Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (7) سۈرە: جۇمۇئە
وَلَا يَتَمَنَّوۡنَهُۥٓ أَبَدَۢا بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار ھەرگىز ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار كۇپۇرلۇق، گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم، تەۋراتنى بۇرمىلاش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش دېگەندەك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• عظم منة النبي صلى الله عليه وسلم على البشرية عامة وعلى العرب خصوصًا، حيث كانوا في جاهلية وضياع.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئومۇمەتەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن ئەرەبلەرگە كاتتا نېئمەتتۇر. چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن جاھىلىيەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئىدى.

• الهداية فضل من الله وحده، تطلب منه وتستجلب بطاعته.
ھىدايەت دېگەن پەقەت يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، پەقەت شۇنىڭدىنلا تىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

• تكذيب دعوى اليهود أنهم أولياء الله؛ بتحدّيهم أن يتمنوا الموت إن كانوا صادقين في دعواهم لأن الولي يشتاق لحبيبه.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەۋېلىشلىرى ئۇلارغا ئەگەر ئاشۇ دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يالغانلىقى ئىسپاتلاندى. چۈنكى دوست دېگەن ئۆز دوستىغا تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (7) سۈرە: جۇمۇئە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش