Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (99) سۈرە: ئەئراپ
أَفَأَمِنُواْ مَكۡرَ ٱللَّهِۚ فَلَا يَأۡمَنُ مَكۡرَ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
سىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۆھلەت بەرگەنلىكىگە، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە كەڭرى رىزىق ئاتا قىلغانلىقىغا قاراڭلار. ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئازاپ نازىل قىلىشىدىن) ئەمىن بولالامدۇ؟، پەقەت ھالاك بولغۇچى قەۋىملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن خاتىرجەم بولالايدۇ، ئەمما ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر بولسا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىگە ئالدانمايدۇ، پەقەتلا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان سىنىقى دەپ قارايدۇ-دە ئاللاھقا شۈكرى قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الإيمان والعمل الصالح سبب لإفاضة الخيرات والبركات من السماء والأرض على الأمة.
ئىيمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش؛ ئۈممەتكە ئاسمان-زېمىندىن ياخشىلىق ۋە بەرىكەتلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

• الصلة وثيقة بين سعة الرزق والتقوى، وإنْ أنعم الله على الكافرين فإن هذا استدراج لهم ومكر بهم.
تەقۋادارلىق بىلەن رىزىقنىڭ كەڭرى بولىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت زىچتۇر. ئەگەر ئاللاھ كاپىرلارغا نېئمەت ئاتا قىلغان بولسا، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەدرىجى جازالايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

• على العبد ألا يأمن من عذاب الله المفاجئ الذي قد يأتي في أية ساعة من ليل أو نهار.
كېچە- كۈندۈزنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا كېلىشى مۇمكىن بولغان ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز ئازابىدىن بەندە دىققەت قىلىشى كېرەك.

• يقص القرآن أخبار الأمم السابقة من أجل تثبيت المؤمنين وتحذير الكافرين.
قۇرئان مۆئمىنلەرنىڭ قەلىبلىرىنى مۇستەھكەم قىلىش، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (99) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش