Check out the new design

ការបកប្រែអត្ថន័យនៃគម្ពីរគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយក្រែនលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន * - មាតិកានៃការបកប្រែ


ការបកប្រែអត្ថន័យ ជំពូក​: អាល់អាក់រ៉ហ្វ   វាក្យខណ្ឌ:
حَقِيقٌ عَلَىٰٓ أَن لَّآ أَقُولَ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ قَدۡ جِئۡتُكُم بِبَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَرۡسِلۡ مَعِيَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
مۇسا ئېيتتى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن چاغدا ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن راستچىللىقىمنى ۋە پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىلەن بىرگە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ۋە ئۇلاردىن ئىلىنغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرگىن.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
قَالَ إِن كُنتَ جِئۡتَ بِـَٔايَةٖ فَأۡتِ بِهَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
پىرئەۋن مۇساغا : ئەگەر سەن داۋا قىلغىنىڭدەك بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، داۋايىڭدا راستچىل بولساڭ ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن دېدى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
فَأَلۡقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعۡبَانٞ مُّبِينٞ
مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى ئۇ ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان بۈيۈك بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِيَ بَيۡضَآءُ لِلنَّٰظِرِينَ
قولىنى ياقىسىدىن ياكى قولتىقىنىڭ ئاستىدىن چىقىرىۋىدى قاتتىق ئاقلىقىدىن قارىغۇچىلارغا نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئاپئاق بولۇپ چىقتى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
قَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِ فِرۡعَوۡنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٌ عَلِيمٞ
پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ ئەجدىھاغا ئۆزگەرگەنلىكىنى، قولىنىڭ ئاپئاق بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلار: مۇسا سېھرىگەرلىك ئىلمىنى ياخشى بىلىدىغان كۈچلۈك سېھىرگەر ئىكەن .دېدى
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
يُرِيدُ أَن يُخۡرِجَكُم مِّنۡ أَرۡضِكُمۡۖ فَمَاذَا تَأۡمُرُونَ
ئۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق سىلەرنى بۇ زېمىنىڭلاردىن يەنى مىسىردىن چىقىرۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاندىن پىرئەۋن ئۇلاردىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مەسلەھەت سوراپ: بۇ ھەقتە ماڭا نېمە مەسلەھەت بېرىسىلەر؟ دېدى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
قَالُوٓاْ أَرۡجِهۡ وَأَخَاهُ وَأَرۡسِلۡ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
ئۇلار پىرئەۋنگە: مۇسا ۋە مۇسانىڭ قېرىندىشى ھارۇننىڭ ئىشىنى كېچىكتۈرگىن، سېھرىگەرلەرنى توپلايدىغان ئادەملەرنى مىسىرنىڭ شەھەرلىرىگە ئەۋەتكىن .
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
يَأۡتُوكَ بِكُلِّ سَٰحِرٍ عَلِيمٖ
شەھەرلەردىن سېھرىگەرلەرنى توپلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادەملەر .بارلىق ئۇستا ۋە ماھىر سېھرىگەرلەرنى ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن، دېدى
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
وَجَآءَ ٱلسَّحَرَةُ فِرۡعَوۡنَ قَالُوٓاْ إِنَّ لَنَا لَأَجۡرًا إِن كُنَّا نَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبِينَ
پىرئەۋن سېھرىگەرلەرنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى، سېھرىگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلگەن چاغدا ئۇلار پىرئەۋندىن: ئەگەر سېھىرلىرىمىز بىلەن بىز مۇسانىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلساق بىزگە مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟ دەپ سورىدى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
قَالَ نَعَمۡ وَإِنَّكُمۡ لَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
پىرئەۋىن ئۇلارغا : ھەئە سىلەرگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، سىلەر مەنسەپتە يېقىن ئادەملىرىم بولۇپ قالىسىلەر، دەپ جاۋاپ بەردى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلۡقِيَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ نَحۡنُ ٱلۡمُلۡقِينَ
سېھرىگەرلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسادىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا تەكەببۇرلۇق بىلەن: ئى مۇسا! سەن ھاساڭنى ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟ ئۆزۈڭ تاللىغىن، دېدى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
قَالَ أَلۡقُواْۖ فَلَمَّآ أَلۡقَوۡاْ سَحَرُوٓاْ أَعۡيُنَ ٱلنَّاسِ وَٱسۡتَرۡهَبُوهُمۡ وَجَآءُو بِسِحۡرٍ عَظِيمٖ
مۇسا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماستىن پەرۋەردىگارىنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ئۇلارغا: ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلارنى سىلەر تاشلاڭلار، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇلار ھاسا ۋە ئارغامچىلىرىنى تاشلاپ ئۇنى توغرا ھالەتتە بېلىشتىن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى ۋە ئۇلارنى قورقۇتىۋەتتى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنىدىغان سېھىرنى كۆرسەتتى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
۞ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَلۡقِ عَصَاكَۖ فَإِذَا هِيَ تَلۡقَفُ مَا يَأۡفِكُونَ
ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇساغا: «ئى مۇسا! ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھيى قىلدى، مۇسا ھاسىنى تاشلىدى، ھاسا ئەجدىھاغا ئايلىنىپ ئۇلار ھەقىقەتلەرنى بورمىلاشتا ۋە كىشىلەرنى ئۇ ھەقىقەتەن مېڭىۋاتقان يىلانلار ئىكەن دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈشتە ئىشلەتكەن ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىنى يۈتىۋەتتى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
فَوَقَعَ ٱلۡحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقى، سېھرىگەرلەرنىڭ سېھرىنىڭ باتىللىقى ئاشكارا بولدى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
فَغُلِبُواْ هُنَالِكَ وَٱنقَلَبُواْ صَٰغِرِينَ
بۇ يەردە پىرئەۋن قەۋمى مەغلۇپ بولدى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلدى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى خار بولغان ھالدا قايتتى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
وَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ
سېھرىگەرلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ بۈيۈكلىكىنى ۋە روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا ئۇلار پەقەت ئاللاھقا سەجدە قىلماي تۇرالمىدى.
ការបកស្រាយជាភាសា​អារ៉ាប់:
អំពី​អត្ថប្រយោជន៍​នៃវាក្យខណ្ឌទាំងនេះនៅលើទំព័រនេះ:
• من حكمة الله ورحمته أن جعل آية كل نبي مما يدركه قومه، وقد تكون من جنس ما برعوا فيه.
ئاللاھنىڭ ھەر بىر پەيغەمبەرگە قەۋمى بىلەلەيدىغان بىر مۆجىزىنى ئاتا قىلغانلىقى، مۆجىزىنىڭ ئۇلار ياخشى بىلىدىغان ئىشلاردا بولىشى ئاللاھنىڭ ھىكمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• أنّ فرعون كان عبدًا ذليلًا مهينًا عاجزًا، وإلا لما احتاج إلى الاستعانة بالسحرة في دفع موسى عليه السلام.
پىرئەۋن ھەقىقەتەن خار ئاجىز بەندىدۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى مۇساغا قارشى تۇرۇشتا سېھىرگەرلەردىن ياردەم سورىمىغان بولاتتى.

• يدل على ضعف السحرة - مع اتصالهم بالشياطين التي تلبي مطالبهم - طلبهم الأجر والجاه عند فرعون.
سېھىرگەرلەرنىڭ تەلەپلىرىنى شەيتانلار ئۇرۇنداپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ پىرئەۋندىن مۇكاپات ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز-ئابروي سورىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 
ការបកប្រែអត្ថន័យ ជំពូក​: អាល់អាក់រ៉ហ្វ
មាតិកានៃជំពូក លេខ​ទំព័រ
 
ការបកប្រែអត្ថន័យនៃគម្ពីរគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយក្រែនលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន - មាតិកានៃការបកប្រែ

ត្រូវបានចេញដោយមជ្ឈមណ្ឌល តាហ្វសៀរនៃការសិក្សាគម្ពីគួរអាន

បិទ