلاغلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.
Tafsiran larabci:
وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلِ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡهِم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمُبۡلِسِينَ
ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە يامغۇر يېغىشىدىن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى.
Tafsiran larabci:
فَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ ءَاثَٰرِ رَحۡمَتِ ٱللَّهِ كَيۡفَ يُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ ياغدۇرغان يامغۇرنىڭ تەسىرىگە قارىغىنكى، زېمىن قۇرۇپ، قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى قانداق جانلاندۇرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، قۇرۇپ كەتكەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرگۈچىدۇر. دەرۋەقە ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• إرسال الرياح، وإنزال المطر، وجريان السفن في البحر: نِعَم تستدعي أن نشكر الله عليها.
،شاماللارنى ئەۋەتىش، يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئاللاھقا شۈكرى قىلىشمىزنى تەلەپ قىلىدىغان نېئمەتلەردۇر.

• إهلاك المجرمين ونصر المؤمنين سُنَّة إلهية.
گۇناھكارلارنى ھالاك قىلىپ، مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• إنبات الأرض بعد جفافها دليل على البعث.
قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە دەلىلدۇر.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Al'roum
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa