Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Qasas   Ayah:
وَنُمَكِّنَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَنُرِيَ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَجُنُودَهُمَا مِنۡهُم مَّا كَانُواْ يَحۡذَرُونَ
بىز ئۇلارغا سەلتەنەت بېرىپ يەر يۈزىدە قۇدرەت تاپقۇزماقچىمىز، كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز. پىرئەۋنگە، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەن قوشۇنلىرىغا ئۇلار ئەنسىرەۋاتقان ئاقىۋەتنى كۆرسىتىمىز، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن دۇنياغا كەلگۈسى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدا گۇمران بولىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ أُمِّ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَرۡضِعِيهِۖ فَإِذَا خِفۡتِ عَلَيۡهِ فَأَلۡقِيهِ فِي ٱلۡيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحۡزَنِيٓۖ إِنَّا رَآدُّوهُ إِلَيۡكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ئىلھام قىلدۇق: مۇسانى ئېمىتكىن، ئەگەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالساڭ، ئۇنى ساندۇققا سېلىپ، نىل دەرياسىغا تاشلىغىن، ئۇنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشىدىن ياكى پىرئەۋننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىمىگىن، پىراقىدىن قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم ھايات قايتۇرۇپ بېرىمىز ھەمدە ئۇنى ئاللاھ خالايىقلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَٱلۡتَقَطَهُۥٓ ءَالُ فِرۡعَوۡنَ لِيَكُونَ لَهُمۡ عَدُوّٗا وَحَزَنًاۗ إِنَّ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَجُنُودَهُمَا كَانُواْ خَٰطِـِٔينَ
مۇسانىڭ ئانىسى بىزنىڭ ئىلھام قىلغىنىمىز بويىچە مۇسانى ساندۇققا سېلىپ، دېڭىزغا تاشلىدى، ئاندىن پىرئەۋن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۇچرىتىپ، ئېلىۋېلىشتى. (مۇشۇنداق بولغاندا) مۇسانىڭ كەلگۈسىدە پىرئەۋنگە دۈشمەن بولۇشىدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىشقا ئېشىپ، ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ پادىشاھلىقىنى مۇسانىڭ قولى ئارقىلىق ۋەيران قىلاتتى. ھەقىقەتەن پىرئەۋن، ۋەزىرى ھامان ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەنلىرى كۇپۇرلۇقى، ھەددىدىن ئاشقانلىقى ۋە يەر - يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولغان ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَالَتِ ٱمۡرَأَتُ فِرۡعَوۡنَ قُرَّتُ عَيۡنٖ لِّي وَلَكَۖ لَا تَقۡتُلُوهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
پىرئەۋن مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا: بۇ بالا مېنىڭ ۋە سېنىڭ خۇشاللىقىمىز بولىدۇ. ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار. بەلكىم ئۇ ئىشىمىزغا ياراپ قالار ياكى بالا قىلىۋالارمىز، دېدى. ئۇلار ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَصۡبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَٰرِغًاۖ إِن كَادَتۡ لَتُبۡدِي بِهِۦ لَوۡلَآ أَن رَّبَطۡنَا عَلَىٰ قَلۡبِهَا لِتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ خىيالىغا مۇسادىن باشقا ھېچ ئىش كىرمەيدىغان بولۇپ، ئۇ سەۋر قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ، سەۋرچانلىق ئاتا قىلمىغان بولساق، مۇساغا بولغان ئامراقلىقىدىن ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى. (بۇلارنىڭ ھەممىسى)، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلاردىن ھەم پىشانىسىگە پۈتۈلگەنگە سەۋر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَالَتۡ لِأُخۡتِهِۦ قُصِّيهِۖ فَبَصُرَتۡ بِهِۦ عَن جُنُبٖ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
مۇسانىڭ ئانىسى مۇسانى دەرياغا تاشلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەمشىرىسىگە: مۇسانىڭ ئارقىسىدىن ئىزلاپ مېڭىپ، بولغان ئەھۋالنى ئۇقۇپ كەلگىن، دېدى. مۇسانىڭ ھەمشىرىسى بايقىلىپ قالماسىلىق ئۈچۈن ئۇنى بىر چەتتە كۆزىتىپ تۇردى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ مۇسانىڭ ھەمشىرىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە مۇسانىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلىغىلى كەلگەنلىكىنى ئۇقمايتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَحَرَّمۡنَا عَلَيۡهِ ٱلۡمَرَاضِعَ مِن قَبۡلُ فَقَالَتۡ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰٓ أَهۡلِ بَيۡتٖ يَكۡفُلُونَهُۥ لَكُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ نَٰصِحُونَ
مۇسا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باشقا ئاياللارنى ئەمگىلى ئۇنىمىدى. مۇسانىڭ ھەمشىرىسى ئۇلارنىڭ مۇسانى ئېمىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا: مەن سىلەرگە مۇسانى ئېمىتىپ، باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ھەم ئۇلار مۇساغا كۆيىنىدۇ؟ دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَرَدَدۡنَٰهُ إِلَىٰٓ أُمِّهِۦ كَيۡ تَقَرَّ عَيۡنُهَا وَلَا تَحۡزَنَ وَلِتَعۡلَمَ أَنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
بىز مۇسانى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردۇقكى، ئانىسى ئۇنى يېقىندىن كۆرۈپ خۇرسەن بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا قايغۇرمىسۇن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەققىدىكى ۋەدىسىنىڭ راستلىقىنى بىلسۇن. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ۋەدىنى ھەمدە مۇسانى ئېمىتكەن ئايالنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تدبير الله لعباده الصالحين بما يسلمهم من مكر أعدائهم.
ئاللاھ تائالا ئۆز تەدبىرى ئارقىلىق سالىھ بەندىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ.

• تدبير الظالم يؤول إلى تدميره.
زالىمنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ئاقىۋەتتە ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.

• قوة عاطفة الأمهات تجاه أولادهن.
ئانىلار بالىلىرىغا ئىنتايىن كۆيۈمچاندۇر.

• جواز استخدام الحيلة المشروعة للتخلص من ظلم الظالم.
زالىمنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يوللۇق چارە - تەدبىر قوللىنىش دۇرۇس.

• تحقيق وعد الله واقع لا محالة.
ئاللاھنىڭ ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Qasas
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara