Check out the new design

Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Sura: Merjem   Ajet:
فَكُلِي وَٱشۡرَبِي وَقَرِّي عَيۡنٗاۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ ٱلۡبَشَرِ أَحَدٗا فَقُولِيٓ إِنِّي نَذَرۡتُ لِلرَّحۡمَٰنِ صَوۡمٗا فَلَنۡ أُكَلِّمَ ٱلۡيَوۡمَ إِنسِيّٗا
يېڭى مېۋىدىن يېگىن، سۇدىن ئېچكىن، تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن كۆڭلۈڭ خۇرسەن بولسۇن غەم قىلمىغىن، ئىنسانلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرسەڭ، بۇ بوۋاق توغرۇلۇق سورىسا، ئۇ كىشىگە: مەن بۈگۈن ھېچ كىشىگە سۆز قىلماسلىق توغرىسىدا پەرۋەردىگارىمغا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ئىنسانلاردىن ھېچ كىشىگە سۆز قىلمايمەن دېگىن.
Tefsiri na arapskom jeziku:
فَأَتَتۡ بِهِۦ قَوۡمَهَا تَحۡمِلُهُۥۖ قَالُواْ يَٰمَرۡيَمُ لَقَدۡ جِئۡتِ شَيۡـٔٗا فَرِيّٗا
مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، قەۋمى ئۇنىڭ بوۋاق كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! سەن بەك غەلىتە ئىش قىلدىڭ، دادىسى يوق بىر بالىنى ئېلىپ كەلدىڭ دېدى
Tefsiri na arapskom jeziku:
يَٰٓأُخۡتَ هَٰرُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ ٱمۡرَأَ سَوۡءٖ وَمَا كَانَتۡ أُمُّكِ بَغِيّٗا
ئى ئىبادەتتە ھارۇنغا ئوخشىغۇچى قىز! (ھارۇن ياخشى ئادەم ئىدى) سېنىڭ داداڭ زىناخور ئادەم ئەمەس ئېدى، ئاناڭمۇ پاھىشە ئايال ئەمەس ئېدى، سەن تەقۋادارلىق بىلەن تونۇلغان پاك ئائىلىنىڭ قىزى ئېدىڭ، دادىسى يوق بالىنى قانداق ئېلىپ كەلدىڭ؟، دېدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
فَأَشَارَتۡ إِلَيۡهِۖ قَالُواْ كَيۡفَ نُكَلِّمُ مَن كَانَ فِي ٱلۡمَهۡدِ صَبِيّٗا
مەريەم قۇچاقتىكى ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشارەت قىلدى، قەۋمى ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا: قۇچاقتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز .دېدى
Tefsiri na arapskom jeziku:
قَالَ إِنِّي عَبۡدُ ٱللَّهِ ءَاتَىٰنِيَ ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلَنِي نَبِيّٗا
ئىسا ئەلەيھىسسالام: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن. ئاللاھ ماڭا ئىنجىلنى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر قىلىدۇ دېدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيۡنَ مَا كُنتُ وَأَوۡصَٰنِي بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ مَا دُمۡتُ حَيّٗا
قەيەردە بولسام بەندىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قىلدى، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن مېنى نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە .بۇيرىدى
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَبَرَّۢا بِوَٰلِدَتِي وَلَمۡ يَجۡعَلۡنِي جَبَّارٗا شَقِيّٗا
مېنى ئانامغا ياخشىلىق قېلىدىغان قىلدى. مېنى پەرۋەردىگارىمغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قېلىدىغان قىلمىدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَٱلسَّلَٰمُ عَلَيَّ يَوۡمَ وُلِدتُّ وَيَوۡمَ أَمُوتُ وَيَوۡمَ أُبۡعَثُ حَيّٗا
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، قىيامەت كۈنى تېرىلگەندە شەيتان ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىمەن. بۇ قورقۇنۇچلۇق ئۈچ ئورۇندا شەيتان ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
Tefsiri na arapskom jeziku:
ذَٰلِكَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ قَوۡلَ ٱلۡحَقِّ ٱلَّذِي فِيهِ يَمۡتَرُونَ
ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى مەريەم ئوغلى ئىسادۇر. بۇ ئۇنىڭ توغرىسىدىكى ھەق سۆزدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا .ئىختىلاپ قېلىشىپ شەك قىلىدىغان ئازغۇنلارنىڭ سۆزى ئەمەستۇر
Tefsiri na arapskom jeziku:
مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٖۖ سُبۡحَٰنَهُۥٓۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە ئۇنىڭ بالىسى بولۇش لايىق بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بالىدىن ۋە ھەمراھتىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر. بىر ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئاللاھنىڭ بول دېيىشى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ ئىش شەرتسىز بولىدۇ. شانۇ- شەۋكىتى بۇنداق كاتتا بولغان زات بالىسى .بولۇشتىن پاكتۇر
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَإِنَّ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇ سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممەيلەننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار. ئەنە ئاشۇ سىلەرنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا .ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدۇر
Tefsiri na arapskom jeziku:
فَٱخۡتَلَفَ ٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَيۡنِهِمۡۖ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن مَّشۡهَدِ يَوۡمٍ عَظِيمٍ
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلار ئىختىلاپ قىلىشتى، قەۋمىدىكى كىشىلەر ئىككى پىرقىگە ئۆرۈلدى، بەزىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېدى، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش يەنە بىر پىرقە ئۇنىڭغا كاپىر بولدى، شۇنىڭدەك بەزى پىرقىلەر ھەددىدىن ئېشىپ: ئۇنى ئاللاھ دېدى، يەنە بىر قىسىملىرى: ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئالىدۇر، قىيامەت كۈنىدىكى كاتتا ھېساب ۋە جازا مەيدانىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ .قىلىشقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي
Tefsiri na arapskom jeziku:
أَسۡمِعۡ بِهِمۡ وَأَبۡصِرۡ يَوۡمَ يَأۡتُونَنَا لَٰكِنِ ٱلظَّٰلِمُونَ ٱلۡيَوۡمَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
بۈگۈن يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلارنى نېمە بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرۈدىغان قېلىۋەتتى؟!، ئۇلار كۆردى، كۆرۈشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئاڭلىدى، ئاڭلاشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، لېكىن زالىملار دۇنيادا توغرا يولدىن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئېدى. ئۇلار ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلماي زۇلۇم قىلىپ تۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قىيامەت بولدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• في أمر مريم بالسكوت عن الكلام دليل على فضيلة الصمت في بعض المواطن .
مەريەمنىڭ سۆزلىمەستىن سۈكۈت قىلىشى بولسا، بەزى ئورۇنلاردا .سۈكۈتنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ

• نذر الصمت كان جائزًا في شرع من قبلنا، أما في شرعنا فقد دلت السنة على منعه.
بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ شەرىئىتىدە گەپ قىلماسلىقنى نەزىر قىلسا دۇرۇس بولاتتى، ئەمما بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە بۇنىڭدىن چەكلەنگەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىندى.

• أن ما أخبر به القرآن عن كيفية خلق عيسى هو الحق القاطع الذي لا شك فيه، وكل ما عداه من تقولات باطل لا يليق بالرسل.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرى، ھېچقانداق شەك بولمىغان ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرنىڭ شەنىگە لايىق .بولمايدىغان باتىل توقۇلمىلاردۇر

• في الدنيا يكون الكافر أصم وأعمى عن الحق، ولكنه سيبصر ويسمع في الآخرة إذا رأى العذاب، ولن ينفعه ذلك.
كاپىرلار دۇنيادا ھەقىقەتنى ئاڭلاشتىن گاس، ئۇنى كۆرۈشتىن قارىغۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ قىيامەت كۈنى ئازابنى كۆرگەن ۋاقتىدا، كۆرىدۇ ۋە .ئاڭلايدۇ لېكىن ئۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ

 
Prijevod značenja Sura: Merjem
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. - Sadržaj prijevodā

Izdavač: centar za kur'anske studije "Tefsir".

Zatvaranje