Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Quran - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Index of Translations


Translation of the Meanings Surah: Tā-ha   Verse:
إِذۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰٓ
ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ئىلھام ئارقىلىق سېنى پىرئەۋننىڭ ھىلە-مىكرىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت ئىشنى ئىلھام قىلدۇق.
Arabic Tafsirs:
أَنِ ٱقۡذِفِيهِ فِي ٱلتَّابُوتِ فَٱقۡذِفِيهِ فِي ٱلۡيَمِّ فَلۡيُلۡقِهِ ٱلۡيَمُّ بِٱلسَّاحِلِ يَأۡخُذۡهُ عَدُوّٞ لِّي وَعَدُوّٞ لَّهُۥۚ وَأَلۡقَيۡتُ عَلَيۡكَ مَحَبَّةٗ مِّنِّي وَلِتُصۡنَعَ عَلَىٰ عَيۡنِيٓ
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا ئىلھام قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا: مۇسانى تۇققاندىن كېيىن ساندۇققا سالغىن، ساندۇقنى دېڭىزغا تاشلىغىن، دېڭىز ساندۇقنى بىزنىڭ بۇيرىقىمىز بىلەن قىرغاققا ئەچىقىدۇ. بۇنى مېنىڭ ۋە مۇسانىڭ دۈشمىنى بولغان پىرئەۋن ئالىدۇ، ئۇ مېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈم، مۇھاپىزەت قىلىشىم ۋە ئاسرىشىم ئاستىدا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان سۆيگۈنى ئاتا قىلدىم.
Arabic Tafsirs:
إِذۡ تَمۡشِيٓ أُخۡتُكَ فَتَقُولُ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ مَن يَكۡفُلُهُۥۖ فَرَجَعۡنَٰكَ إِلَىٰٓ أُمِّكَ كَيۡ تَقَرَّ عَيۡنُهَا وَلَا تَحۡزَنَۚ وَقَتَلۡتَ نَفۡسٗا فَنَجَّيۡنَٰكَ مِنَ ٱلۡغَمِّ وَفَتَنَّٰكَ فُتُونٗاۚ فَلَبِثۡتَ سِنِينَ فِيٓ أَهۡلِ مَدۡيَنَ ثُمَّ جِئۡتَ عَلَىٰ قَدَرٖ يَٰمُوسَىٰ
ئۆز ۋاقتىدا ھەمشىرەڭ ساندۇققا ئەگىشىپ بىرگە ماڭدى، ساندۇقنى ئالغان كىشىلەرگە: ئۇ بالىنى ئېمىتىپ، ئاسراپ تەربىيلەيدىغان بىرسىنى كۆرسۈتۈپ قويايمۇ دېدى. بىز ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ئاناڭنى خۇرسەن بولسۇن ۋە سېنىڭ ئۈچۈن قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئاناڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق. سەن بىرىنى قويۇپ قىبتىنى ئۆلتۈردىڭ، سېنى بۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مەرھەمەت قىلدۇق. ھەر قېتىمدا سېنى بارلىق سىناقلاردىن خالاس قىلدۇق، يۇرتۇڭدىن چېقىپ مەديەندە بىر قانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن ئى مۇسا! سەن بىلەن سۆزلىشىش تەقدىر قېلىنغان بۇ جايغا كەلدىڭ.
Arabic Tafsirs:
وَٱصۡطَنَعۡتُكَ لِنَفۡسِي
مەن ساڭا نازىل قىلغان ۋەھيىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشۇڭ ئۈچۈن .پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم
Arabic Tafsirs:
ٱذۡهَبۡ أَنتَ وَأَخُوكَ بِـَٔايَٰتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكۡرِي
ئى مۇسا سەن ۋە قېرىندىشىڭ ھارۇن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قېلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ دەۋىتىمدىن ۋە مېنى زىكىر قىلىشتىن بوشىشىپ قالماڭلار.
Arabic Tafsirs:
ٱذۡهَبَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
ئى مۇسا ۋە ھارۇن! پىرئەۋۇننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن .كۇپرىلىقتا ۋە ئاللاھقا گەردەنكەشلىك قىلىشتا بەك ھەددىدىن ئاشتى
Arabic Tafsirs:
فَقُولَا لَهُۥ قَوۡلٗا لَّيِّنٗا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوۡ يَخۡشَىٰ
ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلماي مۇلايىملىق بىلەن سۆز قىلىڭلار، بەلىكم ئۇ ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى ئاللاھدىن قورقۇپ تەۋبە قىلىشى .مۇمكىن
Arabic Tafsirs:
قَالَا رَبَّنَآ إِنَّنَا نَخَافُ أَن يَفۡرُطَ عَلَيۡنَآ أَوۡ أَن يَطۡغَىٰ
مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالام: بىز دەۋەتنى تاماملاشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىزنى جازالىشىدىن ياكى يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىزنى ئۆلتۈرۈش ۋە باشقا ئازابلار بىلەن زۇلۇم قىلىشىدىن قورقىمىز، دېدى.
Arabic Tafsirs:
قَالَ لَا تَخَافَآۖ إِنَّنِي مَعَكُمَآ أَسۡمَعُ وَأَرَىٰ
ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەنگە: سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ياردەم بېرىش ۋە كۇچلاندۇرۇشتا سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن دېدى.
Arabic Tafsirs:
فَأۡتِيَاهُ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَلَا تُعَذِّبۡهُمۡۖ قَدۡ جِئۡنَٰكَ بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّكَۖ وَٱلسَّلَٰمُ عَلَىٰ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلۡهُدَىٰٓ
سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئى پىرئەۋن! بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى ھايات قويۇش بىلەن ئۇلارنى ئازابلىمىغىن، بىز ساڭا ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يۇلىغا ئەگەشكەن ۋە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامانلىق .بولىدىغان پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق دەڭلار
Arabic Tafsirs:
إِنَّا قَدۡ أُوحِيَ إِلَيۡنَآ أَنَّ ٱلۡعَذَابَ عَلَىٰ مَن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپ بولىدىغانلىقىنى ۋەھيى قىلدى.
Arabic Tafsirs:
قَالَ فَمَن رَّبُّكُمَا يَٰمُوسَىٰ
پىرئەۋن ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلىپ: ئى مۇسا! سىلەر ئىككىڭلار ئۆزەڭلارنى ماڭا ئەۋەتتى دەپ قارىغان پەرۋەردىگارىڭلار زادى كىم؟دېدى.
Arabic Tafsirs:
قَالَ رَبُّنَا ٱلَّذِيٓ أَعۡطَىٰ كُلَّ شَيۡءٍ خَلۡقَهُۥ ثُمَّ هَدَىٰ
مۇسا: پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق بىر زاتكى، ھەر بىر نەرسىگە ئۆزىگە مۇناسىپ شەكىل ۋە سۈرەتنى ئاتا قىلدى، ئاندىن مەخلۇقاتلارغا ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىدىن مەقسەت قېلىنغان كۆرسەتمىلەرنى بايان قىلىپ .بەردى دېدى
Arabic Tafsirs:
قَالَ فَمَا بَالُ ٱلۡقُرُونِ ٱلۡأُولَىٰ
پىرئەۋن: ئىلگىرى كاپىر ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟، دېدى.
Arabic Tafsirs:
Benefits of the Verses on this page:
• كمال اعتناء الله بكليمه موسى عليه السلام والأنبياء والرسل، ولورثتهم نصيب من هذا الاعتناء على حسب أحوالهم مع الله.
ئاللاھ تائالانىڭ مۇسائەلەيھىسسالامغا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ كۆڭۈل بۆلۈشتىن نەسىۋېگە ئېرىشىدىغانلىقى .بايان قىلىنىدۇ

• من الهداية العامة للمخلوقات أن تجد كل مخلوق يسعى لما خلق له من المنافع، وفي دفع المضار عن نفسه.
مەخلۇقاتلار ئۈچۈن بولغان ئومۇمى ھىدايەتتىن: ھەر بىر جانلىق ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۆزىگە زىيانلىق .بولغان نەرسىنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قېلىدۇ

• بيان فضيلة الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، وأن ذلك يكون باللين من القول لمن معه القوة، وضُمِنَت له العصمة.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ پەزىلىتى، بۇنىڭ ھەر قانچە كۈچلۈك كىشىلەرگىمۇ مۇلايىملىق بىلەن سۆز قىلىش كېرەكلىكى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

• الله هو المختص بعلم الغيب في الماضي والحاضر والمستقبل.
ئۆتكەنكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى غەيبى ئىلىمنى بېلىش ئاللاھقىلا .خاستۇر

 
Translation of the Meanings Surah: Tā-ha
Index of Surahs Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Quran - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Index of Translations

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

Close