Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Jinn   Ayah:

جىن

Ilan sa mga Layon ng Surah:
إبطال دين المشركين، ببيان حال الجنّ وإيمانهم بعد سماع القرآن.
مۇشرىكلارنىڭ دىنىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى، جىنلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ بايانى .

قُلۡ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ ٱسۡتَمَعَ نَفَرٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَقَالُوٓاْ إِنَّا سَمِعۡنَا قُرۡءَانًا عَجَبٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق ۋەھيى قىلدى: بەتن نەخلە دېگەن جايدا بىر توپ جىنلار مېنىڭ قۇرئان ئوقۇشۇمغا قۇلاق ساپتۇ، ئاندىن ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغانلىرىدا قەۋمىگە مۇنداق دەپتۇ: ھەقىقەتەن بىز بالاغەت ۋە پاساھەتتە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوقۇلىدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلرُّشۡدِ فَـَٔامَنَّا بِهِۦۖ وَلَن نُّشۡرِكَ بِرَبِّنَآ أَحَدٗا
بىز ئاڭلىغان بۇ سۆز بىزنى ئېتىقادتا، گەپ - سۆزدە ۋە ئىش - ھەرىكەتتە توغرا يولغا باشلايدىكەن. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، بىز ئۇنى بەندىسىگە نازىل قىلغان پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّهُۥ تَعَٰلَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا ٱتَّخَذَ صَٰحِبَةٗ وَلَا وَلَدٗا
بىز ئۇلۇغلۇقى ۋە بۈيۈكلۈكى يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇشرىكلار ئېيتقاندەك خوتۇنى ۋە بالىسى يوقلۇقىغا ئىمان ئېيتتۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّهُۥ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى ٱللَّهِ شَطَطٗا
ھەقىقەتەن ئىبلىس ئاللاھ تائالانىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەندەك يالغان گەپنى دەيتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن تَقُولَ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا
بىز ھەقىقەتەن ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇلارنى يالغان سۆزلىمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇق، ئاندىن ئۇلارنى دوراپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپتۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا
ھەقىقەتەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر بۆلۈك ئىنسانلار قورقۇنچلۇق بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلغانلىرىدا بىر قىسىم جىنلارغا سىغىنىپ: مەن مۇشۇ ۋادىنىڭ خوجىسىغا سىغىنىپ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئەقىلسىزلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جىنلاردىن تېخىمۇ قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان بوپكەتكەن ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّهُمۡ ظَنُّواْ كَمَا ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ أَحَدٗا
ئەي جىنلار! ئىنسانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا لَمَسۡنَا ٱلسَّمَآءَ فَوَجَدۡنَٰهَا مُلِئَتۡ حَرَسٗا شَدِيدٗا وَشُهُبٗا
ھەقىقەتەن بىز ئاسمان خەۋەرلىرىنى (تىڭشىۋېلىشقا) ئۇرۇنۇپ باقتۇق. نەتىجىدە ئاسماننىڭ پەرىشتىلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇ مۇھاپىزەتچىلەر ئاسماننى بىز ئىلگىرى قىلىپ كەلگەن ئوغرىلىقچە خەۋەر تىڭشاشتىن مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. يەنە ئاسمان لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان ئوتقا توشقۇزۇلغان بولۇپ، ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغان ھەر كىمگە شۇ ئوت ئېتىلىدىكەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا كُنَّا نَقۡعُدُ مِنۡهَا مَقَٰعِدَ لِلسَّمۡعِۖ فَمَن يَسۡتَمِعِ ٱلۡأٓنَ يَجِدۡ لَهُۥ شِهَابٗا رَّصَدٗا
بىز ئىلگىرى ھەمىشە پەرىشتىلەر ئارىسىدا بولۇنغان سۆزلەرنى ئوغرىلىقچە تىڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئورۇنلىرىمىزنى ئالاتتۇق، ئاندىن ئۇنى يەر يۈزىدىكى كاھىنلارغا ئېيتىپ بېرەتتۇق. ئەمدى ئىش باشقىچە بوپقاپتۇ. يەنى ھازىر بىزدىن كىمكى (ئاسمان خەۋىرىنى) تىڭشىماقچى بولسا، ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تاپىدۇ. ئۇ قاچان ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا شۇ ئوت ئېتىلىپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدىكەن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا لَا نَدۡرِيٓ أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ أَرَادَ بِهِمۡ رَبُّهُمۡ رَشَدٗا
بىز ھەقىقەتەن (ئاسمان خەۋەرلىرىنىڭ) بۇنداق قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى، يەنى يەر يۈزىدىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز. چۈنكى بىزدىن ئاسماننىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قالدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا مِنَّا ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَۖ كُنَّا طَرَآئِقَ قِدَدٗا
ئەي جىنلار! بىزنىڭ ئىچىمىزدە تەقۋادار، ياخشىلارمۇ بار، كاپىر ۋە پاسىقلارمۇ بار. دېمەك، بىز قىزىقىشى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىلمۇخىل تۈرلەرگە بۆلۈندۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن نُّعۡجِزَ ٱللَّهَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَن نُّعۡجِزَهُۥ هَرَبٗا
بىز ھەقىقەتەن شۇنىڭغا ئىشەندۇقكى، ئەگەر ئاللاھ بىزگە بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ئۇ بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنَّا لَمَّا سَمِعۡنَا ٱلۡهُدَىٰٓ ءَامَنَّا بِهِۦۖ فَمَن يُؤۡمِنۢ بِرَبِّهِۦ فَلَا يَخَافُ بَخۡسٗا وَلَا رَهَقٗا
ھەقىقەتەن بىز ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان ئاشۇ قۇرئاننى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ھەمدە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىغا بىرەر گۇناھنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تأثير القرآن البالغ فيمَنْ يستمع إليه بقلب سليم.
قۇرئاننى ساغلام قەلب بىلەن تىڭشىغان كىشىگە قۇرئان كەرىم قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.

• الاستغاثة بالجن من الشرك بالله، ومعاقبةُ فاعله بضد مقصوده في الدنيا.
جىنلاردىن ياردەم تىلىگەنلىك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچى مۇشۇ دۇنيادىلا مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە جازالىنىدۇ.

• بطلان الكهانة ببعثة النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن كاھىنلىق بەربات بولدى.

• من أدب المؤمن ألا يَنْسُبَ الشرّ إلى الله.
يامانلىقنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلماسلىق مۇئمىننىڭ ئەدەب - ئەخلاقىدىندۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Jinn
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara