Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ મુદષષિર   આયત:
فَقُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ
لەنەت ۋە ئازاب بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ قُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ
ئاندىن يەنە لەنەت ۋە ئازاب بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ نَظَرَ
ئاندىن ئۇ نېمە دېيىش ھەققىدە قايتىدىن چوڭقۇر ئويلاندى.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
ئاندىن قۇرئاندىن قۇسۇر تاپالمىغىنىدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ أَدۡبَرَ وَٱسۡتَكۡبَرَ
ئاندىن ئىماندىن يۈز ئۆرۈدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى.
અરબી તફસીરો:
فَقَالَ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ يُؤۡثَرُ
ئۇ: مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن بۇ سۆز ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇ باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سېھىردۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا قَوۡلُ ٱلۡبَشَرِ
بۇ ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ سۆزىدۇر، دېدى.
અરબી તફસીરો:
سَأُصۡلِيهِ سَقَرَ
مەن بۇ كاپىرنى ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان سەقەر دېگەن دوزخقا تاشلايمەن.
અરબી તફસીરો:
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سَقَرُ
ئى مۇھەممەد! سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
અરબી તફસીરો:
لَا تُبۡقِي وَلَا تَذَرُ
سەقەر ئۆزىدە ئازابلانغان ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاندىن (كۆيگەن بەدەنلەر) ئەسلىگە قايتىدۇ، ئاندىن سەقەر ئۇنى يەنە كۆيدۈرىدۇ. (سەقەردىكى ئازاب) ئەنە شۇنداق داۋاملىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَوَّاحَةٞ لِّلۡبَشَرِ
كۆيدۈرۈش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تېرىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
عَلَيۡهَا تِسۡعَةَ عَشَرَ
ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا 19پەرىشتە مۇئەككەل قىلىنغاندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَمَا جَعَلۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَٰٓئِكَةٗۖ وَمَا جَعَلۡنَا عِدَّتَهُمۡ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيَسۡتَيۡقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَيَزۡدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِيمَٰنٗا وَلَا يَرۡتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡكَٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَمَا يَعۡلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡبَشَرِ
بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەبۇ جەھىل يالغان ئېيتتى، ئۇ (مۇشۇ ئايەتنى ئاڭلىغان) چاغدا چوقۇم ئۆزى ۋە قەۋمى بىرلىشىپ دوزخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. بىز ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ مۇشۇ سانىنى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئېغىزىغا كەلگەننى دەپ بېقىشلىرى ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ. بۇ يەنە تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەرنى تەستىقلىغان ھالدا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە چىنپۈتۈشى ئۈچۈن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭمۇ ئۆزلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى كۆرگەندە ئىمانى زىيادە بولۇشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ شەكلەنمەسلىكى ۋە ئىماندا ئىككىلىنىپ قالغۇچىلار بىلەن كاپىرلارنىڭ: ئاللاھ بۇ يوچۇن سان بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟ دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ساننى ئىنكار قىلغۇچىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مىسال قىلدى. ئاللاھ ئازدۇرۇشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پەۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنى بەك كۆپ بولغاچقا ئۇنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. شۇڭا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئىنكار قىلىش تەرىقىسىدە: (مۇھەممەدنىڭ پەقەت 19 ياردەمچىسىلا بار)، دېگەن ئەبۇ جەھل بىلىپ قالسۇن. دوزاخ ئىنسانىيەت ئۈچۈن پەقەت بىر نەسىھەتتۇركى، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
كَلَّا وَٱلۡقَمَرِ
ئەمەلىيەت مۇشرىكلاردىن بىرىنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ دوزاخ مۇئەككەللىرىگە تېتىيالايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغىنىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئاللاھ ئاي بىلەن قەسەم قىلدى.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّيۡلِ إِذۡ أَدۡبَرَ
ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.
અરબી તફસીરો:
وَٱلصُّبۡحِ إِذَآ أَسۡفَرَ
ئوچۇق يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلدى.
અરબી તફસીરો:
إِنَّهَا لَإِحۡدَى ٱلۡكُبَرِ
ھەقىقەتەن دوزاخ كاتتا بالايى - ئاپەتلەردىن بىرىدۇر.
અરબી તફસીરો:
نَذِيرٗا لِّلۡبَشَرِ
ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە قورقۇتقۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَتَقَدَّمَ أَوۡ يَتَأَخَّرَ
ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى ياكى كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن (دوزاخقا) چېكىنىشنى خالىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡ رَهِينَةٌ
ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغان بولۇپ، يا ئۇنى ئەمەللىرى ھالاك قىلىدۇ، ياكى ئۇنى ئەمەللىرى ھالاكەتتىن خالاس قىلىپ، قۇتۇلدۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡيَمِينِ
پەقەت مۇئمىنلەرلا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرى تۈپەيلىدىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فِي جَنَّٰتٖ يَتَسَآءَلُونَ
ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتلەردە: گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان كاپىرلار ھەققىدە بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
عَنِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتلەردە: گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان كاپىرلار ھەققىدە بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
مَا سَلَكَكُمۡ فِي سَقَرَ
ئۇلارغا: سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نەرسە نېمە؟ دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
قَالُواْ لَمۡ نَكُ مِنَ ٱلۡمُصَلِّينَ
كاپىرلار ئۇلارغا جاۋابەن دەيدۇكى، بىز دۇنيا ھاياتىمىزدا پەرز نامازلارنى ئادا قىلمىغان ئىدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَلَمۡ نَكُ نُطۡعِمُ ٱلۡمِسۡكِينَ
ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مال-دۇنيادىن كەمبەغەللەرگە تائام بەرمىگەن ئىدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلۡخَآئِضِينَ
خاتا يولدىكىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ - قوپۇپ، گۇمراھ ، ئازغۇنلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولاتتۇق.
અરબી તફસીરો:
وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ
بىز جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق.
અરબી તફસીરો:
حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلۡيَقِينُ
ھەتتا بىزگە ئۆلۈم كەلگەندە قەدەر ئىنكارچىلىقتا ئەزۋەيلىدۇق. نەتىجىدە بىز بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسى توسالدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• خطورة الكبر حيث صرف الوليد بن المغيرة عن الإيمان بعدما تبين له الحق.
تەكەببۇرلۇق تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىنمۇ ئىمان ئېيتىشتىن توسۇپ قالدى.

• مسؤولية الإنسان عن أعماله في الدنيا والآخرة.
ئىنسان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆز قىلمىشلىرىغا جاۋابكاردۇر.

• عدم إطعام المحتاج سبب من أسباب دخول النار.
موھتاجلارغا تائام بەرمەسلىكمۇ دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ મુદષષિર
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તફસીર લિદ્ દિરાસતીલ્ કુરઆનિયહ કેન્દ્ર દ્વારા પ્રકાશિત.

બંધ કરો