Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 菲里   段:

پىل

每章的意义:
بيان قدرة الله وبطشه بالكائدين لبيته المحرّم.
ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ بەيتى بولغان ھەرەمگە سۈيىقەست قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنىڭ بايانى .

أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصۡحَٰبِ ٱلۡفِيلِ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ كەبىنى يىقماقچى بولغان ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ پىللارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھەمراھلىرىنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
阿拉伯语经注:
أَلَمۡ يَجۡعَلۡ كَيۡدَهُمۡ فِي تَضۡلِيلٖ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ كەبىنى يىقىش ئۈچۈن پىلانلىغان سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى. نەتىجىدە ئۇلار كىشىلەرنى كەبىدىن توسۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى.
阿拉伯语经注:
وَأَرۡسَلَ عَلَيۡهِمۡ طَيۡرًا أَبَابِيلَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ بولۇپ كېلىدىغان قۇشلارنى ئەۋەتتى.
阿拉伯语经注:
تَرۡمِيهِم بِحِجَارَةٖ مِّن سِجِّيلٖ
قۇشلار ئۇلارغا لايدىن پىشۇرۇلغان ساپال تاشلارنى ئاتاتتى.
阿拉伯语经注:
فَجَعَلَهُمۡ كَعَصۡفٖ مَّأۡكُولِۭ
ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى چارىپايلار چايناپ، چەيلىۋەتكەن ساماندەك قىلىۋەتتى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• خسران من لم يتصفوا بالإيمان وعمل الصالحات، والتواصي بالحق، والتواصي بالصبر.
ئىمان ئيېتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ئۆزئارا ھەقكە ۋە سەۋرگە تەۋسىيە قىلىش سۈپىتىگە ئىگە بولالمىغانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

• تحريم الهَمْز واللَّمْز في الناس.
باشقىلار ئىچىدە قۇتراتقۇلۇق ۋە سۇخەنچىلىك قىلىش ھارامدۇر.

• دفاع الله عن بيته الحرام، وهذا من الأمن الذي قضاه الله له.
ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك ئۆيىنى ئۆزى قوغدايدۇ، بۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈۋەتكەن خاتىرجەملىكتۇر.

 
含义的翻译 章: 菲里
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭