Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (29) سۈرە: رۇم
بَلِ ٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَهۡوَآءَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ فَمَن يَهۡدِي مَنۡ أَضَلَّ ٱللَّهُۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى دەلىل - پاكىتلارنىڭ كەمچىللىكى ياكى روشەن يورۇتۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنى قارىغۇلارچە دورىغانلىقىدۇر. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان كىشىنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالايدىغان ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• خضوع جميع الخلق لله سبحانه قهرًا واختيارًا.
پۈتكۈل مەخلۇقاتلار مەجبۇرىي ۋە ئىختىيارىي ھالدا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ.

• دلالة النشأة الأولى على البعث واضحة المعالم.
دەسلەپكى يارىتىش قايتا تىرىلىشنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

• اتباع الهوى يضل ويطغي.
ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىش ئىنساننى ئازدۇرۇپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

• دين الإسلام دين الفطرة السليمة.
ئىسلام دىنى ساغلام تەبىئەت دىنىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (29) سۈرە: رۇم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش