Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ياسىن   ئايەت:
إِنَّ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ ٱلۡيَوۡمَ فِي شُغُلٖ فَٰكِهُونَ
شەكسىزكى قىيامەت كۈنىدە جەننەت ئەھلىنىڭ باشقىلار ھەققىدە باش قاتۇرغۇدەك پۇرسىتى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇ جايدىكى ئۈزۈلمەس نېئمەتلەر ۋە كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرۈپ، خۇشاللىقتىن ھەيرانلىققا چۈمىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هُمۡ وَأَزۡوَٰجُهُمۡ فِي ظِلَٰلٍ عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ مُتَّكِـُٔونَ
ئۇلار جۈپتىلىرى بىلەن جەننەتنىڭ قويۇق سايىلىرى ئاستىغا قويۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدە ھۇزۇر سۈرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَهُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَلَهُم مَّا يَدَّعُونَ
بۇ جەننەتتە ئۇلارغا ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ئانار قاتارلىق تۈرلۈك - تۈرلۈك ئېسىل مېۋىلەر بار. ئۇلار كۆڭۈللىرى تارتقان ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە نازۇ-نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَلَٰمٞ قَوۡلٗا مِّن رَّبّٖ رَّحِيمٖ
بۇ نېئمەتلەردىن باشقا ئۇلارغا يەنە شەپقەتلىك پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن دېيىلىدىغان سالاممۇ بار. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا سالام قىلغىنىدا ئۇلار ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن خاتىرجەملىك بولىدۇ، ئۇلار ھېچ تەڭدىشى بولمىغان سالامغا ئېرىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱمۡتَٰزُواْ ٱلۡيَوۡمَ أَيُّهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ
قىيامەت كۈنى مۇشرىكلارغا: مۇئمىنلەردىن ئايرىلىڭلار، ئۇلارغا سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇش ياراشمايدۇ. چۈنكى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات، سىلەرنىڭ سۈپەتلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ئوخشىمايدۇ دېيىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ أَلَمۡ أَعۡهَدۡ إِلَيۡكُمۡ يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعۡبُدُواْ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلمىدىممۇ، پەيغەمبەرلىرىمنىڭ تىلى ئارقىلىق: ئەي ئادەمزات! تۈرلۈك كۇپرى ۋە ئاسىيلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، قانداقسىگە دۈشمەنلىكى ئاشكارا دۈشمەننىڭ كەينىگە كىرىسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَنِ ٱعۡبُدُونِيۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
ئەي ئادەمزات! مەن سىلەرنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىشقا، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدۇم. چۈنكى يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىش مېنىڭ رازىلىقىمغا ۋە جەننەتكە ئېرىشتۈرىدىغان تۈپتۈز يولدۇر. لېكىن سىلەر مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى ۋە بۇيرۇغانلىرىمىنى بەجا كەلتۈرمىدىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ أَضَلَّ مِنكُمۡ جِبِلّٗا كَثِيرًاۖ أَفَلَمۡ تَكُونُواْ تَعۡقِلُونَ
ھەقىقەتەن شەيتان سىلەردىن كۆپىڭلارنى ئازدۇردى. سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىتائىتىگە ۋە يالغۇز ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان، دۈشمەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارا بولغان دۈشمەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشتىن توسىدىغان ئەقلىڭلار يوقمىدى؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
بۇ سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان جەھەننەمدۇر، جەھەننەم سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا كۆرۈنمەيتتى. لېكىن بۈگۈن سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱصۡلَوۡهَا ٱلۡيَوۡمَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
ئەمدى ئۇنىڭغا كىرىڭلار، دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلۡيَوۡمَ نَخۡتِمُ عَلَىٰٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَتُكَلِّمُنَآ أَيۡدِيهِمۡ وَتَشۡهَدُ أَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
بىز بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىلىرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلالمايدىغان گاچىلارغا ئايلىنىدۇ. بىزگە ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئېيتىپ بېرىدۇ، پۇتلىرى ئۇلار ئىشلىگەن گۇناھ - مەئسىيەتلەر ۋە ماڭغان يامان يوللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ نَشَآءُ لَطَمَسۡنَا عَلَىٰٓ أَعۡيُنِهِمۡ فَٱسۡتَبَقُواْ ٱلصِّرَٰطَ فَأَنَّىٰ يُبۡصِرُونَ
ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرمەس قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار كۆرەلمەيتتى. ئاندىن ئۇلار جەننەت تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن پىلسىرات تەرەپكە يۈگۈرۈشىدۇ. لېكىن ئۇلار كۆزلىرى يوق ھالەتتە ئۇنىڭدىن ئۆتەلىشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ نَشَآءُ لَمَسَخۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمۡ فَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ مُضِيّٗا وَلَا يَرۡجِعُونَ
ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تەقى - تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، پۇتلىرى ئۈستىدىلا ئولتۇرغۇزۇۋېتىشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. ئاندىن ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدىن قىمىرلىيالمايتتى ۋە نە ئالدىغا، نە كەينىگە ماڭالمايتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَن نُّعَمِّرۡهُ نُنَكِّسۡهُ فِي ٱلۡخَلۡقِۚ أَفَلَا يَعۡقِلُونَ
بىز كىمگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسەك، ئۇنى قايتىدىن ئاجىزلىق ھالىتىگە قايتۇرىمىز. ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ، بۇ دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك جاي ئەمەسلىكىنى، مەڭگۈلۈك جاينىڭ ئاخىرەت ھاياتى ئىكەنلىكىنى پەملىيەلمەمدۇ!؟.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا عَلَّمۡنَٰهُ ٱلشِّعۡرَ وَمَا يَنۢبَغِي لَهُۥٓۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ وَقُرۡءَانٞ مُّبِينٞ
بىز مۇھەممەدكە شېئىر ئۆگەتكىنىمىز يوق ھەم بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇ تەبىئىتىدىن ئۇنداق ئادەم ئەمەس، سىلەرنىڭ ئۇنى شائىر دەپ بىلجىرلاشلىرىڭلار توغرا بولىدىغان دەرىجىدە ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بىز ئۇنىڭغا پەقەت زىكرىنى ۋە ئويلىنىدىغان ئادەم ئۈچۈن روشەن قۇرئاننىلا ئۆگەتتۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِّيُنذِرَ مَن كَانَ حَيّٗا وَيَحِقَّ ٱلۡقَوۡلُ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ
(بۇ قۇرئان) قەلبى تىرىك، پاراسەتلىك كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭدىن شۇنداق كىشى مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كاپىرلارغا ئازاب لايىقتۇر. چۈنكى قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقى ئۇلارغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق باھانىسى قالمىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• في يوم القيامة يتجلى لأهل الإيمان من رحمة ربهم ما لا يخطر على بالهم.
قىيامەت كۈنىدە ئىمان ئەھلىگە پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ خىيالىغا كېرىپ باقمىغان ئىشلار نامايەن بولىدۇ.

• أهل الجنة مسرورون بكل ما تهواه النفوس وتلذه العيون ويتمناه المتمنون.
جەننەت ئەھلى كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر ھۇزۇرلىنىدىغان، ھەر كىم ئارزۇ قىلىدىغان بارچە نېئمەتلەر بىلەن خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

• ذو القلب هو الذي يزكو بالقرآن، ويزداد من العلم منه والعمل.
قەلبى ئويغاق كىشى قۇرئان بىلەن پاكلىنىدۇ، ئۇ ئارقىلىق ئىلمىنى ۋە ئەمىلىنى كۆپەيتىدۇ.

• أعضاء الإنسان تشهد عليه يوم القيامة.
ئىنساننىڭ ئەزالىرى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ياسىن
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش