Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 印萨尼   段:
عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا عِبَادُ ٱللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفۡجِيرٗا
ئىتائەتمەنلەرگە تەييارلانغان بۇ شاراپ ئېلىشقا ناھايىتى قولاي بۇلاقلاردىن ئېقىپ چىقىدىغان بولۇپ، ناھايىتى كۆپ، سىڭىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن قېنىپ ئىچىدۇ، خالىغان يەرلەرگە ئېقىتىپ ئاپىرالايدۇ.
阿拉伯语经注:
يُوفُونَ بِٱلنَّذۡرِ وَيَخَافُونَ يَوۡمٗا كَانَ شَرُّهُۥ مُسۡتَطِيرٗا
بۇ شاراپلارنى ئىچىدىغان بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَيُطۡعِمُونَ ٱلطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ مِسۡكِينٗا وَيَتِيمٗا وَأَسِيرًا
ئۇلار يېمەكلىكلەرنى ئۆزلىرى موھتاج ھەم كۆڭلى تارتىدىغان تۇرۇپمۇ يوقسۇللار، يېتىملەر ۋە ئەسىرلەردىن ئىبارەت موھتاجلارغا بېرىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّمَا نُطۡعِمُكُمۡ لِوَجۡهِ ٱللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمۡ جَزَآءٗ وَلَا شُكُورًا
ئۇلار ئاجىز - مىسكىنلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپلا تائام بېرىدىغانلىقىدىن كۆڭلىدە خۇرسەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار يوقسۇللارغا تائام بەرگەنلىكىگە قارىتا ئۇلاردىن مۇكاپات ۋە مەدھىيە كۈتمەيدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّا نَخَافُ مِن رَّبِّنَا يَوۡمًا عَبُوسٗا قَمۡطَرِيرٗا
ھەقىقەتەن بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقىمىز. ئۇ كۈننىڭ دەھشىتى ۋە قورقۇنچىسىدىن بەختسىزلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ.
阿拉伯语经注:
فَوَقَىٰهُمُ ٱللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمِ وَلَقَّىٰهُمۡ نَضۡرَةٗ وَسُرُورٗا
ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن ئاشۇ بۈيۈك كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنى ئىززەتلەش ۋە خۇرسەن قىلىش يۈزىسىدىن يۈزلىرىگە نۇر ھەم گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَجَزَىٰهُم بِمَا صَبَرُواْ جَنَّةٗ وَحَرِيرٗا
ئۇلار تائەت - ئىبادەتلەرگە چىدامچان بولغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا سەۋرچان بولغانلىقى، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
阿拉伯语经注:
مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِۖ لَا يَرَوۡنَ فِيهَا شَمۡسٗا وَلَا زَمۡهَرِيرٗا
ئۇلار جەننەتتە چىرايلىق زىننەتلەنگەن تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇ جەننەتتە نە قۇياش نۇرىنىڭ، نە قاتتىق سوغۇقنىڭ بىئارام قىلغانلىقىنى كۆرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىززىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس مۇقىم سايە ئاستىدا بولىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَدَانِيَةً عَلَيۡهِمۡ ظِلَٰلُهَا وَذُلِّلَتۡ قُطُوفُهَا تَذۡلِيلٗا
جەننەت دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ئۇلارغا يېقىن، مېۋىلىرىمۇ قولىنى سوزغان ئادەم ئالالايدىغان دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالماقچى بولغانلار يېنى ياتقان، ئولتۇرغان ۋە ئۈرە تۇرغان ھەر قانداق ھالەتتە ئاسانلا ئالالايدۇ.
阿拉伯语经注:
وَيُطَافُ عَلَيۡهِم بِـَٔانِيَةٖ مِّن فِضَّةٖ وَأَكۡوَابٖ كَانَتۡ قَوَارِيرَا۠
خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (تۈرلۈك يېمەكلىكلەر تىزىلغان) كۈمۈش قاچىلارنى ۋە مەي تولدۇرۇلغان شىشىدەك سۈزۈك جاملارنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ساقىلار ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، ئېشىپمۇ قالمايدىغان، كەملەپمۇ قالمايدىغان ، ئۆلچەملىك ھالەتتە ئاپىرىدۇ.
阿拉伯语经注:
قَوَارِيرَاْ مِن فِضَّةٖ قَدَّرُوهَا تَقۡدِيرٗا
خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (تۈرلۈك يېمەكلىكلەر تىزىلغان) كۈمۈش قاچىلارنى ۋە مەي تولدۇرۇلغان شىشىدەك سۈزۈك جاملارنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ساقىلار ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، ئېشىپمۇ قالمايدىغان، كەملەپمۇ قالمايدىغان ، ئۆلچەملىك ھالەتتە ئاپىرىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَيُسۡقَوۡنَ فِيهَا كَأۡسٗا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا
بۇ ھۆرمەتلىك بەندىلەرگە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملار سۇنۇلىدۇ.
阿拉伯语经注:
عَيۡنٗا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلۡسَبِيلٗا
ئۇلار جەننەتتىكى سەلسەبىل دېيىلىدىغان بۇلاقتىن ئىچىدۇ.
阿拉伯语经注:
۞ وَيَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ وِلۡدَٰنٞ مُّخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيۡتَهُمۡ حَسِبۡتَهُمۡ لُؤۡلُؤٗا مَّنثُورٗا
جەننەتتە ئۇلارنى داۋاملىق ياش پېتى تۇرىدىغان غىلمانلار ئايلىنىپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە چىرايلىرىنىڭ گۈزەللىكى، رەڭگىنىڭ كۆركەملىكى، سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھەر يەردە پەرۋانە بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن.
阿拉伯语经注:
وَإِذَا رَأَيۡتَ ثَمَّ رَأَيۡتَ نَعِيمٗا وَمُلۡكٗا كَبِيرًا
قاچانكى جەننەتتىكى (راھەت - پاراغەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتلەرگە) قارايدىغان بولساڭ، تەسۋىرلىگۈسىز نازۇنېئمەتلەرنى ۋە ھېچبىر پادىشاھلىق تەڭلىشەلمەيدىغان شاھانە پادىشاھلىقنى كۆرىسەن.
阿拉伯语经注:
عَٰلِيَهُمۡ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضۡرٞ وَإِسۡتَبۡرَقٞۖ وَحُلُّوٓاْ أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٖ وَسَقَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ شَرَابٗا طَهُورًا
ئۇلارنىڭ ئۇچىلىرىدا يۇمشاق يىپەكتىن ۋە قېلىن يىپەكتىن تەييارلانغان ناھايىتى ئېسىل، شاھانە كىيىملەر بولىدۇ. (بىلەكلىرىگە) كۈمۈش بىلەيزۈكلەرنى تاقايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي شاراپلارنى ئىلتىپات قىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمۡ جَزَآءٗ وَكَانَ سَعۡيُكُم مَّشۡكُورًا
ئۇلارغا ئىززەتلەش يۈزىسىدىن: شەكسىزكى سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ نازۇنېئمەتلەر سىلەرنىڭ سالىھ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئەمەللىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولدى، دېيىلىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ تَنزِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى ساڭا بىر قېتىمدىلا نازىل قىلمىدۇق.
阿拉伯语经注:
فَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعۡ مِنۡهُمۡ ءَاثِمًا أَوۡ كَفُورٗا
ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يوليورۇقلىرىغا سەۋر قىلغىن، گۇناھقا چاقىرىدىغان ھېچبىر ئاسىيغا ۋە كۇپۇرلۇققا چاقىرىدىغان ھېچبىر كاپىرغا ئىتائەت قىلمىغىن.
阿拉伯语经注:
وَٱذۡكُرِ ٱسۡمَ رَبِّكَ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا
ئەتىگەندە ئوقۇلىدىغان بامدات نامىزىنى، پىشىن نامىزىنى ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان ئەسىر نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• الوفاء بالنذر وإطعام المحتاج، والإخلاص في العمل، والخوف من الله: أسباب للنجاة من النار، ولدخول الجنة.
ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، موھتاجلارغا تائام بېرىش، ئەمەلدە ئىخلاسمەن بولۇش، ئاللاھتىن قورقۇش قاتارلىقلار دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردۇر.

• إذا كان حال الغلمان الذين يخدمونهم في الجنة بهذا الجمال، فكيف بأهل الجنة أنفسهم؟!
جەننەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتكارلار بۇنچىۋالا گۈزەل بولسا، جەننەت ئەھلىنىڭ ئۆزلىرى نەقەدەر گۈزەلدۇ؟

 
含义的翻译 章: 印萨尼
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭