Check out the new design

Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Sura: El-Enbija   Ajet:
وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِمۡ فِعۡلَ ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَإِقَامَ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءَ ٱلزَّكَوٰةِۖ وَكَانُواْ لَنَا عَٰبِدِينَ
ئۇلارنى كىشىلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان پېشىۋالاردىن قىلدۇق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كىشىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلىش، زاكات بېرىشنى ۋەھى قىلدۇق، ئۇلار بىزگە بويسۇندى
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَلُوطًا ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗا وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَت تَّعۡمَلُ ٱلۡخَبَٰٓئِثَۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَٰسِقِينَ
بىز لۇتقا دەۋاگەرلەر ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان ھېكمەت ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنى ئاھالىسى ناچار قىلىقلارنى قىلىدىغان سەدۇم كەنتىگە چۈشۈرگەن ئازابتىن ساقلاپ قالدۇق. شەكسىزكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان پاسىق كىشىلەر ئىدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَأَدۡخَلۡنَٰهُ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
بىز لۇتنى قەۋمىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق رەھمىتىمىزگە ئالدۇق، چۈنكى ئۇ بىز بۇيرۇغاننى بەجا كەلتۈرىدىغان، چەكلىمىلىرىمىزدىن يانىدىغان سالىھ كىشىلەردىن ئىدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَنُوحًا إِذۡ نَادَىٰ مِن قَبۡلُ فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي پەيغەمبەر! نۇھنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىبراھىم ۋە لۇتتىن بۇرۇن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى بۈيۈك غەمدىن قۇتۇلدۇردۇق.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَنَصَرۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ
بىز ئۇنى ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى قىلىپ ئەۋەتكەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمىنىڭ مىكرىدىن قۇتۇلدۇردۇق. شەكسىزكى ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، ناچار كىشىلەر ئىدى. شۇڭا بىز ئۇلارنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَدَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ إِذۡ يَحۡكُمَانِ فِي ٱلۡحَرۡثِ إِذۡ نَفَشَتۡ فِيهِ غَنَمُ ٱلۡقَوۡمِ وَكُنَّا لِحُكۡمِهِمۡ شَٰهِدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! داۋۇت بىلەن ئوغلى سۇلايماننىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككەيلەن ئىككى داۋاگەرنىڭ سۇنغان دەۋاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، بىرىنىڭ قويى كېچىدە چىقىپ يەنە بىرىنىڭ زىرائەتلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە شاھىت بولدۇق، ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمىدىن ھېچ نەرسە بىزگە مەخپىي بولمىدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
فَفَهَّمۡنَٰهَا سُلَيۡمَٰنَۚ وَكُلًّا ءَاتَيۡنَا حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَسَخَّرۡنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلۡجِبَالَ يُسَبِّحۡنَ وَٱلطَّيۡرَۚ وَكُنَّا فَٰعِلِينَ
بۇ مەسىلىنى بىز دادىسى داۋۇدقا ئەمەس، بەلكى سۇلايمانغا چۈشەندۈردۇق، داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ ھەر بىرىگە پەيغەمبەرلىك ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرى ھەققىدە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بۇنى يالغۇز سۇلايمانغا خاس قىلمىدۇق. تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇدقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار داۋۇد بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتدۇ. چۈشەندۈرۈش، ھېكمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلىش ھەمدە بويسۇندۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى بىز ئەزەلدىن قىلالايتتۇق.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَعَلَّمۡنَٰهُ صَنۡعَةَ لَبُوسٖ لَّكُمۡ لِتُحۡصِنَكُم مِّنۢ بَأۡسِكُمۡۖ فَهَلۡ أَنتُمۡ شَٰكِرُونَ
بىز سۇلايمانغا ئەمەس، داۋۇدقا بەدىنىڭلارنى ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشىدىن قوغدايدىغان ساۋۇت - دوبۇلغىلارنى ياساشنى ئۆگەتتۇق. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلامسىلەر؟
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ عَاصِفَةٗ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦٓ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَاۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيۡءٍ عَٰلِمِينَ
بىز سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنى شام زېمىنىغا ئېلىپ باراتتى. بىز ئۇ زېمىندا نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ھەمدە كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇ جاينى بەرىكەتلىك قىلدۇق. بىز ھەر ئىشنى بىلىپ تۇراتتۇق، بىزگە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي ئەمەس ئىدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• فعل الخير والصلاة والزكاة، مما اتفقت عليه الشرائع السماوية.
ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش قاتارلىق ئىشلار بارلىق ساماۋىي دىنلاردا بىردەك تەلەپ قىلىنغان.

• ارتكاب الفواحش سبب في وقوع العذاب المُسْتَأْصِل.
پاھىشە ئىشلارنى قىلىش تۈپ تەلتۆكۈس يوق قىلغۇچى ئازابنىڭ چۈشۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

• الصلاح سبب في الدخول في رحمة الله.
ياخشىلىنىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• الدعاء سبب في النجاة من الكروب.
دۇئا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

 
Prijevod značenja Sura: El-Enbija
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. - Sadržaj prijevodā

Izdavač: centar za kur'anske studije "Tefsir".

Zatvaranje