Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: An-Noor   Ayah:
رِجَالٞ لَّا تُلۡهِيهِمۡ تِجَٰرَةٞ وَلَا بَيۡعٌ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَإِقَامِ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءِ ٱلزَّكَوٰةِ يَخَافُونَ يَوۡمٗا تَتَقَلَّبُ فِيهِ ٱلۡقُلُوبُ وَٱلۡأَبۡصَٰرُ
ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا - سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشتىن زاكاتنى ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىشتىن بىخۇت قىلمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ، بۇ كۈندە دىللار بىر تەرەپتىن ئازابتىن قۇتۇلۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئازابتىن قورقۇش ئارىسىدا داۋالغۇپ تۇرىدۇ، كۆزلەرمۇ قەيەرگە تىكىلسە ئالا چەكمەن بوپكېتىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لِيَجۡزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحۡسَنَ مَا عَمِلُواْ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ساۋاب بېرىشىنى، ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتنى ئاشۇرۇپ بېرىشىنى كۆزلەپ ئەمەل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىگە قانچىلىك ئەمەل قىلغىنىنى ھېسابلاپ ئولتۇرماي، ئۇلارنىڭ قىلغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ كۆپ رىزىق بېرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَعۡمَٰلُهُمۡ كَسَرَابِۭ بِقِيعَةٖ يَحۡسَبُهُ ٱلظَّمۡـَٔانُ مَآءً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَهُۥ لَمۡ يَجِدۡهُ شَيۡـٔٗا وَوَجَدَ ٱللَّهَ عِندَهُۥ فَوَفَّىٰهُ حِسَابَهُۥۗ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھېچقانداق ساۋاب بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشاش بولۇپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەم ئۇنى كۆرسە سۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ - دە، شۇ تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، لېكىن يېنىغا بارغىنىدا ئۇ يەردە سۇنى تاپالمايدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۆلۈپ، قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپالمايدۇ، ئەمما ئالدىدا پەرۋەردىگارىنى تاپىدۇكى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَوۡ كَظُلُمَٰتٖ فِي بَحۡرٖ لُّجِّيّٖ يَغۡشَىٰهُ مَوۡجٞ مِّن فَوۡقِهِۦ مَوۡجٞ مِّن فَوۡقِهِۦ سَحَابٞۚ ظُلُمَٰتُۢ بَعۡضُهَا فَوۡقَ بَعۡضٍ إِذَآ أَخۡرَجَ يَدَهُۥ لَمۡ يَكَدۡ يَرَىٰهَاۗ وَمَن لَّمۡ يَجۡعَلِ ٱللَّهُ لَهُۥ نُورٗا فَمَا لَهُۥ مِن نُّورٍ
ياكى كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى دولقۇن قاپلىۋالغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاتمۇقات قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇكى، ئۇ دولقۇننىڭ ئۈستىدە يەنە دولقۇن بار، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە يۇلتۇزلارنى توسىۋالغان بۇلۇت بار بولۇپ، بۇ قاراڭغۇلۇقلار ئۈستى - ئۈستىلەپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. بۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قالغان ئادەم قولىنى چىقارسا، قاراڭغۇلۇقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن قولىنى كۆرەلمىگىلى تاس قالىدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى نادانلىق، ئارىسالدىلىق، تېڭىرقاش ۋە قەلبى مۆھۈرلىنىشتىن ئىبارەت قاتمۇقات زۇلمەتلەر ئورىۋالغاندۇر. ئاللاھ كىمنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە چىقىرىپ، كىتابىنى بىلدۈرمىسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھىدايەت ۋە يولىنى يورۇتىدىغان كىتاب بولمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱلطَّيۡرُ صَٰٓفَّٰتٖۖ كُلّٞ قَدۡ عَلِمَ صَلَاتَهُۥ وَتَسۡبِيحَهُۥۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ، ھاۋا بوشلۇقىدا قاناتلىرىنىڭ كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ تائالا ئاشۇ مەخلۇقاتلار ئىچىدىن ئىنسانغا ناماز ئوقۇشنى، قۇشلارغا تەسبىھ ئېيتىشنى ئۆگەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، پۈتۈن خالايىقلارنىڭ قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىدىغان جايى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُزۡجِي سَحَابٗا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيۡنَهُۥ ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ رُكَامٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦ وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن جِبَالٖ فِيهَا مِنۢ بَرَدٖ فَيُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ وَيَصۡرِفُهُۥ عَن مَّن يَشَآءُۖ يَكَادُ سَنَا بَرۡقِهِۦ يَذۡهَبُ بِٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئەي پەيغەمبەر! كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن پارچە - پارچە بۇلۇتلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ جۇغلايدۇ. نەتىجىدە شۇ بۇلۇتلارنىڭ ئىچىدىن يامغۇر چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا چوڭلۇقتا تاغقا ئوخشاش، قويۇق بۇلۇتلاردىن ئۇششاق شىغىلغا ئوخشاش مۆلدۈرلەرنى ياغدۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ مۆلدۈرنى بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىگە ئاپەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىدىن ئاپەتنى قايتۇرىدۇ. بۇلۇتتىن چىققان چاقماقنىڭ نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن كۆزلەرنى كور قىلىۋەتكىلى تاسلا قالىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• موازنة المؤمن بين المشاغل الدنيوية والأعمال الأخروية أمر لازم.
مۇئمىن دۇنيالىق مەشغۇلاتلار بىلەن ئاخىرەتلىك ئەمەللىرىنىڭ ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

• بطلان عمل الكافر لفقد شرط الإيمان.
كاپىر ئىمان شەرتىدىن مەھرۇم بولغاچقا ئەمىلى بىكار بولىدۇ.

• أن الكافر نشاز من مخلوقات الله المسبِّحة المطيعة.
كاپىر ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، تەسبىھ ئېيتىدىغان مەخلۇقاتلارنىڭ تېشىدىدۇر.

• جميع مراحل المطر من خلق الله وتقديره.
يامغۇر يېغىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: An-Noor
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara