Check out the new design

அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு * - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை


மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: அஸ்ஸாபாத்   வசனம்:
مَا لَكُمۡ لَا تَنَاصَرُونَ
ئۇلارغا كايىلىپ: نېمىشقا دۇنيادا ھەمكارلاشقىنىڭلاردەك، بىر - بىرىڭلارغا ياردەم بەرمەيسىلەر؟ بۇتلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتىڭلارغۇ؟ دېيىلىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
بَلۡ هُمُ ٱلۡيَوۡمَ مُسۡتَسۡلِمُونَ
ئۇلار بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە باش ئەگكەن ھالدا بويسۇنغۇچىلاردۇر، ئۇلار تولىمۇ ئاجىز بولغانلىقى ھەمدە تەدبىرىمۇ ئاز بولغانلىقتىن بىر - بىرىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ
ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ تاپا - تەنە قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە تاپا - تەنە ۋە دەتالاشلار قىلچە ئەسقاتمايدىغان چاغدا دەتالاش قىلىشىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
قَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَأۡتُونَنَا عَنِ ٱلۡيَمِينِ
ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: ئەي كاتتىۋاشلار! شەكسىزكى سىلەر بىزگە دىن ۋە ھەق تەرەپتىن كېلىپ، كۇپرىنى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ھەمدە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن نەپرەتلەندۈرەتتىڭلارغۇ، دەيدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
قَالُواْ بَل لَّمۡ تَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ
ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە سىلەر كۇپرى ئۈستىدە بولۇپ، مۇئمىن بولمىغان ئىدىڭلار. بەلكى سىلەر ئىنكار قىلغۇچى ئىدىڭلار، دەيدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنِۭۖ بَلۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا طَٰغِينَ
بىز سىلەرنى كۇپرىغا، شېرىككە ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ سىلەرنى مەجبۇرلاپ ئۇ ئىشلارنى قىلدۇرغىدەك كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتا چەكتىن ئاشقان كىشىلەر ئىدىڭلار.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَحَقَّ عَلَيۡنَا قَوۡلُ رَبِّنَآۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ
بىزگە ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ: «چوقۇمكى جەھەننەمنى سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزىدىكى تەھدىتى ھەقلىق بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز شەكسىز پەرۋەردىگارىمىز تەھدىت قىلغان ئازابنى تېتىيمىز.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَأَغۡوَيۡنَٰكُمۡ إِنَّا كُنَّا غَٰوِينَ
بىز سىلەرنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇپرىغا چاقىردۇق، چۈنكى بىز توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەر ئىدۇق.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَإِنَّهُمۡ يَوۡمَئِذٖ فِي ٱلۡعَذَابِ مُشۡتَرِكُونَ
ئەگەشكەنلەر ۋە ئەگەشتۈرگەنلەر قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتا ئورتاقتۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفۡعَلُ بِٱلۡمُجۡرِمِينَ
بىز بۇلارغا ئازابنى تېتىتقىنىمىزدەك، ئۇلاردىن باشقا جىنايەتچىلەرگىمۇ تېتىتىمىز.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنَّهُمۡ كَانُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ يَسۡتَكۡبِرُونَ
شەكسىزكى بۇ مۇشرىكلارغا دۇنيادىكى ۋاقىتتا: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىش قىلىشنى تاشلاڭلار دېيىلسە، ئۇلار ھەقتىن باش تارتىپ، چوڭچىلىق قىلىپ باتىل چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلاتتى.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوٓاْ ءَالِهَتِنَا لِشَاعِرٖ مَّجۡنُونِۭ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىغا باھانە قىلىپ: بىز بىر ساراڭ شائىرنىڭ گېپىنى دەپ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى تاشلايمىزمۇ؟ دېيىشەتتى. ئۇلار بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەقسەت قىلاتتى.
அரபு விரிவுரைகள்:
بَلۡ جَآءَ بِٱلۡحَقِّ وَصَدَّقَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بوھتان قىلدى، چۈنكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ساراڭمۇ ئەمەس، شائىرمۇ ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئەگىشىشكە چاقىرىدىغان قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەۋھىد ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەستىقلىدى، ئۇلارغا ھېچنەرسىدە قارشى چىقمىدى.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنَّكُمۡ لَذَآئِقُواْ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَلِيمِ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۇپرىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى چوقۇم بىئارام قىلغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَمَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر پەقەت دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئۆز قىلمىشلىرىڭلارغا قارىتا جازالىنىسىلەر.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ
ئىبادەتتە ئىخلاسمەنلىك ئاتا قىلىنغان، ھەمدە قۇلچىلىقنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ رِزۡقٞ مَّعۡلُومٞ
ئەنە شۇ ئىخلاسمەن بەندىلەرگە ئاللاھ تائالا لەززەتلىكلىكى، ياخشىلىقى ۋە داۋاملىقلىقى مەلۇم بولغان رىزىقلارنى ئاتا قىلغان كىشىلەردۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَوَٰكِهُ وَهُم مُّكۡرَمُونَ
ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ۋە لەززەتلىك مېۋىلەردىن رىزىق بېرىلگەنلىكىمۇ مۇشۇ رىزىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ ھەمدە كەرەملىك ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
ئۇلار مۇقىم نېئمەتلىك جەننەتلەردە ئېرىشكەن ئاشۇ نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، يوقىلىپ كەتمەيدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ
ئۇلار ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قويۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
يُطَافُ عَلَيۡهِم بِكَأۡسٖ مِّن مَّعِينِۭ
ئۇلارغا سۈزۈكلۈكى خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشايدىغان شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
بَيۡضَآءَ لَذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ
ئۇ شاراپنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ، ئۇنى ئىچكەن ئادەم تولۇق لەززەتكە ئېرىشىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
لَا فِيهَا غَوۡلٞ وَلَا هُمۡ عَنۡهَا يُنزَفُونَ
ئۇ شاراپ دۇنيانىڭ ھاراقلىرىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا بىھوش قىلىدىغان مەستلىك بولمايدۇ. ئۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، ئۇنى ئىچكۈچىنىڭ تېنى ساغلام، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ عِينٞ
جەننەتتە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىپپەتلىك ئاياللار بار بولۇپ، ئۇ ئاياللار ئۆز ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدۇ، ئۇلار گۈزەل كۆزلۈك ساھىبجاماللاردۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
كَأَنَّهُنَّ بَيۡضٞ مَّكۡنُونٞ
ئۇلار ئازراق سېرىقلىق ئارىلاشقان رەڭلىرىنىڭ ئاقلىقىدا پۇختا ساقلانغان ئاق قۇشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارغا ئىلگىرى ھېچقانداق قول تېگىپ باقمىغان.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ
جەننەت ئەھلى بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ، كەچمىشلىرى ۋە دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٞ
بۇ مۇئمىنلەردىن بىرى: مېنىڭ دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بىر يېقىنىم بار ئىدى، دەيدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• سبب عذاب الكافرين: العمل المنكر؛ وهو الشرك والمعاصي.
بۇ ئايەتلەر كاپىرلارنىڭ ئازابقا قېلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنكەر ئىشنى قىلىش، يەنى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• من نعيم أهل الجنة أنهم نعموا باجتماع بعضهم مع بعض، ومقابلة بعضهم مع بعض، وهذا من كمال السرور.
جەننەت ئەھلىگە بېرىلىدىغان نېئمەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا جەم بولۇش ۋە بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى بولۇپ، بۇ خۇرسەنلىكنىڭ كامالىتىدۇر.

 
மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: அஸ்ஸாபாத்
அத்தியாயங்களின் அட்டவணை பக்க எண்
 
அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை

வெளியீடு அல்குர்ஆன் ஆய்வுகளுக்கான தப்ஸீர் மையம்

மூடுக