Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Muhammad   Ayah:
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَوۡلَا نُزِّلَتۡ سُورَةٞۖ فَإِذَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ مُّحۡكَمَةٞ وَذُكِرَ فِيهَا ٱلۡقِتَالُ رَأَيۡتَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ نَظَرَ ٱلۡمَغۡشِيِّ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَأَوۡلَىٰ لَهُمۡ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر -ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە جىھادنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ-: ئاللاھ نېمىشقا جىھادنىڭ ھۆكۈملىرى تىلغا ئېلىنغان بىرەر سۈرە نازىل قىلمىدى، دېيىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بايانى ۋە ھۆكۈملىرى ئېنىق بېكىتىلگەن (مۇھكەم)، جىھادنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلسا، -ئەي پەيغەمبەر!- قەلبىدە گۇمان بار مۇناپىقلارنىڭ ساڭا خۇددى قاتتىق قورقۇپ، ئالاقىزادە بوپكەتكەنلىكتىن ھوشىنى يوقاتقان ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇلارنى چىرمىۋالغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ جىھادتىن قورقۇپ، جىھادقا چىققىلى ئۇنىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابنىڭ ئۇلارغا تولىمۇ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
طَاعَةٞ وَقَوۡلٞ مَّعۡرُوفٞۚ فَإِذَا عَزَمَ ٱلۡأَمۡرُ فَلَوۡ صَدَقُواْ ٱللَّهَ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىنكار قىلماستىن ياخشى سۆزنى قىلىشى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ياخشى ئىدى. جىھاد پەرز قىلىنىپ، ئىش چىڭغا چىققاندا ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا ۋە ئىتائىتىدە سەمىمىي بولغان بولسا ئىدى، بۇنداق قىلىش ئۇلارغا نىسبەتەن نىفاقتىن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَهَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن تَوَلَّيۡتُمۡ أَن تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَتُقَطِّعُوٓاْ أَرۡحَامَكُمۡ
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك چوقۇم كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىسىلەر، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىسىلەر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فَأَصَمَّهُمۡ وَأَعۡمَىٰٓ أَبۡصَٰرَهُمۡ
يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈۋېتىش دېگەن سۈپەتلەرگە ئىگە ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان، ھەقنى قوبۇل قىلىپ، بويسۇنىدىغان تەرزدە ئاڭلاشتىن قۇلاقلىرىنى پاڭ قىلىۋەتكەن، كۆزلىرىنى ئىبرەت نەزىرىدە كۆرۈشتىن كور قىلىۋەتكەنلەردۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ أَمۡ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقۡفَالُهَآ
قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كىشىلەر قۇرئان ھەققىدە ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئويلىنىپ باققان بولسا ئىدى، قۇرئان ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەر قانداق ياخشىلىققا يېتەكلەپ، ھەر قانداق يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرغان بولاتتى. ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە قۇلۇپلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى پەند - نەسىھەت كىرمەيدىغان ۋە مەنپەئەت قىلمايدىغان دەرىجىدە مەھكەم ئېتىلىپ قالغانمۇ؟
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱرۡتَدُّواْ عَلَىٰٓ أَدۡبَٰرِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡهُدَى ٱلشَّيۡطَٰنُ سَوَّلَ لَهُمۡ وَأَمۡلَىٰ لَهُمۡ
دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكى ئىسپاتلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمانىدىن كۇپرى ۋە نىفاققا قايتىۋالغانلارغا كەلسەك، شەيتان ئۇلارغا كۇپرىنى، نىفاقنى چىرايلىق كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇلارغا ئۇنىڭ يوللىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئايىغى چىقماس خام خىياللارغا چۆمدۈرگەن كىشىلەردۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لِلَّذِينَ كَرِهُواْ مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ سَنُطِيعُكُمۡ فِي بَعۡضِ ٱلۡأَمۡرِۖ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِسۡرَارَهُمۡ
ئۇلارنىڭ بۇ ئازغۇنلۇقى ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىينى يامان كۆرىدىغان مۇشرىكلارغا خۇپىيانە ھالدا: بىز باشقىلارنى جىھادتىن بوشاشتۇرۇشقا ئوخشاش بىر قىسىم ئىشلاردا چوقۇم سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز، دېگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىشلاردىن ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرى ئۈچۈن خالىغان نەرسىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَكَيۡفَ إِذَا تَوَفَّتۡهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ
ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالەتتە قىينالغانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ، قانداق بولۇپ كېتەتتىڭ!؟ بۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە كاسىلىرىغا تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱتَّبَعُواْ مَآ أَسۡخَطَ ٱللَّهَ وَكَرِهُواْ رِضۡوَٰنَهُۥ فَأَحۡبَطَ أَعۡمَٰلَهُمۡ
بۇ ئازاب ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق، مۇناپىقلىق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىش دېگەندەك ئاللاھنىڭ غەزىبىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە پەيغەمبىرىگە ئەگىشىش دېگەندەك ئۆزلىرىنى رەببىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى يامان كۆرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَن لَّن يُخۡرِجَ ٱللَّهُ أَضۡغَٰنَهُمۡ
قەلبلىرىدە شەك بار مۇناپىقلار ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاشكارىلىمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ئاللاھ تائالا ھەقىقىي ئىمانلىق كىشىلەرنى ساختىپەزدىن ئايرىش، ھەقىقىي مۇئمىننى ئاشكارىلاپ، مۇناپىقنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلەرگە مۇپتىلا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• التكليف بالجهاد في سبيل الله يميّز المنافقين من صفّ المؤمنين.
ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا تەكلىپ قىلىش مۇناپىقلارنى مۇئمىنلەرنىڭ سېپىدىن ئايرىيدۇ.

• أهمية تدبر كتاب الله، وخطر الإعراض عنه.
ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش مۇھىم بولغاندەك، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشمۇ خەتەرلىكتۇر.

• الإفساد في الأرض وقطع الأرحام من أسباب قلة التوفيق والبعد عن رحمة الله.
يەر يۈزىدە بۇرۇقچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش ھەقكە ئاز مۇۋەپپەق قىلىنىش ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Muhammad
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara