Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಲ್ -ಕಮರ್   ಶ್ಲೋಕ:
وَنَبِّئۡهُمۡ أَنَّ ٱلۡمَآءَ قِسۡمَةُۢ بَيۡنَهُمۡۖ كُلُّ شِرۡبٖ مُّحۡتَضَرٞ
ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغىنكى، قۇدۇقنىڭ سۈيى ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ، بىر كۈن تۆگە، بىر كۈن ئۇلار سۇ ئىچىدۇ. ھەر ئۆلۈشنىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خاس بولغان كۈندە كەلسە بولىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَنَادَوۡاْ صَاحِبَهُمۡ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
ئۇلار بۇرادىرىنى تۆگىنى ئۆلتۈرگىلى چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلىچىنى ئېلىپ، قەۋمىنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَكَانُواْ كَهَشِيمِ ٱلۡمُحۡتَظِرِ
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋاز ئەۋەتىپ، ھالاك قىلدۇق. ئۇلار قوتان ياسىغۇچى قويلىرىغا قوتان قىلىدىغان قۇرۇق شاخ - شۇمبۇللاردەك بوپقالدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
كَذَّبَتۡ قَوۡمُ لُوطِۭ بِٱلنُّذُرِ
لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ حَاصِبًا إِلَّآ ءَالَ لُوطٖۖ نَّجَّيۡنَٰهُم بِسَحَرٖ
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا تاش بوران ئەۋەتتۇق. لېكىن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بۇ ئازاب كەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ كەتكەن بولغاچقا بىز ئۇلارنى ئۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
نِّعۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَاۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي مَن شَكَرَ
ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق. بىز خۇددى لۇتنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغانلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَقَدۡ أَنذَرَهُم بَطۡشَتَنَا فَتَمَارَوۡاْ بِٱلنُّذُرِ
شۈبھىسىزكى لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قورقۇتقان چاغدا ئۇلار لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَقَدۡ رَٰوَدُوهُ عَن ضَيۡفِهِۦ فَطَمَسۡنَآ أَعۡيُنَهُمۡ فَذُوقُواْ عَذَابِي وَنُذُرِ
ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ پەرىشتە مېمھانلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ناچار ئىشنى (يەنى لىۋاتە) قىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق - دە، ئۇلارنى كۆرەلمىدى. بىز ئۇلارغا: مېنىڭ ئازابىمنى ۋە سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى تېتىڭلار، دېدۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَقَدۡ صَبَّحَهُم بُكۡرَةً عَذَابٞ مُّسۡتَقِرّٞ
ئۇلارغا چوقۇم تاڭ ۋاقتىدا تاكى ئۇلار ئاخىرەتكە بېرىپ، ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدىغان ئازاب كېلىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَذُوقُواْ عَذَابِي وَنُذُرِ
ئۇلارغا: مېنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن ئازابىمنى ۋە لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تېتىپ بېقىڭلار، دېيىلدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَقَدۡ جَآءَ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ ٱلنُّذُرُ
ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىگە مۇسا ۋە ھارۇننىڭ تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىز كەلدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذۡنَٰهُمۡ أَخۡذَ عَزِيزٖ مُّقۡتَدِرٍ
ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن كەلگەن بارلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازالىدۇقكى، بۇ جازا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان غالىب، ھېچ ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك زاتنىڭ جازاسىدۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَكُفَّارُكُمۡ خَيۡرٞ مِّنۡ أُوْلَٰٓئِكُمۡ أَمۡ لَكُم بَرَآءَةٞ فِي ٱلزُّبُرِ
ئەي مەككە خەلقى! سىلەرنىڭ كۇپپارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ ياكى نۇھ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ كاپىرلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كەچۈرۈم خېتى كەلگەنمۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَمۡ يَقُولُونَ نَحۡنُ جَمِيعٞ مُّنتَصِرٞ
ئەكسىچە مەككىلىكلەر ئىچىدىن چىققان بۇ كاپىرلار: بىز بىزگە يامانلىق قىلماقچى ۋە بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقچى بولغانلارنى يېڭىۋېتەلەيدىغان بىر توپ كىشىلەرمىز، دەمدۇ!؟.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
سَيُهۡزَمُ ٱلۡجَمۡعُ وَيُوَلُّونَ ٱلدُّبُرَ
بۇ كاپىرلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ قاچىدۇ. دەرۋەقە بەدرى كۈنىسى مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن ئىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
بَلِ ٱلسَّاعَةُ مَوۡعِدُهُمۡ وَٱلسَّاعَةُ أَدۡهَىٰ وَأَمَرُّ
ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت بولسا ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر. قىيامەتنىڭ ئازابى كاپىرلار بەدرى كۈنى يولۇققان دۇنيا ئازابىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ھەم قاتتىقتۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي ضَلَٰلٖ وَسُعُرٖ
ھەقىقەتەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغانلار ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق، ئازاب ۋە كۈلپەت ئىچىدىدۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَوۡمَ يُسۡحَبُونَ فِي ٱلنَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ ذُوقُواْ مَسَّ سَقَرَ
ئۇلار يۈزلىرىچە دوزاخقا سۆرىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّا كُلَّ شَيۡءٍ خَلَقۡنَٰهُ بِقَدَرٖ
ھەقىقەتەن بىز كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئىلمى ۋە خاھىشىمىزغا ئۇيغۇن شەكىلدە، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈپ قويغىنىمىز بويىچە ياراتتۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• شمول العذاب للمباشر للجريمة والمُتَمالئ معه عليها.
بۇ ئازاب جىنايەتكە بىۋاسىتە قول تىققۇچى ۋە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغۇچىلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• شُكْر الله على نعمه سبب السلامة من العذاب.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• إخبار القرآن بهزيمة المشركين يوم بدر قبل وقوعها من الإخبار بالغيب الدال على صدق القرآن.
قۇرئان كەرىمنىڭ بەدرى كۈنىدىكى مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن خەۋەر بەرگەنلىكى قۇرئاننىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدىغان غەيبىي خەۋەرلەردىندۇر.

• وجوب الإيمان بالقدر.
تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಲ್ -ಕಮರ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ