Check out the new design

કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: મરયમ   આયત:
أَفَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي كَفَرَ بِـَٔايَٰتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالٗا وَوَلَدًا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئازابىمىزغا تانغان ۋە: مەن ئۆلسەم، قىيامەتتە تېرىلسەم ئەلۋەتتە ماڭا كۆپ مال ۋە ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۇڭمۇ؟.
અરબી તફસીરો:
أَطَّلَعَ ٱلۡغَيۡبَ أَمِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحۡمَٰنِ عَهۡدٗا
ئۇ دېگەن سۆزىنى دەلىللەشكە غەيىبنى بىلدىمۇ؟ ياكى ئۇ ئاللاھدىن ئۆزىنى جەننەتكە كېرگۈزۈش ۋە كۆپ مال ۋە ئەۋلاد ئاتا قىلىشى .توغرىسىدا ئەھدە ئالدىمۇ؟
અરબી તફસીરો:
كَلَّاۚ سَنَكۡتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُۥ مِنَ ٱلۡعَذَابِ مَدّٗا
ئىش ئۇ گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەن سۆز ۋە قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرلەپ قويىمىز، ئۇنىڭ باتىلنى دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئازابنىڭ ئۈستىگە ئازابنى زىيادە قىلىمىز.
અરબી તફસીરો:
وَنَرِثُهُۥ مَا يَقُولُ وَيَأۡتِينَا فَرۡدٗا
ئۇنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مال ۋە بالىنى مىراس قالدۇرىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنى، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان مال-دۇنيا ۋە يۈز-ئابرۇي قاتارلىق ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىپ يالغۇز كەلتۈرىمىز.
અરબી તફસીરો:
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةٗ لِّيَكُونُواْ لَهُمۡ عِزّٗا
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە دەستەك بولۇش ئۈچۈن، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ياردەم .بېرىلىدىغان چوقۇنىدىغان مەبۇدلارنى قىلدى
અરબી તફસીરો:
كَلَّاۚ سَيَكۡفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمۡ وَيَكُونُونَ عَلَيۡهِمۡ ضِدًّا
ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇداتلىرى قىيامەت كۈنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئىبادەتلىرىگە تانىدۇ، ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولۇپ ئۇلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّآ أَرۡسَلۡنَا ٱلشَّيَٰطِينَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ تَؤُزُّهُمۡ أَزّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز شەيتانلارنى كاپىرلارغا ھۆكۈمران قىلىپ ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟.
અરબી તફસીરો:
فَلَا تَعۡجَلۡ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمۡ عَدّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھدىن ئۇلارنىڭ تىزرەك ھالاك بولىىشىنى تەلەپ قىلىشقا ئالدىرىمىغىن، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ئېنىق ساناپ تۇرىمىز، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلگەن ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا، ئۇلارنى ھەقلىق بولغان ئازاب بىلەن ئازابلايمىز.
અરબી તફસીરો:
يَوۡمَ نَحۡشُرُ ٱلۡمُتَّقِينَ إِلَى ٱلرَّحۡمَٰنِ وَفۡدٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىغا ئىززەت-ئىكرام .بىلەن توپلايمىز
અરબી તફસીરો:
وَنَسُوقُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرۡدٗا
كاپىرلارنى جەھەننەمگە ئۇسسۇزلىقتىن چاڭقىغان ھالىتىدە ھەيدەيمىز.
અરબી તફસીરો:
لَّا يَمۡلِكُونَ ٱلشَّفَٰعَةَ إِلَّا مَنِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحۡمَٰنِ عَهۡدٗا
كاپىرلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. پەقەت دۇنيادا ئىمان ئېيتىش ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشىلەر شاپائەت .قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ
અરબી તફસીરો:
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗا
يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار .دەيدۇ
અરબી તફસીરો:
لَّقَدۡ جِئۡتُمۡ شَيۡـًٔا إِدّٗا
مۇشۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر بەك قەبىھ .بىر سۆزنى قىلدىڭلار
અરબી તફસીરો:
تَكَادُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ يَتَفَطَّرۡنَ مِنۡهُ وَتَنشَقُّ ٱلۡأَرۡضُ وَتَخِرُّ ٱلۡجِبَالُ هَدًّا
بۇ مۇنكەر سۆزنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر .يېرىلىپ كەتكىلى ۋە تاغلار گۆمبۈرلەپ چۈشكىلى تاسمۇ-تاس قالدى
અરબી તફસીરો:
أَن دَعَوۡاْ لِلرَّحۡمَٰنِ وَلَدٗا
ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن سۆز ئۈچۈندۇر. ئاللاھ .تائالا ئۇنىڭدىن ئالىدۇر ۋە كاتتىدۇر
અરબી તફસીરો:
وَمَا يَنۢبَغِي لِلرَّحۡمَٰنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا
.بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق بولمايدۇ، ئاللاھ بالىلىق بولۇشتىن پاكتۇر
અરબી તફસીરો:
إِن كُلُّ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ إِلَّآ ءَاتِي ٱلرَّحۡمَٰنِ عَبۡدٗا
ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىدە رەببىگە بويسۇنغان ھالەتتە .كېلىدۇ
અરબી તફસીરો:
لَّقَدۡ أَحۡصَىٰهُمۡ وَعَدَّهُمۡ عَدّٗا
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى مۇكەممەل بىلدى. ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەس.
અરબી તફસીરો:
وَكُلُّهُمۡ ءَاتِيهِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَرۡدًا
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالغۇز ھالەتتە .كېلىدۇ، ئۇنىڭ يا ياردەم بەرگۈچىسى ياكى مال-مۈلكى بولمايدۇ
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تدل الآيات على سخف الكافر وسَذَاجة تفكيره، وتَمَنِّيه الأماني المعسولة، وهو سيجد نقيضها تمامًا في عالم الآخرة.
ئايەت كەرىمە كاپىرلارنىڭ دۆت، گول ۋە پىكىرسىزلىكى ۋە تاتلىق خىياللارنى قېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما ئاخىرەتتە تامامەن بۇنىڭ .ئەكسىنى تاپىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ

• سلَّط الله الشياطين على الكافرين بالإغواء والإغراء بالشر، والإخراج من الطاعة إلى المعصية.
ئاللاھ تائالا شەيتاننى كاپىرلارنى ئازدۇرۇش، يامانلىق بىلەن مەغرۇرلاندۇرۇش، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن ئاسىيلىققا چېقىرىشقا .ھۆكۈمران قېلىپ قويدى

• أهل الفضل والعلم والصلاح يشفعون بإذن الله يوم القيامة.
ئىلىملىك، پەزىلەتلىك، ئىسلاھاتچى كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ .ئىزنى بىلەن شاپائەت قىلىدۇ

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: મરયમ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

તફસીર લિદ્ દિરાસતીલ્ કુરઆનિયહ કેન્દ્ર દ્વારા પ્રકાશિત.

બંધ કરો