Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سەبەئ   ئايەت:
قُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَمَا يُبۡدِئُ ٱلۡبَٰطِلُ وَمَا يُعِيدُ
ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ھەق بولغان ئىسلام كەلدى، باتىلنىڭ قىلچە ئىزى ياكى كۈچىمۇ قالماي يوقالدى. ئەمدى قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ إِن ضَلَلۡتُ فَإِنَّمَآ أَضِلُّ عَلَىٰ نَفۡسِيۖ وَإِنِ ٱهۡتَدَيۡتُ فَبِمَا يُوحِيٓ إِلَيَّ رَبِّيٓۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٞ قَرِيبٞ
ئى پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەنلىرىمدە ھەقتىن ئازغان بولسام، ئازغۇنلۇقۇمنىڭ ۋابالى ئۆزۈمگە، سىلەرگە ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئەگەر توغرا قىلغان بولسام، پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغانلىرى سەۋەبىدىندۇر. شەكسىزكى ئۇ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ھەم ئۇلارغا يېقىندۇر. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئاڭلاش ئۇنىڭغا تەس كەلمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ فَزِعُواْ فَلَا فَوۡتَ وَأُخِذُواْ مِن مَّكَانٖ قَرِيبٖ
ئى پەيغەمبەر! ناۋادا بۇ ئىنكارچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئازابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چاغدا قېچىپ، يوشۇرۇنىدىغان جاي تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى مىنۇتتىلا يېقىن جايدىن ئاسانلا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ھەيران قالارلىق ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِهِۦ وَأَنَّىٰ لَهُمُ ٱلتَّنَاوُشُ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
ئۇلار ئاقىۋىتىنى بىلىپ يەتكەن چاغدا: «بىز قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۇلار ئىمان قوبۇل قىلىنىدىغان جايدىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئىمانى قانداقمۇ قوبۇل قىلىنىسۇن؟ چۈنكى ئۇلار ئەمدى جازا - مۇكاپاتسىز ئەمەلنىڭ ئورنى بولغان دۇنيادىن ئەمەلسىز جازا - مۇكاپاتنىڭ ئورنى بولغان ئاخىرەتكە چىقتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَدۡ كَفَرُواْ بِهِۦ مِن قَبۡلُۖ وَيَقۡذِفُونَ بِٱلۡغَيۡبِ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا كاپىر بولغان تۇرسا، ئىمانى قانداقمۇ قوبۇل قىلىنسۇن؟ ئۇلار ھەقنى تېپىشتىن تولىمۇ يىراق ھالدا قارىسىغا بىلجىرلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سېھىرگەر، كاھىن، شائىر دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَحِيلَ بَيۡنَهُمۡ وَبَيۡنَ مَا يَشۡتَهُونَ كَمَا فُعِلَ بِأَشۡيَاعِهِم مِّن قَبۡلُۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ فِي شَكّٖ مُّرِيبِۭ
بۇ ئىنكارچىلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرىگە ئېرىشىشتىن، كۇپرىدىن تەۋبە قىلىشتىن، دوزاختىن قۇتۇلۇشتىن ۋە ھاياتىي دۇنياغا قايتىشتىن چەكلەندى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئىنكارچى ئۈممەتلەرمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش جازالانغان ئىدى. چۈنكى ئۇلارمۇ ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىش ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن شەك قىلغان ئىدى. شەك قىلىش كۇپۇرلۇققا تۈرتكە بولىدىغان ئامىلدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مشهد فزع الكفار يوم القيامة مشهد عظيم.
قىيامەت كۈنى كاپىرلار ئالاقىزادە بولغان كۆرۈنۈش بۈيۈك بىر كۆرۈنۈشتۇر.

• محل نفع الإيمان في الدنيا؛ لأنها هي دار العمل.
ئىماننىڭ پايدىسى بولىدىغان جاي مۇشۇ دۇنيادۇر، چۈنكى بۇ ئەمەل دۇنياسىدۇر.

• عظم خلق الملائكة يدل على عظمة خالقهم سبحانه.
پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ كاتتىلىقى ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سەبەئ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش