Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અશ્ શુઅરાઅ   આયત:
مَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يُمَتَّعُونَ
ئۇلار دۇنيادا ئېرىشكەن نېئمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ ئۇ نېئمەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلۈپ، ئۇلار ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغان تۇرسا؟
અરબી તફસીરો:
وَمَآ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ
بىز قانداق بىر ئۈممەتنى ھالاك قىلساق، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ھەمدە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ھالاك قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
ذِكۡرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
بۇ ئۇلارغا پەند - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر. بىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئازابلاشتا زۇلۇم قىلغۇچى بولمىدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَمَا تَنَزَّلَتۡ بِهِ ٱلشَّيَٰطِينُ
بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق.
અરબી તફસીરો:
وَمَا يَنۢبَغِي لَهُمۡ وَمَا يَسۡتَطِيعُونَ
قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىغا شەيتانلارنىڭ ئېلىپ چۈشۈشى لايىق ئەمەس ھەم ئۇلارمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّمۡعِ لَمَعۡزُولُونَ
ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاسماندىكى ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىپ، قانداق ئېلىپ چۈشەلەيدۇ؟
અરબી તફસીરો:
فَلَا تَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُعَذَّبِينَ
ئاللاھقا باشقا ھېچقانداق مەبۇدنى شېرىك قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلمىغىن، بولمىسا مۇشۇ سەۋەبلىك ئازابلانغۇچىلاردىن بوپقالىسەن.
અરબી તફસીરો:
وَأَنذِرۡ عَشِيرَتَكَ ٱلۡأَقۡرَبِينَ
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنى ئاگاھلاندۇرۇشتا ئەڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭدىن باشلىغىن. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە قېلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولمىسۇن.
અરબી તફસીરો:
وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مېھىر - شەپقەت كۆرسىتىش يۈزىسىدىن سۆز - ھەرىكەتتە مۇلايىم بولغىن.
અરબી તફસીરો:
فَإِنۡ عَصَوۡكَ فَقُلۡ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنمىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ۋە ئاسىيلىقىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن.
અરબી તફસીરો:
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ
سەن بارلىق ئىشلىرىڭدا دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدىغان، ھەممىدىن غالىب، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىمدىل بولغان زاتقا تايانغىن.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِي يَرَىٰكَ حِينَ تَقُومُ
ئۇ سېنى نامازغا تۇرغىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَتَقَلُّبَكَ فِي ٱلسَّٰجِدِينَ
ئۇ سېنىڭ نامازخانلار ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكەلگىنىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنىڭ قۇرئاندىن ئوقۇغانلىرىڭنى، نامازدىكى زىكىر - تەسبىھلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نېيىتىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
هَلۡ أُنَبِّئُكُمۡ عَلَىٰ مَن تَنَزَّلُ ٱلشَّيَٰطِينُ
(ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا ئېيتقىنكى)، سىلەر بۇ قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكەن، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
અરબી તફસીરો:
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٖ
شەيتانلار ھەر بىر يالغانچى، گۇناھكار، ئاسىي رەمباللارغا چۈشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
يُلۡقُونَ ٱلسَّمۡعَ وَأَكۡثَرُهُمۡ كَٰذِبُونَ
شەيتانلار پەرىشتىلەرنىڭ (دېيىشكەنلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىپ، كاھىن دوستلىرىغا تاشلايدۇ. كاھىنلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغانچىلاردۇر. ئۇلار بىر ئېغىز راست سۆزگە يۈز يالغاننى قوشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلۡغَاوُۥنَ
سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەگىشىدۇ، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شائىرلار توغرا، تۈپتۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلار شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّهُمۡ فِي كُلِّ وَادٖ يَهِيمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا قارىمامسەن؟ ئۇلار ھەر بىر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ، گاھ ماختايدۇ، گاھ ئەيىبلەيدۇ، گاھ باشقا نەرسىلەرنى دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَأَنَّهُمۡ يَقُولُونَ مَا لَا يَفۡعَلُونَ
ئۇلار يالغان ئېيتىپ، ئۆزلىرى قىلمىغاننى بىز قىلدۇق، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَذَكَرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱنتَصَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْۗ وَسَيَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَيَّ مُنقَلَبٖ يَنقَلِبُونَ
پەقەت شائىرلار ئىچىدىن ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ نەگە قايتىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىدۇ، ئۇلار بۈيۈك تۇرۇش ۋە ئىنچىكە ھېسابقا قايتۇرۇلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إثبات العدل لله، ونفي الظلم عنه.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئەدل سۈپىتىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭدىن زۇلۇمنى يوققا چىقىرىدۇ.

• تنزيه القرآن عن قرب الشياطين منه.
قۇرئانغا شەيتانلارنىڭ يېقىنلىشالايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.

• أهمية اللين والرفق للدعاة إلى الله.
ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• الشعر حَسَنُهُ حَسَن، وقبيحه قبيح.
شېئىرنىڭ ياخشىسىمۇ، ناچىرىمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અશ્ શુઅરાઅ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તફસીર લિદ્ દિરાસતીલ્ કુરઆનિયહ કેન્દ્ર દ્વારા પ્રકાશિત.

બંધ કરો