Check out the new design

ترجمه‌ى معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم * - فهرست ترجمه‌ها


ترجمه‌ى معانی سوره: شعراء   آیه:

شۇئەرا

از مقاصد این سوره:
بيان آيات الله في تأييد المرسلين وإهلاك المكذبين.
پەيغەمبەرلەرنى كۇچلاندۇرۇش ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنى ھالاك قىلىشتا ئاللاھنىڭ مۇجىزىلىرىنىڭ بايانى

طسٓمٓ
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تفسیرهای عربی:
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
بۇ توغرىنى خاتادىن ئايرىپ بېرىدىغان قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.
تفسیرهای عربی:
لَعَلَّكَ بَٰخِعٞ نَّفۡسَكَ أَلَّا يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىۋېلىشىغا ھېرىسمەنلىكىڭدىن (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن.
تفسیرهای عربی:
إِن نَّشَأۡ نُنَزِّلۡ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ءَايَةٗ فَظَلَّتۡ أَعۡنَٰقُهُمۡ لَهَا خَٰضِعِينَ
ئەگەر بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈرۈشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا تۆۋەنچىلىك بىلەن بويسۇنغان بولاتتى. لېكىن بىز ئۇلارنى غەيىبكە ئىشىنەمدۇ - يوق، سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن ذِكۡرٖ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ مُحۡدَثٍ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهُ مُعۡرِضِينَ
ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان يېڭى ۋەز - نەسىھەت نازىل قىلىنسا، ئۇلار ئۇنى ئاڭلاپ، ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَقَدۡ كَذَّبُواْ فَسَيَأۡتِيهِمۡ أَنۢبَٰٓؤُاْ مَا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئۇلار راستتىنلا پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار مەسخىرە قىلىشقان خەۋەرلەر چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ ھەم ئۇلارغا ئازاب كېلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ كَمۡ أَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجٖ كَرِيمٍ
كۇپرىسىدا چىڭ تۇرغان بۇ ئادەملەر زېمىنغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ بىز زېمىندا مەنزىرىسى كۆركەم، پايدىسى كۆپ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇققۇ؟
تفسیرهای عربی:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
ھەقىقەتەن زېمىننىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشىدە شۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن زاتنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىل - پاكىتلار بار، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.
تفسیرهای عربی:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ، ئۇ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱئۡتِ ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىدا قىلىپ، ئۇنى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ھەمدە مۇسانىڭ قەۋمىنى قۇل قىلىش ئارقىلىق زالىم بولغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرۇدى.
تفسیرهای عربی:
قَوۡمَ فِرۡعَوۡنَۚ أَلَا يَتَّقُونَ
ئۇلار پىرئەۋننىڭ قەۋمى بولۇپ، مۇسا سىلىق ھەم مۇلايىملىق بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجە كەلتۈرۈشكە ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا بۇيرۇيدۇ.
تفسیرهای عربی:
قَالَ رَبِّ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! ئۇلارغا مەن سېنىڭ ئەمرىڭنى يەتكۈزسەم مېنى يالغانغا چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
تفسیرهای عربی:
وَيَضِيقُ صَدۡرِي وَلَا يَنطَلِقُ لِسَانِي فَأَرۡسِلۡ إِلَىٰ هَٰرُونَ
ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىممۇ سۆزدىن تۇتۇلىدۇ، شۇڭا ماڭا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى قېرىندىشىم ھارۇننىڭ قېشىغا ئەۋەتكىن.
تفسیرهای عربی:
وَلَهُمۡ عَلَيَّ ذَنۢبٞ فَأَخَافُ أَن يَقۡتُلُونِ
مەن بىر قىبتىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھكارمەن، شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
تفسیرهای عربی:
قَالَ كَلَّاۖ فَٱذۡهَبَا بِـَٔايَٰتِنَآۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسۡتَمِعُونَ
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، يەنى ئۇلار سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا سەن قېرىندىشىڭ ھارۇن بىلەن بىرگە ئىككىڭلارنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەرگە ياردەم بېرىپ ھەم قوللاپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ دېگەنلىرىڭلارنىمۇ، سىلەرگە دېيىلگەننىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن. بىز سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچنەرسىنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز.
تفسیرهای عربی:
فَأۡتِيَا فِرۡعَوۡنَ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: بىز بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىز.
تفسیرهای عربی:
أَنۡ أَرۡسِلۡ مَعَنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن، دەڭلار.
تفسیرهای عربی:
قَالَ أَلَمۡ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدٗا وَلَبِثۡتَ فِينَا مِنۡ عُمُرِكَ سِنِينَ
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز سېنى كىچىكىڭدىن بېقىپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ بىر قانچە يىل يېنىمىزدا تۇردۇڭ. ئەمدى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟
تفسیرهای عربی:
وَفَعَلۡتَ فَعۡلَتَكَ ٱلَّتِي فَعَلۡتَ وَأَنتَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
سەن ئۆز جەمەتىڭگە يان بېسىپ، بىر قىبتىينى ئۆلتۈرۈپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىڭمۇ؟ ئەمەلىيەتتە سەن مېنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىمىغا تۇزكورلۇق قىلدىڭ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات در این صفحه:
• حرص الرسول صلى الله عليه وسلم على هداية الناس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەندۇر.

• إثبات صفة العزة والرحمة لله.
ئاللاھنىڭ غالىب ۋە رەھىمدىل دېگەن سۈپەتلىرى باردۇر.

• أهمية سعة الصدر والفصاحة للداعية.
دەۋەتچىنىڭ كۆڭلى - كۆكسى كەڭرى ھەم تىلى پاساھەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

• دعوات الأنبياء تحرير من العبودية لغير الله.
پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەتلىرى ئاللاھنىڭ باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئازاد قىلىشتۇر.

• احتج فرعون على رسالة موسى بوقوع القتل منه عليه السلام فأقر موسى بالفعلة، مما يشعر بأنها ليست حجة لفرعون بالتكذيب.
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قارشى ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى باھانە قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ پىرئەۋننىڭ (ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) يالغانغا چىقىرىشىغا بۇ ئىشنىڭ باھانە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلدى.

 
ترجمه‌ى معانی سوره: شعراء
فهرست سوره‌ها شماره‌ى صفحه
 
ترجمه‌ى معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم - فهرست ترجمه‌ها

مركز تفسير و پژوهش‌های قرآنى آن را منتشر كرده است.

بستن