Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አስ ሷፋት   አንቀጽ:
وَجَعَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُۥ هُمُ ٱلۡبَاقِينَ
بىز نۇھنىڭ ئائىلىسىنى ۋە مۇئمىن ئەگەشكۈچىلىرىنىلا قۇتۇلدۇردۇق. ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ
بىز كېيىنكى ئۈممەتلەرگە نۇھنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇقكى، ئۇلار ئۇنى مەدھىيىلەيدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
سَلَٰمٌ عَلَىٰ نُوحٖ فِي ٱلۡعَٰلَمِينَ
كېيىنكى ئۈممەتلەر نۇھنىڭ يامان گېپىنى قىلماستىن، ئامان - ئېسەنلىك تىلەيدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
شەكسىزكى بىز نۇھنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ياخشىلارغىمۇ يالغۇز ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىمىز.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
شەكسىزكى نۇھ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ
ئاندىن كېيىن بىز توپان بالاسى ئەۋەتكەن كىشىلەرنى تەلتۆكۈس غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم ئامان قالمىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
۞ وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِۦ لَإِبۡرَٰهِيمَ
شەكسىزكى ئىبراھىمنىڭ ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشى بىلەن دىنىغا قوشۇلغانلار ئۇنىڭ دىنىغا تەۋە كىشىلەردىندۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِذۡ جَآءَ رَبَّهُۥ بِقَلۡبٖ سَلِيمٍ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا شېرىكتىن ساغلام، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا كۆيۈنگۈچى قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَاذَا تَعۡبُدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەر ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كايىپ: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
أَئِفۡكًا ءَالِهَةٗ دُونَ ٱللَّهِ تُرِيدُونَ
ئاللاھنى قويۇپ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇۋاتامسىلەر؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ھەي خالايىق! ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا چوقۇنغان پېتى ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قالساڭلار، نېمىمۇ دەرسىلەر؟ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلار دەپ قارايسىلەر؟ دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَنَظَرَ نَظۡرَةٗ فِي ٱلنُّجُومِ
ئىبراھىم قەۋمى بىلەن بىرگە (ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىمىغا) چىقىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرەر باھانە تېپىشنى ئويلاپ يۇلتۇزلارغا كۆز يۈگۈرتتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٞ
ئاندىن قەۋمى بىلەن بىرگە مۇراسىمغا چىقماسلىققا ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَتَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ مُدۡبِرِينَ
ئاندىن ئۇلار ئىبراھىمنى تاشلاپ كېتىشتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَرَاغَ إِلَىٰٓ ءَالِهَتِهِمۡ فَقَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا مۇنۇلارنى ئېيتتى: مۇشرىكلار سىلەرگە تەييارلىغان يېمەكلىكتىن يېمەمسىلەر؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
مَا لَكُمۡ لَا تَنطِقُونَ
نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا سوئال سورىغۇچىغا ئىنكاس بىلدۈرمەيسىلەر؟ ئاللاھنى قويۇپ مۇشۇنداق نەرسىگىمۇ چوقۇنىلامدۇ؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَرَاغَ عَلَيۡهِمۡ ضَرۡبَۢا بِٱلۡيَمِينِ
ئاندىن ئىبراھىم ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَأَقۡبَلُوٓاْ إِلَيۡهِ يَزِفُّونَ
ئارقىدىنلا بۇ بۇتلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ أَتَعۡبُدُونَ مَا تَنۡحِتُونَ
ئىبراھىم تەمكىنلىك بىلەن ئۇلارغا تىكىلىپ، ئۇلارغا كايىغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئويۇپ ياسىغان مۇشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتامسىلەر؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ وَمَا تَعۡمَلُونَ
ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنىمۇ ياراتقان بولۇپ، مۇشۇ بۇتلارمۇ سىلەرنىڭ ياسىغان نەرسىلىرىڭلاردىن بىرىدۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، پەقەت ئاللاھ تائالالا قۇلچىلىق قىلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا باشقا ھېچنەرسە شېرىك كەلتۈرۈلمەسلىككە لايىقتۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالُواْ ٱبۡنُواْ لَهُۥ بُنۡيَٰنٗا فَأَلۡقُوهُ فِي ٱلۡجَحِيمِ
ئۇلار ئىبراھىمغا پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالماي، كۈچكە تايانماقچى بولۇشۇپ، ئىبراھىمنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۆز - ئارا مەسلىھەتلىشىپ: ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ، ئوت يېقىڭلار. ئاندىن ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار، دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَسۡفَلِينَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ، بىراقلا قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشتى. نەتىجىدە بىز ئىبراھىمغا ئوتنى سالقىن ۋە زىيانسىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى زىيان تارتقۇزدۇق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهۡدِينِ
ئىبراھىم ئېيتتى: شەكسىزكى مەن پەرۋەردىگارىمغا لايىقىدا قۇلچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەۋمىمنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىمەن. چوقۇمكى پەرۋەردىگارىم ماڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
رَبِّ هَبۡ لِي مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئەي رەببىم، ماڭا مۇساپىرچىلىقتا قەۋمىمنىڭ ئورنىدا غەمخورلۇق قىلىدىغان سالىھ بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَبَشَّرۡنَٰهُ بِغُلَٰمٍ حَلِيمٖ
بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزدۇق. ئۇنىڭغا چوڭ بولغۇچە ياشايدىغان ھەم ئېغىر - بېسىق بولىدىغان بىر بالىسى بولىدىغانلىقىدىن خۇشبېشارەت بەردۇق. بۇ بالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعۡيَ قَالَ يَٰبُنَيَّ إِنِّيٓ أَرَىٰ فِي ٱلۡمَنَامِ أَنِّيٓ أَذۡبَحُكَ فَٱنظُرۡ مَاذَا تَرَىٰۚ قَالَ يَٰٓأَبَتِ ٱفۡعَلۡ مَا تُؤۡمَرُۖ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰبِرِينَ
ئىسمائىل چوڭىيىپ، داداىسىنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغاندا دادىسى ئىبراھىم بىر چۈش كۆردى. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھىي ئىدى. ئىبراھىم ئوغلىغا كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى يېشىپ: ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ (يەنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلۇپ) چۈش كۆرۈپتىمەن. سەن بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ دېدى. ئىسمائىل دادىسىغا جاۋابەن: ئەي ئاتا! ئاللاھ مېنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلغىن. مېنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مەمنۇنىيەت بىلەن سەۋر قىلىدىغانلاردىن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• من مظاهر الإنعام على نوح: نجاة نوح ومن آمن معه، وجعل ذريته أصول البشر والأعراق والأجناس، وإبقاء الذكر الجميل والثناء الحسن.
نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەجدادى قىلىش، ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلىنغان نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• أفعال الإنسان يخلقها الله ويفعلها العبد باختياره.
ئىنساننىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى ئاللاھ يارىتىدۇ، بەندە بولسا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ.

• الذبيح بحسب دلالة هذه الآيات وترتيبها هو إسماعيل عليه السلام؛ لأنه هو المُبَشَّر به أولًا، وأما إسحاق عليه السلام فبُشِّر به بعد إسماعيل عليه السلام.
بۇ ئايەتلەر ئۇقتۇرغان مەنىلەر ۋە ئۇنىڭ تەرتىپىگە قارىغاندا قۇربانلىق قىلىنغۇچى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدۇر. چۈنكى ئۇ تۇنجى بولۇپ بېشارەت بېرىلگەن پەرزەنتتۇر. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بولسا، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن تۇغۇلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىلگەن.

• قول إسماعيل: ﴿سَتَجِدُنِي إِن شَآءَ اْللهُ مِنَ اْلصَّابِرِينَ﴾ سبب لتوفيق الله له بالصبر؛ لأنه جعل الأمر لله.
ئىسمائىلنىڭ: «ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن» دېگەن سۆزى ئاللاھنىڭ ئۇنى سەۋرگە مۇۋەپپەق قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى ئۇ ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ئىدى.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አስ ሷፋት
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት