Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Ayah: (31) Surah: An-Nahl
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ لَهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَۚ كَذَٰلِكَ يَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلۡمُتَّقِينَ
ئۇلار دائىم تۇرىدىغان قەسىر ۋە باغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقلاردا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كېرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەردىن كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولغان تەقۋادارلار مۇكاپاتلانغان مۇشۇ مۇكاپاتقا ئوخشاش، ئىلگىرىكى ئۈممەتنىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ .مۇكاپاتلايدۇ
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• فضيلة أهل العلم، وأنهم الناطقون بالحق في الدنيا ويوم يقوم الأشهاد، وأن لقولهم اعتبارًا عند الله وعند خلقه.
بۇ ئايەتتە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتى بايان قېلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار دۇنيادا ھەقنى سۆزلەيدۇ، قىيامەتتىمۇ ھەقنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ ئېتىبارى بولىدۇ.

• من أدب الملائكة مع الله أنهم أسندوا العلم إلى الله دون أن يقولوا: إنا نعلم ما كنتم تعملون، وإشعارًا بأنهم ما علموا ذلك إلا بتعليم من الله تعالى.
پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئەدەپلىرىدىن: ئۇلار بىز بىلىمىز سىلەر بىلمەيسىلەر دېمەستىن ئىلىمنى ئاللاھغا نىسبەت بېرىدۇ، ئۇلار بىلگەن نەرسىلىرىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن بولغانلىقىنى ئېلان .قىلىدۇ

• من كرم الله وجوده أنه يعطي أهل الجنة كل ما تمنوه عليه، حتى إنه يُذَكِّرهم أشياء من النعيم لم تخطر على قلوبهم.
ئاللاھنىڭ ئېسىللىكى ۋە سېخىلىقىدىن جەننەت ئەھلىگە ئۇلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىدۇ، ھەتتا نېمەتلەردىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نەرسىلەرنىمۇ ئېسىگە سالىدۇ.

• العمل هو السبب والأصل في دخول الجنة والنجاة من النار، وذلك يحصل برحمة الله ومنَّته على المؤمنين لا بحولهم وقوتهم.
ئەمەل بولسا جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسىمۇ، بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۆئمىنلەرگە قىلغان نېئمىتى بىلەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بولمايدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Ayah: (31) Surah: An-Nahl
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara