Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: As-Saff   Ayah:

سەپ

Ilan sa mga Layon ng Surah:
حثّ المؤمنين لنصرة الدين.
مۇئمىنلەرنى دىنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفۡعَلُونَ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر! سىلەر نېمىشقا ئەمەلىيەتتە قىلمىغان ئىشنى قىلدۇق دەيسىلەر؟ بۇ خۇددى بىرىڭلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھېچكىمنى چاپماي تۇرۇپ: مەن قىلىچىم بىلەن ئۇرۇش قىلدىم ۋە (كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىنى) چاپتىم، دېگىنىگە ئوخشايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
كَبُرَ مَقۡتًا عِندَ ٱللَّهِ أَن تَقُولُواْ مَا لَا تَفۡعَلُونَ
سىلەرنىڭ قىلمىغان ئىشنى قىلدىم دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھقا سەمىمىي بولۇپ، ئىش - ھەرىكىتى سۆزى بىلەن بىردەك بولۇشتىن باشقىسى مۇئمىنگە ياراشمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِهِۦ صَفّٗا كَأَنَّهُم بُنۡيَٰنٞ مَّرۡصُوصٞ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، خۇددى بىر - بىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ تۇرغان بىنالارغا ئوخشاش مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ سەپ بولۇپ ئۇرۇش قىلغان مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ لِمَ تُؤۡذُونَنِي وَقَد تَّعۡلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡۖ فَلَمَّا زَاغُوٓاْ أَزَاغَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمۡۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ بۇيرۇقۇمغا قارشى چىقىش ئارقىلىق نېمىشقا ماڭا ئازار بېرىسىلەر؟ ئۇلار ئېزىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ھەقتىن ۋە توغرا يولدىن بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• مشروعية مبايعة ولي الأمر على السمع والطاعة والتقوى.
بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىش ۋە تەقۋادارلىق ھەققىدە ئىش بېشىدىكى (ئالىملار ۋە مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار) غا بەيئەت بېرىش يوللۇق ئىشتۇر.

• وجوب الصدق في الأفعال ومطابقتها للأقوال.
ئىش - ھەرىكەتلەردە سەمىمىي بولۇش، سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولۇش ۋاجىبتۇر.

• بيَّن الله للعبد طريق الخير والشر، فإذا اختار العبد الزيغ والضلال ولم يتب فإن الله يعاقبه بزيادة زيغه وضلاله.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ياخشىلىق ۋە يامانلىق يوللىرىنى روشەن بايان قىلغان بولۇپ، ناۋادا بەندە ئازغۇنلۇقنى تاللاپ، تەۋبە قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم تېخىمۇ ئازدۇرۇۋېتىش ئارقىلىق جازالايدۇ.

وَإِذۡ قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُم مُّصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيَّ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَمُبَشِّرَۢا بِرَسُولٖ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِي ٱسۡمُهُۥٓ أَحۡمَدُۖ فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقىتدا مەريەم ئوغلى ئىيسا: ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن. ئاللاھ مېنى سىلەرگە مەندىن بۇرۇنقى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن پەيغەمبەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. مېنى ئۆزۈمدىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى قىلدى. ئىيسا ئۆزىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن چاغدا، ئۇلار: بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قەتئىي ئەگەشمەيمىز، دېيىشتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُوَ يُدۡعَىٰٓ إِلَى ٱلۡإِسۡلَٰمِۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئاللاھنىڭ ساپ ھەم تەۋھىد دىنى بولغان ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلارغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يُرِيدُونَ لِيُطۡفِـُٔواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَٱللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
بۇ ئىنكارچىلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ناچار سۆزلەر ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاش قاتارلىق قىلىقلار سادىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدە دىنىنى غالىب قىلىش ۋە كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئۆز نۇرىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغۇچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُشۡرِكُونَ
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھىدايەت ۋە ياخشىلىققا باشلايدىغان دىن بولغان ھەمدە مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەل دىنى بولغان ئىسلام بىلەن ئەۋەتتى. (ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ دىن بىلەن ئەۋەتىشى) بۇ دىننىڭ زېمىندا قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدىغان مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى بارچە دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ تِجَٰرَةٖ تُنجِيكُم مِّنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرگە دەرتلىك ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان پايدىلىق بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
بۇ پايدىلىق تىجارەت بولسا، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ماللىرىنى چىقىم قىلىش ۋە جانلىرىنى پىدا قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر. ئەگەر بىلسەڭلار مەزكۇر ئەمەل سىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر. شۇڭا ئۇنى قىلىشقا ئالدىراڭلار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡ وَيُدۡخِلۡكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَمَسَٰكِنَ طَيِّبَةٗ فِي جَنَّٰتِ عَدۡنٖۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى بولسا، ئاللاھ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە، مەڭگۈ كۆچمەي تۇرىدىغان جەننەتلەردىكى ئېسىل تۇرالغۇلارغا كىرگۈزىدۇ. مەزكۇر مۇكاپات ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان ئىنتايىن كاتتا ئۇتۇقتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأُخۡرَىٰ تُحِبُّونَهَاۖ نَصۡرٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَتۡحٞ قَرِيبٞۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
بۇ تىجارەتنىڭ سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھەم مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا نەخلىشىدىغان يەنە بىر پايدىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى، سىلەرگە پات يېقىندا ئاتا قىلىدىغان پەتھىسى، يەنى مەككە ۋە باشقا جايلارنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە مۇشۇ دۇنيادا غەلىبە - نۇسرەتكە ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزگىن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُوٓاْ أَنصَارَ ٱللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ لِلۡحَوَارِيِّـۧنَ مَنۡ أَنصَارِيٓ إِلَى ٱللَّهِۖ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ نَحۡنُ أَنصَارُ ٱللَّهِۖ فَـَٔامَنَت طَّآئِفَةٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَكَفَرَت طَّآئِفَةٞۖ فَأَيَّدۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ عَلَىٰ عَدُوِّهِمۡ فَأَصۡبَحُواْ ظَٰهِرِينَ
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ھەۋارىيلارنىڭ ياردەم بەرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلار ئېلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار. ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەۋارىيلارغا: ئاللاھ تەرەپكە مېڭىشتا كىم مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟ دېگەندە ئۇلار دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ: بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولىمىز، دېگەن ئىدى. ئاندىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر بۆلۈكى كاپىر بولدى. بىز ئىيساغا ئىمان ئېيتقانلارنى ئۇنىڭغا كاپىر بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلار كاپىر بولغانلاردىن غالىب كەلدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تبشير الرسالات السابقة بنبينا صلى الله عليه وسلم دلالة على صدق نبوته.
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز بىلەن بېشارەت بەرگەنلىكى ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر.

• التمكين للدين سُنَّة إلهية.
دىننىڭ قۇدرەت تېپىشى ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• الإيمان والجهاد في سبيل الله من أسباب دخول الجنة.
ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىندۇر.

• قد يعجل الله جزاء المؤمن في الدنيا، وقد يدخره له في الآخرة لكنه لا يُضَيِّعه - سبحانه -.
ئاللاھ تائالا مۇئمىننىڭ مۇكاپاتىنى بەزىدە مۇشۇ دۇنيادىلا نەخلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، بەزىدە ئاخىرەتكە قالدۇرىدۇ. لېكىن ھېچبىر مۇكاپاتنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: As-Saff
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara