Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અદ્ દુખાન   આયત:

دۇخان

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
تهديد المشركين ببيان ما ينتظرهم من العقوبة العاجلة والآجلة.
مۇشرىكلارغا تەھدىت قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتىۋاتقان ئازابنى بايان قىلىدۇ.

حمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
અરબી તફસીરો:
وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.
અરબી તફસીરો:
إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ فِي لَيۡلَةٖ مُّبَٰرَكَةٍۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ
بىز ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى شەبى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. بۇ ياخشىلىقى كۆپ كېچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز.
અરબી તફસીરો:
فِيهَا يُفۡرَقُ كُلُّ أَمۡرٍ حَكِيمٍ
بۇ كېچىدە رىزىقلارغا، ئەجەللەرگە ۋە ئاللاھ ئاشۇ بىر يىل ئىچىدە پەيدا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ھۆكۈم كونكرېتلاشتۇرۇلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَمۡرٗا مِّنۡ عِندِنَآۚ إِنَّا كُنَّا مُرۡسِلِينَ
بىز تەرىپىمىزدىن بېرىلگەن ھەر قانداق ھۆكۈمنى كونكرېت بايان قىلىمىز. شەكسىزكى بىز ئەزەلدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇردۇق.
અરબી તફસીરો:
رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! بىز پەيغەمبەرلەرنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن كىشىلەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئاللاھ تائالا چوقۇم بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئەگەر سىلەر بۇنىڭغا چىن پۈتىدىغان بولساڭلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار.
અરબી તફસીરો:
لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ رَبُّكُمۡ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنىڭ جېنىنى ئالالايدۇ. ئاللاھتىن باشقا تىرىلدۈرگۈچى ۋە جان ئالغۇچى يوق. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر.
અરબી તફસીરો:
بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ يَلۡعَبُونَ
بۇ مۇشرىكلار ئۇنىڭغا چىن پۈتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىيامەتنىڭ بولۇشىدىن شەكتە بولۇپ، ئۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئويدۇرمىلىرى بىلەن ئويۇن قىلىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَٱرۡتَقِبۡ يَوۡمَ تَأۡتِي ٱلسَّمَآءُ بِدُخَانٖ مُّبِينٖ
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە پات يېقىندا كېلىدىغان ئازابنى كۈتكىن. ئۇ كۈندە ئاسمان ئوپئوچۇق ئىس - تۈتەك ھالىتىدە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنى قاتتىق بىئارام بولغان ھالدا ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَغۡشَى ٱلنَّاسَۖ هَٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئۇ ئىس - تۈتەك قەۋمىڭنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا: سىلەرگە كەلگەن بۇ ئازاب دەرتلىك ئازابتۇر، دېيىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
رَّبَّنَا ٱكۡشِفۡ عَنَّا ٱلۡعَذَابَ إِنَّا مُؤۡمِنُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزگە ئەۋەتكەن بۇ ئازابنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتكىن. ئەگەر ئۇنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ۋە پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈرىمىز، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَنَّىٰ لَهُمُ ٱلذِّكۡرَىٰ وَقَدۡ جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مُّبِينٞ
(ئازاب كۆتۈرۈلسە) ئۇلار قانداقمۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا قايتسۇن؟ ھالبۇكى ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كېلىپ، ئۇلار ئۇنىڭ راستچىللىقىنى ھەم ئامانەتچانلىقىنى بىلگەن تۇرسا؟
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ تَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ وَقَالُواْ مُعَلَّمٞ مَّجۡنُونٌ
ئاندىن ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ: ئۇ ئۆگىتىلگەن، يەنى ئۇنىڭغا ئۇنى باشقىلار ئۆگەتكەن. ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس. ئۇ دېگەن بىر ساراڭ، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
إِنَّا كَاشِفُواْ ٱلۡعَذَابِ قَلِيلًاۚ إِنَّكُمۡ عَآئِدُونَ
بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن ئازابنى ئازراق ۋاقىت كۆتۈرۈۋەتسەك، سىلەر چوقۇم يەنە كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىقىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ نَبۡطِشُ ٱلۡبَطۡشَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ إِنَّا مُنتَقِمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىغا قاتتىق جازا بېرىدىغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنى كۈتكىن. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز چۇقۇم ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمىز.
અરબી તફસીરો:
۞ وَلَقَدۡ فَتَنَّا قَبۡلَهُمۡ قَوۡمَ فِرۡعَوۡنَ وَجَآءَهُمۡ رَسُولٞ كَرِيمٌ
ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق. ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنى بىر بىلىشكە ھەمدە يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىدىغان ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلگەن بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامدۇر.
અરબી તફસીરો:
أَنۡ أَدُّوٓاْ إِلَيَّ عِبَادَ ٱللَّهِۖ إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
مۇسا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ماڭا ئىسرائىل ئەۋلادىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇللىرىدۇر، سىلەرنىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىش ھەققىڭلار يوق. مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ مېنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرغان ئىشتا ئىشەنچلىكمەن، يەنى ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كەممۇ قىلماي ھەم قوشۇپ قويماي (ئەينەن ھەم تولۇق يەتكۈزىمەن).
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• نزول القرآن في ليلة القدر التي هي كثيرة الخيرات دلالة على عظم قدره.
قۇرئان كەرىمنىڭ ياخشىلىقلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان قەدر كېچىسىدە نازىل بولغانلىقى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭمۇ كاتتىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

• بعثة الرسل ونزول القرآن من مظاهر رحمة الله بعباده.
پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىشى ۋە قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىندۇر.

• رسالات الأنبياء تحرير للمستضعفين من قبضة المتكبرين.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشتۇر.

وَأَن لَّا تَعۡلُواْ عَلَى ٱللَّهِۖ إِنِّيٓ ءَاتِيكُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدىم.
અરબી તફસીરો:
وَإِنِّي عُذۡتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمۡ أَن تَرۡجُمُونِ
مەن ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىغا سىغىنىپ مېنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن.
અરબી તફસીરો:
وَإِن لَّمۡ تُؤۡمِنُواْ لِي فَٱعۡتَزِلُونِ
مەن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىسەڭلارمۇ، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار، ماڭا يامانلىق قىلماڭلار.
અરબી તફસીરો:
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ مُّجۡرِمُونَ
مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: شەكسىزكى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھى دەرھال ئازابلاشقا تېگىشلىك جىنايەتچى قەۋمدۇر، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَأَسۡرِ بِعِبَادِي لَيۡلًا إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇسانى كېچىدە قەۋمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئۇلارنى چوقۇم قوغلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
અરબી તફસીરો:
وَٱتۡرُكِ ٱلۡبَحۡرَ رَهۡوًاۖ إِنَّهُمۡ جُندٞ مُّغۡرَقُونَ
مۇسا بەنى ئىسرائىل بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدىن ئۆتۈپ بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنى دېڭىزنى (ئىككىگە ئايرىلىپ ئاقماي) تۇرغان پېتى تاشلاپ مېڭىشقا بۇيرۇدى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چوقۇم دېڭىزغا غەرق قىلىنىپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
كَمۡ تَرَكُواْ مِن جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى نۇرغۇن باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
અરબી તફસીરો:
وَزُرُوعٖ وَمَقَامٖ كَرِيمٖ
ئۇلار يەنە نۇرغۇن ئېكىنزارلىقلارنى ۋە كۆركەم جايلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
અરબી તફસીરો:
وَنَعۡمَةٖ كَانُواْ فِيهَا فَٰكِهِينَ
ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرگەن تۇرمۇشىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى.
અરબી તફસીરો:
كَذَٰلِكَۖ وَأَوۡرَثۡنَٰهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ
سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئاشۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ باغ - بوستانلىرى، زىرائەتلىرى ۋە تۇرالغۇلىرىنى باشقىلارغا، يەنى بەنى ئىسرائىلغا بەردۇق.
અરબી તફસીરો:
فَمَا بَكَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلسَّمَآءُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَا كَانُواْ مُنظَرِينَ
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى غەرق قىلىنغان چاغدا ئۇلارغا نە ئاسمان، نە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ نَجَّيۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡمُهِينِ
بىز ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلنى خارلىغۇچى ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇقكى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇراتتى.
અરબી તફસીરો:
مِن فِرۡعَوۡنَۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيٗا مِّنَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
بىز ئۇلارنى پىرئەۋننىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇردۇق. شەكسىزكى پىرئەۋن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە دىنىدا چەكتىن ئېشىپ، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدِ ٱخۡتَرۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ عِلۡمٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
بىز ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە كۆپلەپ پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز زامانىسىدىكى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَءَاتَيۡنَٰهُم مِّنَ ٱلۡأٓيَٰتِ مَا فِيهِ بَلَٰٓؤٞاْ مُّبِينٌ
بىز ئۇلارغا مۇسانى كۈچەيتكەن دەلىل - پاكىتلارنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا تەرەنجىبىن، بۆدۈنە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاشكارا نېئمەتلەر بار.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَيَقُولُونَ
ھەقىقەتەن بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
અરબી તફસીરો:
إِنۡ هِيَ إِلَّا مَوۡتَتُنَا ٱلۡأُولَىٰ وَمَا نَحۡنُ بِمُنشَرِينَ
بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز پەقەت بىرلا قېتىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ، بىز مۇشۇ ئۆلگەنچە قايتا تىرىلمەيمىز
અરબી તફસીરો:
فَأۡتُواْ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي مۇھەممەد! ئەگەر سىلەر چوقۇم ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار.
અરબી તફસીરો:
أَهُمۡ خَيۡرٌ أَمۡ قَوۡمُ تُبَّعٖ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ مُجۡرِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان بۇ مۇشرىكلار كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۈستۈنمۇ ياكى تۇببەئ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ئۈستۈنمۇ؟ بىز شۇلارنىمۇ پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن جىنايەتچى قەۋم ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى بىكار ياراتمىدۇق (بەلكى قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق).
અરબી તફસીરો:
مَا خَلَقۡنَٰهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
بىز ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى پەقەت چوڭقۇر ھېكمەت ئۈچۈن ياراتتۇق. لېكىن مۇشرىكلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• وجوب لجوء المؤمن إلى ربه أن يحفظه من كيد عدوّه.
مۇئمىنلەر دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىغا سىغىنىشى كېرەك.

• مشروعية الدعاء على الكفار عندما لا يستجيبون للدعوة، وعندما يحاربون أهلها.
كاپىرلار دەۋەتنى قوبۇل قىلماي، دەۋەچىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن چاغدا ئۇلارغا بەددۇئا قىلىش يوللۇق.

• الكون لا يحزن لموت الكافر لهوانه على الله.
كاپىرلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغان بولغاچقا، پۈتكۈل كائىنات ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرمايدۇ.

• خلق السماوات والأرض لحكمة بالغة يجهلها الملحدون.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى چوڭقۇر ھېكمەت ئۈچۈن بولۇپ، دىنسىزلار بۇنى بىلمەيدۇ.

إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ مِيقَٰتُهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا پۈتكۈل خالايىقنى توپلاپ، بەندىلىرى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشنى ۋەدە قىلغان كۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ لَا يُغۡنِي مَوۡلًى عَن مَّوۡلٗى شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئۇ كۈندە تۇغقان - تۇغقانغا، دوست - دوستقا ئەسقاتمايدۇ، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە مۇتلەق ئىگىدارچىلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ھېچكىم ئىگىدارچىلىق دەۋاسى قىلالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا مَن رَّحِمَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
پەقەت ئىنسانلاردىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زاتتۇر، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ شَجَرَتَ ٱلزَّقُّومِ
ھەقىقەتەن زەققۇم دەرىخىنى ئاللاھ تائالا جەھەننەمنىڭ قەرىدە ئۆستۈرىدۇ
અરબી તફસીરો:
طَعَامُ ٱلۡأَثِيمِ
بۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپ، كاپىرلار ئۇنىڭ بەتبۇي مېۋىسىدىن يەيدۇ
અરબી તફસીરો:
كَٱلۡمُهۡلِ يَغۡلِي فِي ٱلۡبُطُونِ
بۇ مېۋە قارا مايغا ئوخشاش بولۇپ، ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقتىن كاپىرلارنىڭ قورساقلىرىدا قاينايدۇ
અરબી તફસીરો:
كَغَلۡيِ ٱلۡحَمِيمِ
خۇددى ھارارەتتە چېكىگە يەتكەن قايناق سۇدەك قاينايدۇ
અરબી તફસીરો:
خُذُوهُ فَٱعۡتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلۡجَحِيمِ
دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق تارتىپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەڭلار.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ صُبُّواْ فَوۡقَ رَأۡسِهِۦ مِنۡ عَذَابِ ٱلۡحَمِيمِ
ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاتتىق قىينايدىغان مۇشۇ قايناق سۇنى تۆكۈڭلار، دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ئازاب كەم بولمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
ذُقۡ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡكَرِيمُ
مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا: بۇ دەرتلىك ئازابنى تېتىغىن. سەن قەۋمىڭ ئىچىدە ھېچكىمگە باش ئەگمەيدىغان كۈچلۈك ھەم ئۇلۇغ زات ئىدىڭ، دېيىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ هَٰذَا مَا كُنتُم بِهِۦ تَمۡتَرُونَ
ھەقىقەتەن بۇ ئازاب سىلەر قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغانلىقىدا شەكلەنگەن ئازابتۇر. ئەمدى سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەچكە سىلەردە شەك قالمىدى.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي مَقَامٍ أَمِينٖ
پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرىگە كېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق ئىشتىن خاتىرجەم بولىدىغان جايدا بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
بوستانلىقلار ئىچىدە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يَلۡبَسُونَ مِن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَقَٰبِلِينَ
ئۇلار جەننەتتە نىپىز ھەم قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
كَذَٰلِكَ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ
بىز ئۇلارغا ئاشۇنداق ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنى يەنە جەننەتتە شەھلا كۆزلۈك ھۆر - پەرىلەر بىلەن جۈپلەپ قويىمىز.
અરબી તફસીરો:
يَدۡعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَٰكِهَةٍ ءَامِنِينَ
ئۇلار تۈگەپ كېتىشىدىن ۋە زىيان قىپقېلىشىدىن خاتىرجەم ھالدا جەننەتتىكى خىزمەتكارلىرىدىن كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق مېۋىنى ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
لَا يَذُوقُونَ فِيهَا ٱلۡمَوۡتَ إِلَّا ٱلۡمَوۡتَةَ ٱلۡأُولَىٰۖ وَوَقَىٰهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ
ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىمايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكَۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان پەزلى - ئېھسانىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق مۇۋەپپەقىيەت تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا غەلىبىدۇر.
અરબી તફસીરો:
فَإِنَّمَا يَسَّرۡنَٰهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بىز بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بولغان ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىش ئارقىلىق قولايلاشتۇرۇپ بەردۇق.
અરબી તફસીરો:
فَٱرۡتَقِبۡ إِنَّهُم مُّرۡتَقِبُونَ
سەن ئۆزۈڭنىڭ غەلىبىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى كۈتكىن. ئۇلارمۇ چوقۇم سېنىڭ ھالاكىتىڭنى كۈتكۈچىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الجمع بين العذاب الجسمي والنفسي للكافر.
كاپىرلار ھەم جىسمانىي، ھەم روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ.

• الفوز العظيم هو النجاة من النار ودخول الجنة.
ئەڭ كاتتا غەلىبە دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىشتۇر.

• تيسير الله لفظ القرآن ومعانيه لعباده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قۇرئاننىڭ لەپزىنى ھەم مەنىسىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અદ્ દુખાન
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તફસીર લિદ્ દિરાસતીલ્ કુરઆનિયહ કેન્દ્ર દ્વારા પ્રકાશિત.

બંધ કરો