Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Hajj   Ayah:
حُنَفَآءَ لِلَّهِ غَيۡرَ مُشۡرِكِينَ بِهِۦۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَتَخۡطَفُهُ ٱلطَّيۡرُ أَوۡ تَهۡوِي بِهِ ٱلرِّيحُ فِي مَكَانٖ سَحِيقٖ
ئاللاھ رازى بولىدىغان دىندىن باشقا ھەر قانداق دىندىن يىراق تۇرۇپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان ئاساستا يۇقىرىدىكى گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، گوياكى ئۇ كىشى ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنىڭ گۆشىنى ۋە سۆڭىكىنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئۇچۇرۇپ يىراق جايلارغا تاشلىۋەتكەندەك بولىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقۡوَى ٱلۡقُلُوبِ
ئەن ئاشۇ ئاللاھنى بىر بىلىش، ئىبادەتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىس قىلىش، بۇتلاردىن ۋە يالغان سۆزلەردىن يىراق بولۇش قاتارلىقلار ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلاردۇر. كىمكى قۇربانلىق قىلىش ۋە ھەج پائالىيەتلىرى دېگەندەك دىننىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن، شەكسىزكى دىننىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلاش دىللارنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان تەقۋادارلىقىدىندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ مَحِلُّهَآ إِلَى ٱلۡبَيۡتِ ٱلۡعَتِيقِ
ئاللاھ زالىملارنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان بەيتۇللاھقا يېقىن جايدىكى قۇربانلىق ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىك ۋاقىتقىچىلىك قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ ئېلىپ ماڭغان ماللارغا مىنىپ، يۇڭىنى قىرقىپ، كۆپەيتىپ ۋە سۈتىنى سېغىپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلِكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكٗا لِّيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۗ فَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَلَهُۥٓ أَسۡلِمُواْۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُخۡبِتِينَ
ئۆتكەنكى ھەر قانداق ئۈممەتكە بىز ئاللاھقا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قان ئېقىتىدىغان جاي ۋە ۋاقىتنى بېكىتىپ بەردۇقكى، ئۇلار تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق ئاللاھ بەرگەن رىزىققا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاشۇ بەلگىلىك جاي ۋە ۋاقىتلاردا قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئالغاي. ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىڭلار پەقەت بىرلا ئىلاھتۇركى، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، شۇڭا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىڭلار. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھتىن ھەقىقىي ئەيمىنىدىغان، ئىخلاسمەن بەندىلەرگە ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەرنى بەرگىن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَٱلصَّٰبِرِينَ عَلَىٰ مَآ أَصَابَهُمۡ وَٱلۡمُقِيمِي ٱلصَّلَوٰةِ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
بۇ بەندىلەر ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن يىراق تۇرىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلارغا سەۋر قىلىدۇ، ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱلۡبُدۡنَ جَعَلۡنَٰهَا لَكُم مِّن شَعَٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمۡ فِيهَا خَيۡرٞۖ فَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا صَوَآفَّۖ فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
بەيتۇللاھقا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۆگە ۋە كالىلارنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ شۇئارلىرى ۋە ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن دىنىي ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ، قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پۇت - قوللىرىنى چۈشىگىنىڭلاردىن كېيىن بوغۇزلايدىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىڭلار. ئۇلار بوغۇزلىنىپ، يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن -ئەي قۇربانلىق قىلغۇچىلار!- ئۇلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار، تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىدىغان يوقسۇللارغىمۇ ۋە بىر نەرسە بېرىلىشىنى تەمە قىلىپ ئۆزىنىڭ موھتاجلىقىنى سەزدۈرمەيدىغان يوقسۇللارغىمۇ بېرىڭلار. بۇ ھايۋانلارنى سىلەرنىڭ يۈك ئارتىشىڭلار ۋە مىنىشىڭلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگىنىمىزدەك، ئاللاھقا يېقىنلىشىپ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ ماڭغىنىڭلاردىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقۡوَىٰ مِنكُمۡۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمۡ لِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
سىلەر بوغۇزلىغان چارۋىلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى ئاللاھقا يېتىپ بارمايدۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىمەيدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار ئۆرلەيدۇ، قۇربانلىق بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھقا خالىس قىلىڭلار. يەنە شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىغا قىلغان ئىبادىتىنى ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارغا ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەر بەرگىن.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ يُدَٰفِعُ عَنِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٖ كَفُورٍ
ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن قوغدايدۇ، شەكسىزكى ئاللاھ ئامانىتىگە خىيانەت قىلغان، نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكۈر قىلمىغانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• ضَرْب المثل لتقريب الصور المعنوية بجعلها في ثوب حسي، مقصد تربوي عظيم.
مەنىۋى ئۇقۇملارنى ھېسسىي قىياپەتتە زېھىنگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىساللارنى ئېلىش بۈيۈك تەربىيەۋىي نىشاندۇر.

• فضل التواضع.
كەمتەرلىك پەزىلەتتۇر.

• الإحسان سبب للسعادة.
ئېھسان قىلىش بەخت - سائادەتنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

• الإيمان سبب لدفاع الله عن العبد ورعايته له.
ئىمان ئاللاھنىىڭ بەندىنى قوغدىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Hajj
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara