Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (92) سۈرە: ئەئراپ
ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ شُعَيۡبٗا كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَاۚ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ شُعَيۡبٗا كَانُواْ هُمُ ٱلۡخَٰسِرِينَ
شۇئەيىبنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولدى، ئۇلار خۇددى ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ باقمىغاندەك بولۇپ قالدى، شۇئەيىبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە ئىگىدارچىلىقىدىكى نەرسىلەرنى زىيانغا ئۇچىراتتى. شۇئەيىب قەۋمى ئىچىدىكى مۆئمىنلەر كاپىرلار داۋا قىلغىنىدەك زىيان تارتقۇچىلاردىن بولمىغان ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من مظاهر إكرام الله لعباده الصالحين أنه فتح لهم أبواب العلم ببيان الحق من الباطل، وبنجاة المؤمنين، وعقاب الكافرين.
ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنىڭ كۆرىنىشى شۇكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارغا ھەقىقەتنى باتىلدىن ئايرىش، مۆئمىنلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقى، كاپىرلارنىڭ جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىلىملەرنى بىلدۇرىدى.

• من سُنَّة الله في عباده الإمهال؛ لكي يتعظوا بالأحداث، ويُقْلِعوا عما هم عليه من معاص وموبقات.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى قانۇنىيىتى بولسا؛ ئۇلارنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلىشىدۇر.

• الابتلاء بالشدة قد يصبر عليه الكثيرون، ويحتمل مشقاته الكثيرون، أما الابتلاء بالرخاء فالذين يصبرون عليه قليلون.
نۇرغۇن ئادەملەر قىيىنچىلىق سىناقلىرىغا سەۋىر قىلىپ مۇشەققەتلىرىنى كۆتۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما باي-باياشاتلىق ھاياتتا كەلگەن سىناققا ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا سەۋىر قىلالايدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (92) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش