Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል-አዕራፍ   አንቀጽ:
وَقَطَّعۡنَٰهُمُ ٱثۡنَتَيۡ عَشۡرَةَ أَسۡبَاطًا أُمَمٗاۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ إِذِ ٱسۡتَسۡقَىٰهُ قَوۡمُهُۥٓ أَنِ ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡحَجَرَۖ فَٱنۢبَجَسَتۡ مِنۡهُ ٱثۡنَتَا عَشۡرَةَ عَيۡنٗاۖ قَدۡ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٖ مَّشۡرَبَهُمۡۚ وَظَلَّلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلۡغَمَٰمَ وَأَنزَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَنَّ وَٱلسَّلۡوَىٰۖ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
بىز بەنى ئىسرائىلنى ئون ئىككى قەبىلىگە بۆلدۇق، مۇسانىڭ قەۋمى ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان چاغدا، مۇساغا: «ئى مۇسا! ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، مۇسا تاشنى ئۇردى، ئۇنىڭدىن ئون ئىككى قەبىلىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئۇلاردىن ھەربىر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، بىر قەبىلىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر قەبىلە شېرىك بولالمايدۇ. بۇلۇتنى ئۇلار ماڭغاندا مېڭىپ، ئۇلار توختىغاندا توختايدىغان ھالەتتە ئۇلارغا سايىۋەن قىلىپ بەردۇق. بىز ئۇلارغا نېئمەتلىرىمىزدىن ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئىچىملىكنى، بۆدۈنىگە ئوخشايدىغان گۆشى ئېسىل كىچىك قۇشنى چۈشۈردۇق، ئۇلارغا ئېيتتۇقكى: «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ئېسىللىرىدىن يەڭلار». ئۇلار زۇلۇم نېئمەتكە كۇپۇرلۇق قىلىش ۋە نېئمەتنى ھەقىقى قەدىرلىمەسلىكى سەۋەبلىك بىزگە ھېچقانداق زىيان سالالىغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ھالاكەت ئورۇنلىرىغا كەلگەن چاغدا نېسىۋىلىرىنى كەمەيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِذۡ قِيلَ لَهُمُ ٱسۡكُنُواْ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةَ وَكُلُواْ مِنۡهَا حَيۡثُ شِئۡتُمۡ وَقُولُواْ حِطَّةٞ وَٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا نَّغۡفِرۡ لَكُمۡ خَطِيٓـَٰٔتِكُمۡۚ سَنَزِيدُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا: بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىڭلار، ئۇنىڭ كەنىتلىرىنىڭ مېۋىلىرىدىن قايسى ئورۇندا قاچان خالىساڭلار يەڭلار دېدى. ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆچۈرگىن دەڭلار، ئىشىكتىن پەرۋەردىگارىڭلارغا بويسۇنۇپ رۇكۇ قىلغان ھالدا كىرىڭلار، ئەگەر ئاشۇنداق قىلساڭلار گۇناھىڭلارنى كەچۈرىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى زىيادە قىلىپ بېرىمىز، دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡ قَوۡلًا غَيۡرَ ٱلَّذِي قِيلَ لَهُمۡ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَظۡلِمُونَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىنغان سۆزلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۇلار «شەئىيرە» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «ھەببە» دېدى، مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇلغان نەرسىلەرگە ئورۇن باسار قىلىپ «شەئىرە » دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا« ھەببە» دېدى، ئۇلار بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئۆزگەرتتى، ئۇلار باشلىرىنى ئىگىپ ئاللاھقا بويسۇنغان ھالەتتە كىرىشنىڭ ئورنىغا ئارقىسىچە سۆرۈلۈپ كىردى. زۇلۇملىرى سەۋەبلىك بىز ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَسۡـَٔلۡهُمۡ عَنِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَتۡ حَاضِرَةَ ٱلۡبَحۡرِ إِذۡ يَعۡدُونَ فِي ٱلسَّبۡتِ إِذۡ تَأۡتِيهِمۡ حِيتَانُهُمۡ يَوۡمَ سَبۡتِهِمۡ شُرَّعٗا وَيَوۡمَ لَا يَسۡبِتُونَ لَا تَأۡتِيهِمۡۚ كَذَٰلِكَ نَبۡلُوهُم بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەرنىڭ قىسسىسى ھەققىدە ئۇلارغا ئەسلىتىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرنى قانداق جازالىغانلىقىنى سورىغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىن بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ھالقىدى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شەنبە كۈنىدە دېڭىز يۈزىگە بېلىقلارنى ئاشكارا كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىنىدى. بېلىقلار باشقا كۈندە كەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنى سىنىدى. ئۇلار بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئورەك كولاپ ئۇ يەرگە تورلىرىنى تاشلاپ ھىيلە ئىشلەتتى. شەنبە كۈنىدە بېلىقلار تورغا كېلەتتى، ئۇلار تورنى يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېلىقلارنى يەيتتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• الجحود والكفران سبب في الحرمان من النعم.
نېئمەتكە تېنىش ۋە كاپىر بولۇش نېئمەتتىن مەھرۇم قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• من أسباب حلول العقاب ونزول العذاب التحايل على الشرع؛ لأنه ظلم وتجاوز لحدود الله.
شەرىئەتكە ھىيلە ئىشلىتىش ئازاب ۋە جازانىڭ چۈشىشىگە سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى ھىيلە ئىشلىتىش زۇلۇمدۇر ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ھالقىشتۇر.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል-አዕራፍ
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት