Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Quran - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Index of Translations


Translation of the Meanings Surah: Al-Mu’minūn   Verse:

مۆمىنۇن

Objectives of the Surah:
بيان فلاح المؤمنين وخسران الكافرين.
مۇئمىنلەرنىڭ ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقى ۋە كاپىرلارنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى بايان قىلىش.

قَدۡ أَفۡلَحَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغۇچى مۇئمىنلەر كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىش ۋە ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشتى.
Arabic Tafsirs:
ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي صَلَاتِهِمۡ خَٰشِعُونَ
ئۇلار نامازلىرىدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرغانلىقتىن نامازدا ئەزالىرى جىم تۇرىدۇ، دىللىرى ھەر قانداق دۇنيا خىياللىرىدىن خالىي بولىدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَنِ ٱللَّغۡوِ مُعۡرِضُونَ
ئۇلار ئاساسسىز سەپسەتە، ئويۇن - تاماشا ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِلزَّكَوٰةِ فَٰعِلُونَ
ئۇلار كۆڭۈللىرىنى رەزىللىكتىن پاكلىغۇچىدۇر، ماللىرىنى زاكات بېرىش ئارقىلىق پاكلىغۇچىلاردۇر.
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ
ئەۋرەتلىرىنى زىنا، لىۋات ۋە باشقا ھەر قانداق پاھىشە ئىشلاردىن ساقلىغۇچىدۇر، ئىپپەتلىك ۋە پاك بولغۇچىلاردۇر.
Arabic Tafsirs:
إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى پەقەت خوتۇنلىرى ۋە دېدەك - چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر، بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ، كۆڭۈل ئاچقانلىقىغا مالامەت قىلىنمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ
كىمكى ئۆزىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە قول ئاستىدىكى دېدەك - چۆرىلىرىدىن باشقىلار بىلەن جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرماقچى بولىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن مەنپەئەتلىنىشتىن ھارام قىلغان نەرسىگە ئۆتۈپ كېتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرغان ئامانەتلىرىگە، بەندىلەرنىڭ ئامانەتلىرىگە ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇركى، ئۇنى زايە قىلىۋەتمەستىن، جايىدا ئورۇندىغۇچىلاردۇر.
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَوَٰتِهِمۡ يُحَافِظُونَ
ئۇلار نامازلىرىنى داۋاملىق ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن ئەركانلىرى، ۋاجىبلىرى ۋە سۈننەتلىرى بىلەن ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
Arabic Tafsirs:
أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡوَٰرِثُونَ
بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدۇر.
Arabic Tafsirs:
ٱلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلۡفِرۡدَوۡسَ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئۇلار ئالىي مەرتىۋىلىك جەننەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ نېئمەتلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن سُلَٰلَةٖ مِّن طِينٖ
بىز ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن لايدىن ياراتتۇق، ئۇنىڭ توپىسى لاينىڭ جەۋھىرىدىن ئېلىنغاندۇر.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ جَعَلۡنَٰهُ نُطۡفَةٗ فِي قَرَارٖ مَّكِينٖ
ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى تاكى تۇغۇلغانغا قەدەر بەچچىداندا تۇرىدىغان ئابىمەنىيدىن كۆپىيىدىغان قىلىپ ياراتتۇق.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ خَلَقۡنَا ٱلنُّطۡفَةَ عَلَقَةٗ فَخَلَقۡنَا ٱلۡعَلَقَةَ مُضۡغَةٗ فَخَلَقۡنَا ٱلۡمُضۡغَةَ عِظَٰمٗا فَكَسَوۡنَا ٱلۡعِظَٰمَ لَحۡمٗا ثُمَّ أَنشَأۡنَٰهُ خَلۡقًا ءَاخَرَۚ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ أَحۡسَنُ ٱلۡخَٰلِقِينَ
ئاندىن كېيىن بەچچىداندىكى ئابىمەنىينى قىپقىزىل لەختە قان ھالىتىگە كەلتۈردۇق، ئاندىن ئۇ قىزىل لەختە قاننى چاينالغان بىر پارچە گۆش پارچىسىغا ئوخشايدىغان ھالەتكە كەلتۈردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى قاتتىق سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن ئۇ سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلەپ، ھاياتلىققا چىقىرىش ئارقىلىق باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ بەرىكىتى كۆپ زاتتۇر.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ إِنَّكُم بَعۡدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ
ئەي ئىنسانلار! ئاندىن كېيىن سىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئەجىلىڭلار توشقاندا چوقۇم ئۆلىسىلەر.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ إِنَّكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ تُبۡعَثُونَ
سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىش ئۈچۈن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلدۈرۈلىسىلەر.
Arabic Tafsirs:
وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا فَوۡقَكُمۡ سَبۡعَ طَرَآئِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ ٱلۡخَلۡقِ غَٰفِلِينَ
ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن بىز ئۈستۈڭلاردا بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان يەتتە قات ئاسماننى ياراتتۇق. بىز مەخلۇقاتلىرىمىزدىن خەۋەرسىز قالمىدۇق ھەم ئۇنتۇپمۇ قالمىدۇق.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• للفلاح أسباب متنوعة يحسن معرفتها والحرص عليها.
بەختكە ئېرىشىشنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولۇش ياخشىدۇر.

• التدرج في الخلق والشرع سُنَّة إلهية.
يارىتىش ھەم شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يولغا قويۇشتىكى تەدرىجىيلىك ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• إحاطة علم الله بمخلوقاته.
ئاللاھنىڭ ئىلمى پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىنى قورشاپ تۇرىدۇ.

وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءَۢ بِقَدَرٖ فَأَسۡكَنَّٰهُ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابِۭ بِهِۦ لَقَٰدِرُونَ
بىز ئاسماندىن ئېھتىياجغا تۇشلۇق يامغۇر ياغدۇردۇق. ئۇ يامغۇر زىيان سالىدىغان دەرىجىدە كۆپمۇ ئەمەس، ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغان دەرىجىدە ئازمۇ ئەمەس. ئاندىن بىز ئۇنى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋانلارنى مەنپەئەتلەنسۇن دەپ زېمىندا تۇرىدىغان قىلدۇق. بىز ئۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ شەكسىز قادىر ئىدۇق. (ئەگەر يوق قىلىۋەتكەن بولساق) سىلەر مەنپەئەتلىنەلمەيتتىڭلار.
Arabic Tafsirs:
فَأَنشَأۡنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ لَّكُمۡ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ
شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، ئۇ باغلاردا سىلەر يەيدىغان ئەنجۈر، ئانار ۋە ئالما دېگەندەك شەكىللىرى ۋە رەڭلىرى خىلمۇخىل مېۋە-چېۋىلەر بار.
Arabic Tafsirs:
وَشَجَرَةٗ تَخۡرُجُ مِن طُورِ سَيۡنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهۡنِ وَصِبۡغٖ لِّلۡأٓكِلِينَ
بىز شۇ يامغۇر بىلەن سىنا تېغىنىڭ قاپتاللىرىدا ئۆسىدىغان زەيتۇن دەرىخىنى ئۆستۈردۇق. ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ماي چىقىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مايلىنىدۇ ۋە (يېمەكتە) تېتىتقۇ قىلىنىدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ
ئەي ئىنسانلار! (تۆگە، كالا، قوي قاتارلىق) چارۋىلاردا سىلەرگە ئىبرەت ھەمدە سىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە سىلەرگە بولغان لۇتپىنى بىلەلەيدىغان ئالامەت بار. بىز سىلەرنى مۇشۇ چارۋىلارنىڭ قوساقلىرىدىن چىققان، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان ساپ سۈت بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ چارۋىلاردا سىلەرگە يەنە مىنىش، مويلىرىنى ۋە تىۋىتلىرىنى ئېلىش، قىغلىرىدىن ۋە يۇڭلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەنپەئەتلەر بار. يەنە سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەيسىلەر.
Arabic Tafsirs:
وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ
سىلەر قۇرۇقلۇقتا چارۋىلاردىن تۆگىلەر بىلەن، دېڭىزدا كېمىلەر بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.
Arabic Tafsirs:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىنى ئاللاھقا چاقىرىدىغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم! يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولمامسىلەر؟
Arabic Tafsirs:
فَقَالَ ٱلۡمَلَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ مَا هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُرِيدُ أَن يَتَفَضَّلَ عَلَيۡكُمۡ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَنزَلَ مَلَٰٓئِكَةٗ مَّا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِيٓ ءَابَآئِنَا ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كاتتىباش، ئاقسۆڭەكلەر ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇنداق دېدى: ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ئۇ سىلەرگە باش بولۇپ، سىلەردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئىنساندىن ئەمەس، بەلكى پەرىشتىلەردىن ئەۋەتكەن بولاتتى. بىز نۇھ دەۋا قىلغان بۇ گەپلەرنى ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىمىزدىن ئاڭلاپ باقمىغانمىز.
Arabic Tafsirs:
إِنۡ هُوَ إِلَّا رَجُلُۢ بِهِۦ جِنَّةٞ فَتَرَبَّصُواْ بِهِۦ حَتَّىٰ حِينٖ
ئۇ پەقەت بىر ساراڭ، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلغۇچە كۈتۈڭلار.
Arabic Tafsirs:
قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي بِمَا كَذَّبُونِ
نۇھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! ئۇلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن ماڭا ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بەرگىن.
Arabic Tafsirs:
فَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِ أَنِ ٱصۡنَعِ ٱلۡفُلۡكَ بِأَعۡيُنِنَا وَوَحۡيِنَا فَإِذَا جَآءَ أَمۡرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ فَٱسۡلُكۡ فِيهَا مِن كُلّٖ زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَأَهۡلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيۡهِ ٱلۡقَوۡلُ مِنۡهُمۡۖ وَلَا تُخَٰطِبۡنِي فِي ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ إِنَّهُم مُّغۡرَقُونَ
بىز نۇھقا: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ساڭا قانداق ياساشنى تەلىم بەرگىنىمىز بويىچە بىر كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىمىز كېلىپ، تونۇردىن سۇ قاتتىق بېسىم بىلەن ئېتىلىپ چىققان چاغدا كېمىگە بارلىق جانلىقلاردىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىنكى، ئۇلارنىڭ نەسلى داۋاملاشسۇن. ئايالىڭ ۋە ئوغلۇڭغا ئوخشاش ئاللاھ تەرەپتىن ھالاك قىلىنىدىغانلىقى ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇلغان كىشىلەردىن باشقا ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئالغىن. كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئازابتىن قۇتۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنماسلىقى ھەققىدە ماڭا دۇئا قىلمىغىن. چۈنكى ئۇلار شەكسىز توپان بالاسىدا غەرق بولۇپ كەتكۈچىلەردۇر، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• لطف الله بعباده ظاهر بإنزال المطر وتيسير الانتفاع به.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقى ئۇنىڭ يامغۇر ياغدۇرۇپ، يامغۇرنى ئۇلار مەنپەئەتلىنەلەيدىغان قىلىپ بەرگەنلىكىدە نامايان بولىدۇ.

• التنويه بمنزلة شجرة الزيتون.
زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئورنىنى مەدھىيەلەيدۇ.

• اعتقاد المشركين ألوهية الحجر، وتكذيبهم بنبوة البشر، دليل على سخف عقولهم.
مۇشرىكلارنىڭ تاشنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئىنساننىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• نصر الله لرسله ثابت عندما تكذبهم أممهم.
پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرى ئىنكار قىلغان چاغدا ئاللاھنىڭ ئۇلارغا يارەم بېرىشى مۇھەققەقتۇر.

فَإِذَا ٱسۡتَوَيۡتَ أَنتَ وَمَن مَّعَكَ عَلَى ٱلۡفُلۡكِ فَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي نَجَّىٰنَا مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
سەن ۋە توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ سەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كېمىگە چىققىنڭلاردا: بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر كاپىر قەۋمدىن بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، دېگىن.
Arabic Tafsirs:
وَقُل رَّبِّ أَنزِلۡنِي مُنزَلٗا مُّبَارَكٗا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ
يەنە: ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن، دېگىن.
Arabic Tafsirs:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ وَإِن كُنَّا لَمُبۡتَلِينَ
ھەقىقەتەن نۇھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە كاپىرلانى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا، بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىشقا كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىغا ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار. بىز مۇئمىن كاپىردىن، ئىتائەتمەن ئاسىيدىن ئايرىلسۇن ئۈچۈن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى سىنىغان ئىدۇق.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ أَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قَرۡنًا ءَاخَرِينَ
نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋمنى پەيدا قىلدۇق.
Arabic Tafsirs:
فَأَرۡسَلۡنَا فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
بىز ئۇلارغا ئۆزلىرى ئىچىدىن ئاللاھقا چاقىرىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق. پەيغەمبەر ئۇلارغا: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولمامسىلەر؟ دېدى.
Arabic Tafsirs:
وَقَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَتۡرَفۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا مَا هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يَأۡكُلُ مِمَّا تَأۡكُلُونَ مِنۡهُ وَيَشۡرَبُ مِمَّا تَشۡرَبُونَ
ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئاخىرەتنى ھەم ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازالارنى ئىنكار قىلغان، ھاياتىي دۇنيادا نېئمەتلەرنى كەڭرى بەرگەنلىكىمىز ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئاقسۆڭەك كاتتىباشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇنداق دېيىشتى: بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ، ئۇنىڭ سىلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىدىغانغا سىلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق.
Arabic Tafsirs:
وَلَئِنۡ أَطَعۡتُم بَشَرٗا مِّثۡلَكُمۡ إِنَّكُمۡ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە زىيان تارتىسىلەر، چۈنكى سىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلمىگىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە، ئىلاھلىرىڭلارنى تاشلاپ، ئۆزۈڭلاردىن قىلچە ئارتۇقچىلىقى بولمىغان كىشىگە ئەگەشكەن بولىسىلەر.
Arabic Tafsirs:
أَيَعِدُكُمۡ أَنَّكُمۡ إِذَا مِتُّمۡ وَكُنتُمۡ تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَنَّكُم مُّخۡرَجُونَ
ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم سىلەر ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىڭلار چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ چىقىسىلەر، دەپ ۋەدە قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟
Arabic Tafsirs:
۞ هَيۡهَاتَ هَيۡهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىڭلار چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ چىقىدىغانلىقىڭلاردىن ئىبارەت سىلەر ۋەدە قىلىنىۋاتقان بۇ ئىش ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراقتۇر.
Arabic Tafsirs:
إِنۡ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا نَحۡنُ بِمَبۡعُوثِينَ
ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقتۇر، ئاخىرەت ھاياتى دەيدىغان نەرسە يوق. بىزدىن تىرىكلەر ئۆلىدۇ، ئەمما تىرىلمەيدۇ. يەنە باشقىلار تۇغۇلۇپ، ياشايدۇ. بىز ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ھېساب ئۈچۈن چىقىرىلمايمىز.
Arabic Tafsirs:
إِنۡ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا وَمَا نَحۡنُ لَهُۥ بِمُؤۡمِنِينَ
ئۆزىنى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ بۇ دەۋاسىدا ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز.
Arabic Tafsirs:
قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي بِمَا كَذَّبُونِ
پەيغەمبەر ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! ئۇلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۈچۈن ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بەرگىن، دېدى.
Arabic Tafsirs:
قَالَ عَمَّا قَلِيلٖ لَّيُصۡبِحُنَّ نَٰدِمِينَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇزۇنغا قالماي سەن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلغان بۇ ئىنكارچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ نادامەت چېكىدۇ.
Arabic Tafsirs:
فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ بِٱلۡحَقِّ فَجَعَلۡنَٰهُمۡ غُثَآءٗۚ فَبُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا تېگىشلىك بولغاچقا ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى، ئاندىن ئۇلارنى سەل ئۈستىدە لەيلەپ قالغان كۆپۈكتەك لەش قىلىۋەتتىم. زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ أَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قُرُونًا ءَاخَرِينَ
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن لۇتنىڭ قەۋمى، شۇئەيبنىڭ قەۋمى ۋە يۇنۇسنىڭ قەۋمىگە ئوخشاش باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• وجوب حمد الله على النعم.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىش ۋاجىبتۇر.

• الترف في الدنيا من أسباب الغفلة أو الاستكبار عن الحق.
دۇنيادىكى باياشات تۇرمۇش غاپىللىق ياكى ھەقتىن باش تارتىش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

• عاقبة الكافر الندامة والخسران.
كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەسرەت - نادامەت ۋە زىيانكارلىقتۇر.

• الظلم سبب في البعد عن رحمة الله.
زۇلۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

مَا تَسۡبِقُ مِنۡ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ
پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەردىن ھەر قاندىغىنىڭ ھالاك قىلىنىشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا تَتۡرَاۖ كُلَّ مَا جَآءَ أُمَّةٗ رَّسُولُهَا كَذَّبُوهُۖ فَأَتۡبَعۡنَا بَعۡضَهُم بَعۡضٗا وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَحَادِيثَۚ فَبُعۡدٗا لِّقَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ
ئاندىن بىز ئارقىمۇ-ئارقا پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئاشۇ ئۈممەتلەردىن ھەر قانداق بىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر كەلسە، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى كەينى - كەينىدىن ھالاك قىلدۇق. نىھايەت ئۇلارنىڭ پەقەت كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېكايىلىرىلا قالدى. پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمىگەن قەۋم ھالاك بولسۇن!
Arabic Tafsirs:
ثُمَّ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَٰرُونَ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ
ئاندىن بىز مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى توققۇز تۈرلۈك مۆجىزىمىز بىلەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، بۇ مۆجىزىلەر: ھاسا، نۇرلۇق قول، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان، توپان، قەھەتچىلىك ۋە مىۋېلەرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى قاتارلىقلاردۇر). يەنە بىز روشەن دەلىل - پاكىتلارنىمۇ بەردۇق.
Arabic Tafsirs:
إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمًا عَالِينَ
بىز بۇ ئىككىسىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە پەيغەمبەر (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئۇ ئىككىسىگە ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىدى. ئۇلار ئەزەلدىن باشقىلارغا زورلۇق - زومبۇلۇق بىلەن چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى.
Arabic Tafsirs:
فَقَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ لِبَشَرَيۡنِ مِثۡلِنَا وَقَوۡمُهُمَا لَنَا عَٰبِدُونَ
ئۇلار: بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش، بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى بولمىغان ئىككى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق؟ ھالبۇكى ئۇلارنىڭ قەۋمى (ئىسرائىل ئەۋلادلىرى) بىزگە ئىتائەتمەن، خار كىشىلەر تۇرسا، دېيىشتى.
Arabic Tafsirs:
فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُواْ مِنَ ٱلۡمُهۡلَكِينَ
ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىسىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن دېڭىزدا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى.
Arabic Tafsirs:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ لَعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ
ھەقىقەتەن بىز مۇساغا قەۋمىنىڭ توغرا يولنى تېپىپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ تەۋراتنى بەردۇق.
Arabic Tafsirs:
وَجَعَلۡنَا ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَأُمَّهُۥٓ ءَايَةٗ وَءَاوَيۡنَٰهُمَآ إِلَىٰ رَبۡوَةٖ ذَاتِ قَرَارٖ وَمَعِينٖ
بىز مەريەم ئوغلى ئىيسانى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەت قىلدۇقكى، مەريەم ئىيساغا دادىسىز ھامىلدار بولدى. بىز ئانا - بالا ئىككىسىنى زېمىندىن ماكانلىشىشقا ئەپلىك تۈپتۈز، داۋاملىق يېڭى سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان، ئېگىز بىر جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
Arabic Tafsirs:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلرُّسُلُ كُلُواْ مِنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ
ئەي پەيغەمبەرلەر! مەن سىلەرگە ھالال قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن كۆڭلۈڭلار تارتقاننى يەڭلار، شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، ماڭا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَإِنَّ هَٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَأَنَا۠ رَبُّكُمۡ فَٱتَّقُونِ
ئەي پەيغەمبەرلەر! سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىن، يەنى ئىسلام دىنىدۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، سىلەرنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارىڭلار يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ھەمدە چەكلىمىلىرىمدىن يېنىش ئارقىلىق ماڭا تەقۋادار بولۇڭلار.
Arabic Tafsirs:
فَتَقَطَّعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡ زُبُرٗاۖ كُلُّ حِزۡبِۭ بِمَا لَدَيۡهِمۡ فَرِحُونَ
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇلاردىن كېيىن دىندا پىرقە ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ھەر بىر پىرقە ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ ئاللاھ رازى بولىدىغان دىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنىدىن خۇشاللىنىپ، باشقىغا قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
فَذَرۡهُمۡ فِي غَمۡرَتِهِمۡ حَتَّىٰ حِينٍ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئازاب كەلگەنگە قەدەر نادانلىق ھەم تېڭىرقاش ئىچىدە تەرك ئەتكىن.
Arabic Tafsirs:
أَيَحۡسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُم بِهِۦ مِن مَّالٖ وَبَنِينَ
ئۆزلىرىنىڭ دىنى بىلەن خۇشاللىنىدىغان ئاشۇ گۇرۇھلار بىز ئۇلارغا ھاياتىي دۇنيادا بەرگەن مال - ۋاران ۋە بالا - چاقىلارنى ئۆزلىرى لايىق بولغان نەخ ياخشىلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. بىز ئۇلارغا ئۇ نەرسىلەرنى پەقەتلا مۆھلەت ۋە بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەردۇق، لېكىن ئۇلار بۇنى ھېس قىلمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
نُسَارِعُ لَهُمۡ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِۚ بَل لَّا يَشۡعُرُونَ
ئۆزلىرىنىڭ دىنى بىلەن خۇشاللىنىدىغان ئاشۇ گۇرۇھلار بىز ئۇلارغا ھاياتىي دۇنيادا بەرگەن مال - ۋاران ۋە بالا - چاقىلارنى ئۆزلىرى لايىق بولغان نەخ ياخشىلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. بىز ئۇلارغا ئۇ نەرسىلەرنى پەقەتلا مۆھلەت ۋە بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەردۇق، لېكىن ئۇلار بۇنى ھېس قىلمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
إِنَّ ٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ خَشۡيَةِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ
شەكسىزكى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى ۋە ئېھسانى بىلەن پەرۋەردىگارىدىغان قورقىدىغانلار،
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ يُؤۡمِنُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشىنىدىغانلار،
Arabic Tafsirs:
وَٱلَّذِينَ هُم بِرَبِّهِمۡ لَا يُشۡرِكُونَ
پەرۋەردىگارىنى يەككە - يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغانلار،
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• الاستكبار مانع من التوفيق للحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقكە مۇۋەپپەق بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ.

• إطابة المأكل له أثر في صلاح القلب وصلاح العمل.
يېمەكلىكنىڭ پاك بولۇشى قەلبنىڭ ۋە ئەمەلنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

• التوحيد ملة جميع الأنبياء ودعوتهم.
تەۋھىد، يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ۋە چاقىرىقىدۇر.

• الإنعام على الفاجر ليس إكرامًا له، وإنما هو استدراج.
پاسىق - پاجىرلارغا قىلىنغان مەرھەمەت ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىخۇتلاشتۇرۇشتۇر.

وَٱلَّذِينَ يُؤۡتُونَ مَآ ءَاتَواْ وَّقُلُوبُهُمۡ وَجِلَةٌ أَنَّهُمۡ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ رَٰجِعُونَ
ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ (ياخشى يوللارغا) سەرپ قىلغان سەدىقىلىرىنى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلماسلىقتىن ئەنسىرەپ تۇرۇپ سالىھ ئەمەللىرى بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنىڭ كويىدا بولىدىغانلار،
Arabic Tafsirs:
أُوْلَٰٓئِكَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَهُمۡ لَهَا سَٰبِقُونَ
مۇشۇنداق كاتتا سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر سالىھ ئەمەللەرنى ئالدىراپ قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار بۇنداق ئەمەللەرگە بەسلىشىدۇ ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلار باشقىلارنى ئېشىپ چۈشكەن كىشىلەردۇر.
Arabic Tafsirs:
وَلَا نُكَلِّفُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ وَلَدَيۡنَا كِتَٰبٞ يَنطِقُ بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايمىز. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلىنىدىغان نامە - ئەمال دەپتىرى) باردۇركى، بىز ئۇنىڭغا ھەر كىمنىڭ ئەمىلىنى پۈتۈپ قويدۇق. ئۇ كىتاب ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. بەندىلەر ياخشىلىقلىرى كېمەيتىلىش ياكى يامانلىقلىرى كۆپەيتىلىش ئارقىلىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
بَلۡ قُلُوبُهُمۡ فِي غَمۡرَةٖ مِّنۡ هَٰذَا وَلَهُمۡ أَعۡمَٰلٞ مِّن دُونِ ذَٰلِكَ هُمۡ لَهَا عَٰمِلُونَ
بۇلارنىڭ ئەكسىچە كاپىرلارنىڭ دىللىرى ھەقنى سۆزلەيدىغان بۇ كىتابتىن ھەمدە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابتىن غەپلەتتىدۇر. ئۇلارنىڭ ھازىرقى كۇپۇرلۇقلىرىدىن باشقا يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن يامان ئەمەللىرىمۇ بار.
Arabic Tafsirs:
حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذۡنَا مُتۡرَفِيهِم بِٱلۡعَذَابِ إِذَا هُمۡ يَجۡـَٔرُونَ
ناۋادا بىز ئۇلارنىڭ دۆلەتمەنلىرىنى قىيامەت كۈنىدىكى ئازاب بىلەن جازالىساق، ئۇلار بىردىنلا داد - پەرياد قىلىشىپ يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ.
Arabic Tafsirs:
لَا تَجۡـَٔرُواْ ٱلۡيَوۡمَۖ إِنَّكُم مِّنَّا لَا تُنصَرُونَ
ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈلۈپ دېيىلىدۇكى: ۋارقىراشماڭلار، بۈگۈن سىلەر ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ھېچبىر ياردەمچى بولمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
قَدۡ كَانَتۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَكُنتُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡ تَنكِصُونَ
دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، لېكىن سىلەر ئۇنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ياقتۇرمىغىنىڭلاردىن كەينىڭلارغا قاچاتتىڭلار.
Arabic Tafsirs:
مُسۡتَكۡبِرِينَ بِهِۦ سَٰمِرٗا تَهۡجُرُونَ
سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھەرەم ئەھلىدىن دەۋالغىنىڭلار ئۈچۈن باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، ئەمەلىيەتتە سىلەر ھەرەم ئەھلى بولۇشقا لايىق ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ئەھلى تەقۋادارلاردۇر. سىلەر كەبىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ناچار سۆزلەرنى قىلىسىلەر، ھەرەمنى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىمايسىلەر.
Arabic Tafsirs:
أَفَلَمۡ يَدَّبَّرُواْ ٱلۡقَوۡلَ أَمۡ جَآءَهُم مَّا لَمۡ يَأۡتِ ءَابَآءَهُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ
بۇ مۇشرىكلار ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئويلىنىپ باقمامدۇ ياكى ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىغا كەلمىگەن خەۋەر كەلدىمۇ؟ ئاندىن ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى ئىنكار قىلسۇن؟
Arabic Tafsirs:
أَمۡ لَمۡ يَعۡرِفُواْ رَسُولَهُمۡ فَهُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ
ياكى ئۇلار ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتكەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي قېلىپ، ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟ ئۇلار ئۇنى ھەم ئۇنىڭ راستچىل ۋە ئامانەتچان ئىكەنلىكىنى بىلەتتىغۇ؟
Arabic Tafsirs:
أَمۡ يَقُولُونَ بِهِۦ جِنَّةُۢۚ بَلۡ جَآءَهُم بِٱلۡحَقِّ وَأَكۡثَرُهُمۡ لِلۡحَقِّ كَٰرِهُونَ
بەلكى ئۇلار: مۇھەممەد بىر ساراڭ، دېيىشىپ ئۇنى يالغانغا چىقىرىشتى. ئەسلىدە مۇھەممەد ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە قىلچە شەك بولمىغان ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدىغان، ھەسەتخورلۇقىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ سەپسەتىلىرىگە بولغان مۇتەئەسسىپلىكىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغانلاردۇر.
Arabic Tafsirs:
وَلَوِ ٱتَّبَعَ ٱلۡحَقُّ أَهۡوَآءَهُمۡ لَفَسَدَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهِنَّۚ بَلۡ أَتَيۡنَٰهُم بِذِكۡرِهِمۡ فَهُمۡ عَن ذِكۡرِهِم مُّعۡرِضُونَ
ئەگەر ئاللاھ ئىشلارنى ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىجرا قىلىپ، شۇ بويىچە پىلانلىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە توغرا - خاتانى پىلانلاشنى بىلمەسلىكىدىن ئەلۋەتتە ئاسمان - زېمىننىڭ ( تەرتىپى) بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى.
Arabic Tafsirs:
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ خَرۡجٗا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيۡرٞۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سەن بۇلارغا ئېلىپ كەلگەن نەرسەڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلىپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار چاقىرىقنى رەت قىلدىمۇ؟ سەندىن بۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگىنى يوق. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا بېرىدىغان مۇكاپاتى ۋە ئەجرى بۇلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇكاپاتىدىن كۆپ ياخشىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر.
Arabic Tafsirs:
وَإِنَّكَ لَتَدۡعُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەقىقەتەن بۇلارنى ۋە باشقىلارنى ھېچ قانداق ئەگرىلىك بولمىغان ئىسلامدىن ئىبارەت تۈپتۈز يولغا چاقىرىسەن.
Arabic Tafsirs:
وَإِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ عَنِ ٱلصِّرَٰطِ لَنَٰكِبُونَ
شەكسىزكى ئاخىرەتكە ۋە ئۇ يەردىكى ئازاب ۋە ساۋابقا ئىشەنمەيدىغانلار ئىسلام يولىدىن چەتنەپ، دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان ئەگرى - بۈگرى يولغا ئېغىپ كەتكۈچىلەردۇر.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• خوف المؤمن من عدم قبول عمله الصالح.
مۇئمىن ياخشى ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

• سقوط التكليف بما لا يُسْتطاع رحمة بالعباد.
ئاللاھنىڭ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىشلارغا بۇيرۇماسلىقى بەندىلەرگە بولغان مېھىر - شەپقىتىدىندۇر.

• الترف مانع من موانع الاستقامة وسبب في الهلاك.
راھەت - پاراغەت (ھەق يولىدا) مۇستەھكەم تۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللاردىن بىرى بولسا، ھالاكەتنىڭمۇ سەۋەبىدۇر.

• قصور عقول البشر عن إدراك كثير من المصالح.
ئىنساننىڭ ئەقلى نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنى بىلىشتىن ئاجىزدۇر.

۞ وَلَوۡ رَحِمۡنَٰهُمۡ وَكَشَفۡنَا مَا بِهِم مِّن ضُرّٖ لَّلَجُّواْ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلىپ، بېشىغا كەلگەن قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىق كۈلپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇلار چوقۇم ئىككىلىنىپ، ئالدى - كەينىگە دەسسىگىنىچە ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇقىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَلَقَدۡ أَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ فَمَا ٱسۡتَكَانُواْ لِرَبِّهِمۡ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىدۇق، ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ، باش ئەگىمىدى، بېشىغا مۇسىبەتلەر كەلگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئەيمەنگەن ھالدا دۇئامۇ قىلمىدى.
Arabic Tafsirs:
حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا ذَا عَذَابٖ شَدِيدٍ إِذَا هُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ
ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىردىنلا بارلىق قۇتۇلۇش ۋە ياخشىلىقتىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن قۇلاق، كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۆز، چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن قەلبلەرنى ياراتتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر بۇ نېئمەتلەرگە تولىمۇ ئاز شۈكۈر ئېيتىۋاتىسىلەر.
Arabic Tafsirs:
وَهُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغىلا توپلىنىسىلەر.
Arabic Tafsirs:
وَهُوَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخۡتِلَٰفُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
پەقەت ئاللاھ تائالالا تىرىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تىرگۈزگۈچى يوق، پەقەت ئاللاھلا جان ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جان ئالغۇچى يوق. كېچە - كۈندۈزنىڭ قاراڭغۇ - يورۇقلۇقتا ۋە ئۇزۇن - قىسقىلىقتا خىلمۇخىل بولۇشىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ قۇدرىتى ھەم يارىتىش ۋە پىلانلاشتا يېگانىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمامسىلەر!؟
Arabic Tafsirs:
بَلۡ قَالُواْ مِثۡلَ مَا قَالَ ٱلۡأَوَّلُونَ
ئۇلار كۇپرىدا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرى ۋە ئەجداتلىرى نېمە دېگەن بولسا شۇنى ئەزۋەيلەشتى.
Arabic Tafsirs:
قَالُوٓاْ أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى) يىراق ساناپ ۋە ئىنكار قىلىپ: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتسەكمۇ ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ دېيىشتى.
Arabic Tafsirs:
لَقَدۡ وُعِدۡنَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا هَٰذَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەدە بۇندىن بۇرۇن بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ ۋەدە قىلىنغان ئىدى، ئەمما بىز بۇ ۋەدىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بۇ پەقەت ئىلگىرىكىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىدۇر.
Arabic Tafsirs:
قُل لِّمَنِ ٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ كاپىرلارغا: بۇ زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى كىمنىڭ؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار، دېگىن.
Arabic Tafsirs:
سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئۇلار چوقۇم: زېمىن ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ، دەيدۇ. سەن ئۇلارغا: زېمىن ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ سىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ دېگىن.
Arabic Tafsirs:
قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلسَّبۡعِ وَرَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ
ئۇلارغا: يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ھەممىدىن كاتتا بولغان ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟ دېگىن.
Arabic Tafsirs:
سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ
ئۇلار چوقۇم: يەتتە ئاسمان ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامان بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ دېگىن.
Arabic Tafsirs:
قُلۡ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيۡهِ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئۇلارغا: ھەممە نەرسىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ ھېچ نەرسە ئىگىدارچىلىقىنىڭ سىرتىدا قالمايدىغان، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان، ئۇ خاپىلىق يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ئازابنى قايتۇرالايدىغان ھېچكىم بولمىغان زات كىم؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار، دېگىن.
Arabic Tafsirs:
سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ فَأَنَّىٰ تُسۡحَرُونَ
ئۇلار چوقۇم: ھەممە نەرسە قولىدا بولغان زات ئاللاھ، دەيدۇ. ئۇلارغا: ئەقلىڭلار نەگە كەتتى؟ بۇلارنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنىسىلەر؟ دېگىن.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• عدم اعتبار الكفار بالنعم أو النقم التي تقع عليهم دليل على فساد فطرهم.
كاپىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېئمەتلەرگە ياكى باشلىرىغا كەلگەن ئازابقا پەرۋا قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• كفران النعم صفة من صفات الكفار.
نېئمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• التمسك بالتقليد الأعمى يمنع من الوصول للحق.
قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھەقكە يېتىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

• الإقرار بالربوبية ما لم يصحبه إقرار بالألوهية لا ينجي صاحبه.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشى نىجات تاپالمايدۇ.

بَلۡ أَتَيۡنَٰهُم بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
ئەمەلىيەت ئۇلار دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى بىز ھېچ قانداق شەك بولمىغان ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكى ۋە بالىسى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىدا ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر.
Arabic Tafsirs:
مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٖ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنۡ إِلَٰهٍۚ إِذٗا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهِۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
كاپىرلار بىلجىرلىغاندەك ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭ بىلەن باشقا ھەقىقىي مەبۇدمۇ يوق. مۇبادا ئاللاھ بىلەن باشقا بىر ھەقىقىي مەبۇد بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھەر بىر مەبۇد ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى ئىگىلەيتتى ھەمدە بىر - بىرىنى يېڭىۋالاتتى - دە، كائىناتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ھېچنەرسە يۈز بەرگىنى يوق. دېمەك بۇ، ھەقىقىي مەبۇدنىڭ پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى. ئۇ مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن بالىسى ۋە شېرىكى بولۇش دېگەندەك نالايىق سۈپەتلەردىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر.
Arabic Tafsirs:
عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىدىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە كۆرگىلى بولىدىغان، شۇنداقلا سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا شېرىكى بولۇشتىن تولىمۇ بۈيۈكتۇر.
Arabic Tafsirs:
قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا بۇ مۇشرىكلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ،
Arabic Tafsirs:
رَبِّ فَلَا تَجۡعَلۡنِي فِي ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي رەببىم! ناۋادا سەن ئۇلارنى ئازابلاپ، مەن بۇنىڭغا شاھىت بوپقالسام، مېنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا قىلمىغىنكى، ئۇلارغا كەلگەن ئازاب ماڭىمۇ كەپقالمىسۇن.
Arabic Tafsirs:
وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمۡ لَقَٰدِرُونَ
بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز، نە بۇنىڭدىن، نە باشقا ھېچبىر ئىشتىن ئاجىز كەلمەيمىز.
Arabic Tafsirs:
ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ ٱلسَّيِّئَةَۚ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋېتىش ئارقىلىق يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەۋر قىلغىن. بىز مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن شېرىك ۋە يالغانچىلىقنى ھەمدە سېنى سېھىرگەر، ساراڭ دېگەنگە ئوخشاش نالايىق سۆزلەر بىلەن قارىلىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
Arabic Tafsirs:
وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنۡ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَٰطِينِ
ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.
Arabic Tafsirs:
وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحۡضُرُونِ
پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمدىن ھەر قاندىقىدا ماڭا ھەمراھ بولۇۋېلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.
Arabic Tafsirs:
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ رَبِّ ٱرۡجِعُونِ
ناۋادا بۇ مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كېلىپ، ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسە ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە ھەم ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە سەل قارىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مېنى دۇنياغا قايتۇرغىن.
Arabic Tafsirs:
لَعَلِّيٓ أَعۡمَلُ صَٰلِحٗا فِيمَا تَرَكۡتُۚ كَلَّآۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَاۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرۡزَخٌ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ
مەن دۇنياغا قايتىپ قالسام ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىم مۇمكىن، دەيدۇ. ئەمەلىيەت سەن تەلەپ قىلغاندەك ئەمەس. بۇ پەقەتلا قۇرۇق گەپ. مۇبادا ئۇ دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ۋەدىسىدە تۇرمايتتى. ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشىلەر تاكى قايتا تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلانغانغا قەدەر دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى بىر توسۇقنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، شۇڭا قولدىن كەتكەننى قايتۇرۇۋېلىپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى تۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇ توسۇقتىن دۇنياغا قايتالمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ
سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە قىيامەتنىڭ بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالغان چاغدا ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرى بىلەن قېلىپ، ئۆزئارا نەسەبلىرى بىلەن پەخىر قىلىشىدىغان ئىش بولمايدۇ، ئۆز ھالى بىلەن ئاۋارە بولۇپ بىر - بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سورىشالمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ياخشىلىق تارازىسى ئېغىر كېلىپ ياخشىلىقى يامانلىقىنى بېسىپ چۈشكەنلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ، ئەنسىرىگەن ئىشتىن يىراق قىلىنىدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فِي جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ
تارازىسى يەڭگىل كېلىپ يامانلىقى ياخشىلىقىنى بېسىپ چۈشكەنلەرگە كەلسەك، بۇلار ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئىمان ئېيتىش ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت پايدىلىق ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلار جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرىپ، شۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، قەتئىي چىقالمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
تَلۡفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمۡ فِيهَا كَٰلِحُونَ
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، چىرايلىرى قاتتىق تۈرۈلگەنلىكتىن ئۈستۈن كالپۇكى قورۇلۇپ، ئاستىن كالپۇكى ساڭگىلاپ، چىشلىرى چىقىپ بەتبەشىرە بوپكېتىدۇ.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• الاستدلال باستقرار نظام الكون على وحدانية الله.
كائىنات تەرتىپىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• إحاطة علم الله بكل شيء.
ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• معاملة المسيء بالإحسان أدب إسلامي رفيع له تأثيره البالغ في الخصم.
يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش يۈكسەك ئىسلامىي ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ قارشى تەرەپتىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىرى بار.

• ضرورة الاستعاذة بالله من وساوس الشيطان وإغراءاته.
ئاللاھقا سىغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە قۇترىتىشلىرىدىن پاناھلىق تىلەش زۆرۈردۇر.

أَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
ئۇلارنى ئەيىبلەپ دېيىلىدۇكى، سىلەرگە دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلسە، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلمىغانمىدىڭلار؟
Arabic Tafsirs:
قَالُواْ رَبَّنَا غَلَبَتۡ عَلَيۡنَا شِقۡوَتُنَا وَكُنَّا قَوۡمٗا ضَآلِّينَ
ئۇلار ئېيتىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ ئەزەلىي ئىلمىڭدە بىزنىڭ بەدبەخت بولۇشىمىز پۈتۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا بىز ھەقتىن ئازغۇچىلاردىن بولدۇق.
Arabic Tafsirs:
رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡهَا فَإِنۡ عُدۡنَا فَإِنَّا ظَٰلِمُونَ
ئەي رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە ئىلگىرىكى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇلۇققا قايتىپ قالساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زالىم قىلغۇچىلاردىن بولىمىز - دە، ئۇ چاغدا ھېچقانداق باھانىمىز قالمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
قَالَ ٱخۡسَـُٔواْ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: دوزاختا خارلىنىپ، ئازابلانغان ھالدا قېلىڭلار، ئازابنىڭ يەڭگىللىشى توغرىسىدا ماڭا ئېغىز ئاچماڭلار.
Arabic Tafsirs:
إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٞ مِّنۡ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ
ھەقىقەتەن بەندىلىرىمدىن ماڭا ئىمان ئېيتقان بىر تۈركۈم كىشىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ساڭا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھمىتىڭ بىلەن مەرھەمەت قىلغىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن، دەيتتى.
Arabic Tafsirs:
فَٱتَّخَذۡتُمُوهُمۡ سِخۡرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوۡكُمۡ ذِكۡرِي وَكُنتُم مِّنۡهُمۡ تَضۡحَكُونَ
سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلغان مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى قىلىۋېلىپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، مازاق قىلاتتىڭلار. نەتىجىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش سىلەرگە ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇردى، سىلەر داۋاملىق ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، كۈلەتتىڭلار.
Arabic Tafsirs:
إِنِّي جَزَيۡتُهُمُ ٱلۡيَوۡمَ بِمَا صَبَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
بۇ مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ تائىتىگە ۋە سىلەردىن ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە سەۋرچان بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى چوقۇم جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن.
Arabic Tafsirs:
قَٰلَ كَمۡ لَبِثۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ عَدَدَ سِنِينَ
ئاللاھ ئۇلارغا: زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟ قانچىلىك ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار؟ دەيدۇ.
Arabic Tafsirs:
قَالُواْ لَبِثۡنَا يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖ فَسۡـَٔلِ ٱلۡعَآدِّينَ
ئاندىن ئۇلار جاۋابەن: بىز دۇنيادا بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق. ئاي، كۈنلەرنى ھېسابلىغۇچى پەرىشتىلەردىن سوراپ باققىن، دەيدۇ.
Arabic Tafsirs:
قَٰلَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗاۖ لَّوۡ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئاللاھ ئۇلارغا: سىلەر دۇنيادا ئازغىنە تۇردۇڭلار، ئەگەر سىلەر دۇنيادا قانچىلىك تۇرغىنىڭلارنى بىلگەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە سەۋر قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئاسان بولاتتى، دەيدۇ.
Arabic Tafsirs:
أَفَحَسِبۡتُمۡ أَنَّمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ عَبَثٗا وَأَنَّكُمۡ إِلَيۡنَا لَا تُرۡجَعُونَ
ئەي ئىنسانلار! سىلەر بىزنى ئۆزۈڭلارنى بىكارغا، ھېكمەتسىز ياراتتى، شۇڭا بىز خۇددى چارىپايلاردەك جازا - مۇكاپاتقا تارتىلمايمىز، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز، دەپ ئويلامسىلەر؟
Arabic Tafsirs:
فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡحَقُّۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡكَرِيمِ
مەخلۇقاتلىرىنى ئۆزى خالىغىنىچە باشقۇرغۇچى، ھەممىنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھ ھەقتۇر، ۋەدىسىمۇ ھەقتۇر، سۆزىمۇ ھەقتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر. ئەڭ كاتتا مەخلۇقنىڭ رەببى بولغان زات ئەلۋەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ رەببىدۇر.
Arabic Tafsirs:
وَمَن يَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ لَا بُرۡهَٰنَ لَهُۥ بِهِۦ فَإِنَّمَا حِسَابُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡكَٰفِرُونَ
كىمكى ئاللاھقا قوشۇپ قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت بولمىغان (ئاللاھتىن باشقا بارلىق مەبۇدلار مۇشۇنداق) باشقا بىر مەبۇدقا چوقۇنىدىكەن، ئۇ قىلغان يامان ئەمىلىنىڭ جازاسىنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا تارتىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئازابلاش ئارقىلىق جازالايدۇ. شەكسىزكى كاپىرلار كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ، ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇپمۇ قالالمايدۇ.
Arabic Tafsirs:
وَقُل رَّبِّ ٱغۡفِرۡ وَٱرۡحَمۡ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر: رەببىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن مەرھەمەت قىلغىن، سەن گۇناھكارغىمۇ رەھىم قىلىپ، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن، دېگىن.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• الكافر حقير مهان عند الله.
كاپىر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارسىز، خاردۇر.

• الاستهزاء بالصالحين ذنب عظيم يستحق صاحبه العذاب.
سالىھ كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش مەسخىرە قىلغۇچىنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان چوڭ گۇناھتۇر.

• تضييع العمر لازم من لوازم الكفر.
ئۆمۈرنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىش كۇپۇرلۇقنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر.

• الثناء على الله مظهر من مظاهر الأدب في الدعاء.
ئاللاھنى مەدھىيەلەش دۇئادىكى ئەدەب - قائىدىلەردىن بىرىدۇر.

• لما افتتح الله سبحانه السورة بذكر صفات فلاح المؤمنين ناسب أن تختم السورة بذكر خسارة الكافرين وعدم فلاحهم.
ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى بەختكە ئېرىشىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ باشلىغان بولغاچقا، سۈرىنى كاپىرلارنىڭ زىيانكارلىقى ۋە نىجات تاپالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇناسىپلاشتۇردى.

 
Translation of the Meanings Surah: Al-Mu’minūn
Index of Surahs Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Quran - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Index of Translations

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

Close