Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Yūsuf   Ayah:
يَٰبَنِيَّ ٱذۡهَبُواْ فَتَحَسَّسُواْ مِن يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَاْيۡـَٔسُواْ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ لَا يَاْيۡـَٔسُ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ
ئۇلارغا دادىسى مۇنداق دېدى: ئەي ئوغۇللىرىم! بېرىپ، يۇسۇفنىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ بېقىڭلار، ئاللاھنىڭ چوقۇم بەندىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. شەكسىزكى ئۇنىڭ ئاسانچىلىق بېرىشىدىن پەقەت كاپىرلارلا ئۈمىدسىزلىنىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَيۡهِ قَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهۡلَنَا ٱلضُّرُّ وَجِئۡنَا بِبِضَٰعَةٖ مُّزۡجَىٰةٖ فَأَوۡفِ لَنَا ٱلۡكَيۡلَ وَتَصَدَّقۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَجۡزِي ٱلۡمُتَصَدِّقِينَ
ئۇلار دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: بىز نامراتلىشىپ ئېغىر كۈنگە قالدۇق، شۇڭا تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ماتالار بىلەن كەپقالدۇق. شۇنداقتىمۇ بىزگە ئىلگىرى ئاشلىق بەرگىنىڭىزدەك يەنە تولۇق ئاشلىق بېرىشىڭىزنى، ئۇنىڭغا قوشۇپ سەدىقە قىلىشىڭىزنى ياكى ھېچبولمىسا ماتالىرىمىزنىڭ ناچارلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشىڭىزنى سورايمىز. شەكسىزكى ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىدۇ، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ هَلۡ عَلِمۡتُم مَّا فَعَلۡتُم بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذۡ أَنتُمۡ جَٰهِلُونَ
يۇسۇف ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، دىلى يۇمشىدى ھەمدە ئۇلارغا تونۇشلۇق بېرىپ: نادان ۋاقتىڭلاردا يۇسۇفكە ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى ھەمدە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ؟! دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُوٓاْ أَءِنَّكَ لَأَنتَ يُوسُفُۖ قَالَ أَنَا۠ يُوسُفُ وَهَٰذَآ أَخِيۖ قَدۡ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَآۖ إِنَّهُۥ مَن يَتَّقِ وَيَصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئۇلار ئالاقىزادە بولۇپ: سەن زادى يۇسۇفمۇ؟ دېيىشتى. يۇسۇف ئۇلارغا: ھەئە، مەن يۇسۇف، سىلەر يېنىمدا كۆرۈۋاتقان بۇ كىشى مېنىڭ قان - قېرىنداش ئىنىم. ئاللاھ تائالا بىزنى بېشىمىزغا كەلگەن خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەرتىۋىمىزنى يۇقىرى قىلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىپ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلارغا سەۋر قىلىدىكەن، بۇنداق ئادەمنىڭ قىلغانلىرى ئېھساننىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئاللاھ ئېھسان قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا ساقلاپ قويىدۇ، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ ءَاثَرَكَ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَإِن كُنَّا لَخَٰطِـِٔينَ
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قىلغانلىرى ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىشىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ ساڭا مۇكەممەل خىسلەتلەرنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق سېنى بىزدىن ئارتۇق قىپتۇ. بىز ساڭا قىلغانلىرىمىزدا ناچارلىق قىلىپ، زالىملاردىن بوپتىمىز، دېيىشتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ لَا تَثۡرِيبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَۖ يَغۡفِرُ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
يۇسۇف ئۇلارنىڭ ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلىپ: بۈگۈن سىلەرنى جازالاپ، كايىپ ئولتۇرمايمەن، پەقەت ئاللاھتىن سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ئەڭ رەھىمدىل زاتتۇر، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ٱذۡهَبُواْ بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلۡقُوهُ عَلَىٰ وَجۡهِ أَبِي يَأۡتِ بَصِيرٗا وَأۡتُونِي بِأَهۡلِكُمۡ أَجۡمَعِينَ
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغىنىنى ئېيتقاندا يۇسۇف كۆڭلىكىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىپ: مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئاپىرىپ دادامنىڭ يۈزىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭ كۆزى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئاندىن پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىڭلارنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىڭلار، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَمَّا فَصَلَتِ ٱلۡعِيرُ قَالَ أَبُوهُمۡ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَۖ لَوۡلَآ أَن تُفَنِّدُونِ
كارۋان مىسىرغا قاراپ يولغا چىقىپ، شەھەردىن ئۇزاقلاشقان چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىغا ۋە يېنىدىكى باشقا يۇرتداشلىرىغا: شەكسىزكى مەن يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن. ئەگەر سىلەر مېنى قېرىپ ئالجىپ قالغان، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ئۇقمايدۇ، دېمەيدىغان بولساڭلار، (مەن يۇسۇفنى ھايات دەيتتىم) دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالُواْ تَٱللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَٰلِكَ ٱلۡقَدِيمِ
يەئقۇبنىڭ يېنىدىكى بالىلىرى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز يۇسۇفنىڭ يېنىڭىزدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشۈش ئىشىدا ھېلىھەم ئىلگىرىكى قۇرۇق خىياللىرىڭىز ئىچىدىكەنسىز، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• عظم معرفة يعقوب عليه السلام بالله حيث لم يتغير حسن ظنه رغم توالي المصائب ومرور السنين.
يەئقۇب ئاللاھنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكتىن شۇنچە يىللار مابەينىدە كەينى - كەينىدىن كۆپلىگەن خاپىلىقلارغا گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئاللاھقا بولغان ياخشى گۇمانى ئۆزگىرىپ قالمىدى.

• من خلق المعتذر الصادق أن يطلب التوبة من الله، ويعترف على نفسه ويطلب الصفح ممن تضرر منه.
ئاللاھتىن تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەش، گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە زىيانلانغۇچىدىن ئەپۇ سوراش سەمىمىي ئەپۇ سورىغۇچىنىڭ ئەخلاقىدىندۇر.

• بالتقوى والصبر تنال أعظم الدرجات في الدنيا وفي الآخرة.
تەقۋادارلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

• قبول اعتذار المسيء وترك الانتقام، خاصة عند التمكن منه، وترك تأنيبه على ما سلف منه.
يامانلىق قىلغۇچىغا ياخشىلىق قىلىش، بولۇپمۇ كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ ئۆچ ئالماسلىق، ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىغا قارىتا كايىماسلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Yūsuf
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara