Check out the new design

Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur * - Daftar isi terjemahan


Terjemahan makna Surah: Hūd   Ayah:
قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَءَاتَىٰنِي مِنۡهُ رَحۡمَةٗ فَمَن يَنصُرُنِي مِنَ ٱللَّهِ إِنۡ عَصَيۡتُهُۥۖ فَمَا تَزِيدُونَنِي غَيۡرَ تَخۡسِيرٖ
سالىھ قەۋمىگە جاۋابەن: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانسام، ئۇ ماڭا پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت رەھمىتىنى ئاتا قىلغان بولسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئۇنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ سىلەر مېنى ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيسىلەر، دېدى.
Tafsir berbahasa Arab:
وَيَٰقَوۡمِ هَٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمۡ ءَايَةٗۖ فَذَرُوهَا تَأۡكُلۡ فِيٓ أَرۡضِ ٱللَّهِۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابٞ قَرِيبٞ
ئەي قەۋمىم! بۇ ئاللاھنىڭ تۆگىسى مېنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىمنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىغىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرگە تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىشىڭلارغىلا يېقىن ئازاب كېلىدۇ.
Tafsir berbahasa Arab:
فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُواْ فِي دَارِكُمۡ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٖۖ ذَٰلِكَ وَعۡدٌ غَيۡرُ مَكۡذُوبٖ
ئۇلار ئىنكارچىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ تۆگىنى بوغۇزلىدى. ئاندىن سالىھ ئۇلارغا: زېمىنىڭلاردا تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكىنىڭلاردىن باشلاپ ئۈچ كۈن ياشىۋېلىڭلار. ئاندىن كېيىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشى شەكسىز بولۇپ، ھەرگىز يالغان ئەمەس، ئەكسىچە راست ۋەدىدۇر.
Tafsir berbahasa Arab:
فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا صَٰلِحٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَمِنۡ خِزۡيِ يَوۡمِئِذٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ
بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغان مۇئمىنلەرنى ئۆز رەھمىتىمىز بىلەن ئامان قالدۇرۇپ، ئاشۇ كۈننىڭ خار - زەبۇنلۇقىدىن قۇتقۇزدۇق. ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان كۈچلۈك، غالىب زاتتۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ھەقنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن.
Tafsir berbahasa Arab:
وَأَخَذَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلصَّيۡحَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دِيَٰرِهِمۡ جَٰثِمِينَ
سەمۇد قەۋمىنى ھالاك قىلغۇچى قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى - دە، ئۇلار ئاۋازنىڭ دەھشىتىدىن ئۆلدى ھەمدە يۈزلىرى توپىغا مىلەنگەن پېتى دۈم چۈشتى.
Tafsir berbahasa Arab:
كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَآۗ أَلَآ إِنَّ ثَمُودَاْ كَفَرُواْ رَبَّهُمۡۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّثَمُودَ
گوياكى ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى يۇرتلىرىدا نېئمەت ۋە باياشاتلىق ئىچىدە تۇرۇپ باقمىغاندەك بوپكەتتى. بىلىڭلاركى، سەمۇد ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى.
Tafsir berbahasa Arab:
وَلَقَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞۖ فَمَا لَبِثَ أَن جَآءَ بِعِجۡلٍ حَنِيذٖ
شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر بىر قانچە ئەرنىڭ قىياپىتىدە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ۋە ئايالىغا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان ياقۇپ بىلەن خۇشخەۋەر بەردى. پەرىشتىلەر: ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارغا جاۋابەن: سىلەرگىمۇ ئامانلىق تىلەيمەن، دېدى ۋە ئالدىراپ بېرىپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن موزاي كاۋىپى ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ يېنىغا كەلگەنلەرنى ئىنسان دەپ ئويلايتتى.
Tafsir berbahasa Arab:
فَلَمَّا رَءَآ أَيۡدِيَهُمۡ لَا تَصِلُ إِلَيۡهِ نَكِرَهُمۡ وَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۚ قَالُواْ لَا تَخَفۡ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمِ لُوطٖ
ئىبراھىم ئۇلارنىڭ گۆشكە قول ئۇزاتمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدى ھەمدە كۆڭلىدە ئۇلاردىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ قورققانلىقىنى ھېس قىلىپ: بىزدىن ئەنسىرىمىگىن. بىزنى ئاللاھ لۇتنىڭ قەۋمىنى ئازابلاش ئۈچۈن ئەۋەتتى، دېدى.
Tafsir berbahasa Arab:
وَٱمۡرَأَتُهُۥ قَآئِمَةٞ فَضَحِكَتۡ فَبَشَّرۡنَٰهَا بِإِسۡحَٰقَ وَمِن وَرَآءِ إِسۡحَٰقَ يَعۡقُوبَ
(ئۇ يەردە) ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ بار بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسھاقنى تۇغىدىغانلىقى، ئىسھاقنىڭ يەئقۇب ئىسىملىك بالىسى بولىدىغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سارە ئاڭلىغان بۇ خەۋەردىن شاتلىنىپ كۈلۈمسىرىدى.
Tafsir berbahasa Arab:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• عناد واستكبار المشركين حيث لم يؤمنوا بآية صالح عليه السلام وهي من أعظم الآيات.
مۇشرىكلار شۇ دەرىجىدە تەرسا ۋە تەكەببۇر ئىدىكى، ئۇلار ئەڭ بۈيۈك مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان سالىھنىڭ مۆجىزىسىگىمۇ ئىشەنمىدى.

• استحباب تبشير المؤمن بما هو خير له.
مۇئمىنگە ياخشىلىق بىلەن خۇشبېشارەت بېرىشنىڭ ياخشى كۆرۈلىشى.

• مشروعية السلام لمن دخل على غيره، ووجوب الرد.
باشقىلارنىڭ يېنىغا كىرگەن كىشىنىڭ سالام قىلىشى يوللۇق، سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىب.

• وجوب إكرام الضيف.
مېھماننى ھۆرمەتلەش ۋاجىب.

 
Terjemahan makna Surah: Hūd
Daftar surah Nomor Halaman
 
Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur - Daftar isi terjemahan

Diterbitkan oleh Markaz Tafsīr Li Ad-Dirasāt Al-Qur`āniyyah.

Tutup