Check out the new design

Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango. * - Tippudi firooji ɗii


Firo maanaaji Simoore: Simoorw Taahaa   Aaya:
قَالَ عِلۡمُهَا عِندَ رَبِّي فِي كِتَٰبٖۖ لَّا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنسَى
مۇسائەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەھۋۇلمەھپۇزدا پۈتۈكلىكتۇر، .پەرۋەردىگارىم مەلۇماتلاردا خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇپ قالمايدۇ
Faccirooji aarabeeji:
ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مَهۡدٗا وَسَلَكَ لَكُمۡ فِيهَا سُبُلٗا وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّن نَّبَاتٖ شَتَّىٰ
پەرۋەردىگارىم سىلەرگە زېمىننى يېيىپ ياشاشقا لايىق قىلىپ بەردى، زېمىندا سىلەر ئۈچۈن مېڭىشقا يارايدىغان نۇرغۇن يوللارنى قىلدى، ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈردى. يامغۇر سۈيى سەۋەبى بىلەن زېمىندىن .ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈك-زىرائەتلەرنى چېقاردى
Faccirooji aarabeeji:
كُلُواْ وَٱرۡعَوۡاْ أَنۡعَٰمَكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلنُّهَىٰ
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە زېمىندىن چېقىرىپ بەرگەن پاكىزە نەرسىلەردىن يەڭلار، چارۋېلىرىڭلارنى بېقىڭلار، مۇشۇ زىكىر قىلىنغان نېمەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە تەڭداشسىز قۇدىرىتىنى .نامايەن قىلىدىغان دەلىللەر بار
Faccirooji aarabeeji:
۞ مِنۡهَا خَلَقۡنَٰكُمۡ وَفِيهَا نُعِيدُكُمۡ وَمِنۡهَا نُخۡرِجُكُمۡ تَارَةً أُخۡرَىٰ
سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىننىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتۇق، ۋاپات بولغان ۋاقتىڭلاردا سىلەرنى دەپنى قىلىش بىلەن زېمىنغا قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قىيامەت كۈنىدە تېرىلدۇرۇپ زېمىندىن چېقىرىمىز.
Faccirooji aarabeeji:
وَلَقَدۡ أَرَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ
ھەقىقەتەن پىرئەۋنغا بىزنىڭ توققۇز تۈرلۈك مۆجىزىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق، ئۇنى كۆردى ۋە ئىنكار قىلدى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى.
Faccirooji aarabeeji:
قَالَ أَجِئۡتَنَا لِتُخۡرِجَنَا مِنۡ أَرۡضِنَا بِسِحۡرِكَ يَٰمُوسَىٰ
پىرئەۋن: ئى مۇسا! سەن ئېلىپ كەلگەن سېھىر بىلەن بىزنى مىسىردىن چېقىرىۋېتىپ مىسىرنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆزۈڭنىڭ قېلىۋىلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟، دېدى.
Faccirooji aarabeeji:
فَلَنَأۡتِيَنَّكَ بِسِحۡرٖ مِّثۡلِهِۦ فَٱجۡعَلۡ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكَ مَوۡعِدٗا لَّا نُخۡلِفُهُۥ نَحۡنُ وَلَآ أَنتَ مَكَانٗا سُوٗى
ئى مۇسا! سېنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭگە ئوخشاش سېھرىنى ئېلىپ كېلىمىز، سېنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇچرىشىدىغان بىر ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بېكىتكىن، بىزمۇ ۋە سەنمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايمىز. بۇ .ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇرھال مۇناسىپ جاي بولسۇن
Faccirooji aarabeeji:
قَالَ مَوۡعِدُكُمۡ يَوۡمُ ٱلزِّينَةِ وَأَن يُحۡشَرَ ٱلنَّاسُ ضُحٗى
مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ۋەدە قېلىنغان ۋاقىت بايرام كۈنى بولسۇن، كىشىلەر بايرام قىلىش ئۈچۈن .چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن دېدى
Faccirooji aarabeeji:
فَتَوَلَّىٰ فِرۡعَوۡنُ فَجَمَعَ كَيۡدَهُۥ ثُمَّ أَتَىٰ
پىرئەۋن قايتىپ ئۆزىنىڭ ھىلە-مىكىر، چارە-تەدبىرلىرىنى توپلىدى، ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە غەلبە قېلىش ئۈمىدى بىلەن بەلگىلەنگەن جايغا .كەلدى
Faccirooji aarabeeji:
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰ وَيۡلَكُمۡ لَا تَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا فَيُسۡحِتَكُم بِعَذَابٖۖ وَقَدۡ خَابَ مَنِ ٱفۡتَرَىٰ
مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا ۋەز-نەسىھەت قېلىپ: دىققەت قىلىڭلار، سېھرى قىلىپ كىشىلەرنى ئالداش بىلەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن تۈپ-يىلتىزىڭلاردىن يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ، .دېدى
Faccirooji aarabeeji:
فَتَنَٰزَعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَىٰ
سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز-ئارا يوشۇرۇن دەتالاش قېلىشتى.
Faccirooji aarabeeji:
قَالُوٓاْ إِنۡ هَٰذَٰنِ لَسَٰحِرَٰنِ يُرِيدَانِ أَن يُخۡرِجَاكُم مِّنۡ أَرۡضِكُم بِسِحۡرِهِمَا وَيَذۡهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ ٱلۡمُثۡلَىٰ
سېھرىگەرلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە يوشۇرۇن: ھەقىقەتەن مۇسا ۋە ھارۇن بۇ ئىككىسى سېھرىگەر، بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىسى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چېقىرىۋەتمەكچى، ھايات يۆلىنىشىڭلارنى ئۆزگەرتمەكچى ۋە تەرەققى قىلغان دىنىڭلارنى يوق قىلماقچى دېدى.
Faccirooji aarabeeji:
فَأَجۡمِعُواْ كَيۡدَكُمۡ ثُمَّ ٱئۡتُواْ صَفّٗاۚ وَقَدۡ أَفۡلَحَ ٱلۡيَوۡمَ مَنِ ٱسۡتَعۡلَىٰ
ئىشىڭلارنى پۇختىلاڭلار، ھەرگىز ئىختىلاپلاشماڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ مەيدانغا چۈشۈڭلار، ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭلارنى بىراقلا ئوتتۇرغا تاشلاڭلار، بۈگۈن قارشى تەرەپتىن غەلبە قىلغان كىشى .چوقۇم مەقسەتكە يەتكەن بولىدۇ
Faccirooji aarabeeji:
Ina jeyaa e nafoore aayeeje ɗee e ngol hello:
• إخراج أصناف من النبات المختلفة الأنواع والألوان من الأرض دليل واضح على قدرة الله تعالى ووجود الصانع.
زېمىندىن ئوخشىمايدىغان رەڭلەردىكى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ .چېقىرىلىشى، ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان روشەن دەلىلدۇر

• ذكرت الآيات دليلين عقليين واضحين على الإعادة: إخراج النبات من الأرض بعد موتها، وإخراج المكلفين منها وإيجادهم.
ئايەتتە: زېمىن قۇرۇپ قاقشال بولغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەرنى چېقىرىش، زېمىندىن ئىنسانلارنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە دالالەت قېلىدىغان روشەن ئەقلى دەلىلدىن ئىككىسى زىكىر قىلىندى.

• كفر فرعون كفر عناد؛ لأنه رأى الآيات عيانًا لا خبرًا، واقتنع بها في أعماق نفسه.
پىرئەۋننىڭ كاپىرلىقى تەكەببۇرلۇق كۇپرىسىدۇر، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى خەۋەر شەكىلدە ئەمەس بەلكى ئۆز كۆزى بىلەن ئېنىق .كۆرگەن، چىن دىلىدىن ئۇنىڭغا قانائەت قىلغانىدى

• اختار موسى يوم العيد؛ لتعلو كلمة الله، ويظهر دينه، ويكبت الكفر، أمام الناس قاطبة في المجمع العام ليَشِيع الخبر.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرام كۈنىنى تاللىشى بولسا، يىللىق يېغىلىش بولغان كۈندە ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قېلىش، دىنىنى ئاشكارا قېلىش ۋە كاپىرلارنى مات قىلىپ ئەمەلى خەۋەرنى تارقىتىش ئۈچۈندۇر.

 
Firo maanaaji Simoore: Simoorw Taahaa
Tippudi cimooje Tonngoode hello ngoo
 
Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango. - Tippudi firooji ɗii

iwde e galle Firo jaŋdeeji Alkur'aana.

Uddude