Check out the new design

വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) * - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക


പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ഫജ്ർ   ആയത്ത്:

پەجر

സൂറത്തിൻ്റെ ഉദ്ദേശ്യങ്ങളിൽ പെട്ടതാണ്:
بيان عاقبة الطغاة، والحكمة من الابتلاء، والتذكير بالآخرة.
ھەددىدىن ئاشقۇچى تاغۇتلارنىڭ ئاقىۋېتى، سىناق، ئىمتىھانلاردىكى ھېكمەت، ئاخىرەتنى ئەسلىتىش قاتارلىقلارنىڭ بايانى.

وَٱلۡفَجۡرِ
ئاللاھ تائالا تاڭ بىلەن قەسەم قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَيَالٍ عَشۡرٖ
زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى بىلەن قەسەم قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَٱلشَّفۡعِ وَٱلۡوَتۡرِ
جۈپ ۋە تاق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَسۡرِ
كېلىپ، دۋاملىشىپ، كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ قەسەملەرنىڭ جاۋابى: سىلەرگە چوقۇم ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ، دېگەن سۆزدۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
هَلۡ فِي ذَٰلِكَ قَسَمٞ لِّذِي حِجۡرٍ
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىسىنى قانائەتلەندۈرلەيدىغان قەسەم بارمۇ؟
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇد قەۋمى بولغان ئاد پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغاندا ئۇلارنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِرَمَ ذَاتِ ٱلۡعِمَادِ
ئاد بولسا ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئۇزۇن بويلۇق ئىرەمگە نىسبەت بېرىلگەن قەبىلىدۇر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱلَّتِي لَمۡ يُخۡلَقۡ مِثۡلُهَا فِي ٱلۡبِلَٰدِ
بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلىپ باقمىغان ئىدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُواْ ٱلصَّخۡرَ بِٱلۡوَادِ
شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ سالىھ قەۋمى بولغان سەمۇدنى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئۇلار تاغلاردىكى قورام تاشلارنى كېسىپ، تاش ئۆيلەرنى ياسايتتى
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَفِرۡعَوۡنَ ذِي ٱلۡأَوۡتَادِ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەنە كىشىلەرنى قوزۇقلار بىلەن ئازابلايدىغان پىرئەۋننى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ٱلَّذِينَ طَغَوۡاْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ
بۇلارنىڭ ھەممىسى زومىگەرلىك ۋە زۇلۇمدا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ھەممىسى شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان ئىدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَكۡثَرُواْ فِيهَا ٱلۡفَسَادَ
ئۇلار كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىقنى كۆپ قىلدى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَصَبَّ عَلَيۡهِمۡ رَبُّكَ سَوۡطَ عَذَابٍ
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابىنى تېتىتىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتتى.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلۡمِرۡصَادِ
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ياخشىلىق قىلغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش، يامانلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
فَأَمَّا ٱلۡإِنسَٰنُ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكۡرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَكۡرَمَنِ
ئىنسان تەبىئىتى شۇنداق: يەنى رەببى ئۇنى سىناپ، ئەزىز قىلىپ، مال - دۇنيا، بالا - چاقا ۋە يۈز - ئابروي ئاتا قىلسا، ئىنسان بۇنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق بولغىنىم ئۈچۈن پەۋەردىگارىم مېنى ھۆرمەتلىدى، دەيدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيۡهِ رِزۡقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَهَٰنَنِ
ناۋادا ئۇنى سىناپ، رىزقىنى تار قىلىپ قويسا، بۇنى پەرۋەردىگارىنىڭ نەزىرىدىكى خارلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: پەرۋەردىگارىم مېنى خارلىدى، دەيدۇ.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
كَلَّاۖ بَل لَّا تُكۡرِمُونَ ٱلۡيَتِيمَ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ، يەنى ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنسان خىيال قىلغاندەك، راھەت - پاراغەتكە ئېرىشىش ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس. بەلكى سىلەر ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى يېتىملارغا بەرمەيسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَلَا تَحَٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ
بىر - بىرىڭلارنى يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدىغان كەمبەغەللەرگە تائام بېرىشكە تەۋسىيە قىلىشمايسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَتَأۡكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكۡلٗا لَّمّٗا
بىچارە ئاياللار ۋە يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىنى سىلەرگە ھالال بولۇش - بولماسلىقىغا قارىماي ھە دەپ يەيسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَتُحِبُّونَ ٱلۡمَالَ حُبّٗا جَمّٗا
مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىسىلەر.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
كَلَّآۖ إِذَا دُكَّتِ ٱلۡأَرۡضُ دَكّٗا دَكّٗا
بۇنداق قىلىش سىلەرگە راۋا بولمايدۇ. زېمىن ئارقىمۇ-ئارقا قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلۡمَلَكُ صَفّٗا صَفّٗا
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن، پەرىشتىلەرمۇ سەپ - سەپ بولۇپ تىزىلغان چاغدا.
അറബി ഖുർആൻ വിവരണങ്ങൾ:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• فضل عشر ذي الحجة على أيام السنة.
زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى بىر يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدىن پەزىلەتلىكتۇر.

• ثبوت المجيء لله تعالى يوم القيامة وفق ما يليق به؛ من غير تشبيه ولا تمثيل ولا تعطيل.
قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كېلىدىغانلىقى مۇھەققەقتۇر، ئۇنىڭ كېلىشىنى ھېچنەرسىگە ئوخشىتىشقا، تەسۋىرلەشكە، يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

• المؤمن إذا ابتلي صبر وإن أعطي شكر.
مۇئمىن خاپىلىققا ئۇچرىسا سەۋر قىلىدۇ، نېئمەت بېرىلسە شۈكرى قىلىدۇ.

 
പരിഭാഷ അദ്ധ്യായം: ഫജ്ർ
സൂറത്തുകളുടെ സൂചിക പേജ് നമ്പർ
 
വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ ) - വിവർത്തനങ്ങളുടെ സൂചിക

മർകസ് തഫ്സീർ പ്രസിദ്ധീകരിച്ചത്.

അടക്കുക