Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (35) سۈرە: غاپىر
ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ سُلۡطَٰنٍ أَتَىٰهُمۡۖ كَبُرَ مَقۡتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلۡبِ مُتَكَبِّرٖ جَبَّارٖ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاساسسىزغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە كەلگەن بىرەر دەلىل - پاكىتسىز دەتالاش قىلىدىغانلارنىڭ دەتالاشلىرى ئاللاھنىڭ ھەمدە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئېغىر يامان كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا خۇددى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان بۇ ئادەملەرنىڭ قەلبلىرىنى مۆھۈرلىۋەتكىنىگە ئوخشاش، ھەقىقەتتىن باش تارتقان، تەكەببۇرلۇق قىلغان ھەر كىمنىڭ قەلبىنى مۆھۈرلىۋېتىدۇ - دە، ئۇ نە توغرىنى تاپالمايدۇ، نە ياخشىلىق تەرەپكە ماڭالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الجدال لإبطال الحق وإحقاق الباطل خصلة ذميمة، وهي من صفات أهل الضلال.
ھەقنى ناھەق، ناھەقنى ھەق قىلىش ئۈچۈن دەتالاش قىلىش ئەيىبلەشكە تېگىشلىك قىلمىش بولۇپ، بۇ ئازغۇنلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• التكبر مانع من الهداية إلى الحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقىقەتكە يىتىشكە توسالغۇ بولىدۇ.

• إخفاق حيل الكفار ومكرهم لإبطال الحق.
كاپىرلارنىڭ ھەقنى ناھەت قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ھىيلە - مىكىرلىرى مەغلۇبىيەتتۇر.

• وجوب الاستعداد للآخرة، وعدم الانشغال عنها بالدنيا.
ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىش ھەمدە دۇنياغا بېرىلىپ، ئاخىرەتنىڭ يۈز ئۆرۈمەسلىك زۆرۈردۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (35) سۈرە: غاپىر
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش