Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አሽ ሹዐራእ   አንቀጽ:
وَٱتَّقُواْ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ وَٱلۡجِبِلَّةَ ٱلۡأَوَّلِينَ
سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئازابى بېشىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلۡمُسَحَّرِينَ
شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا ئېيتتى: ھەقىقەتەن سەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، سېھىر ئەقلىڭنى يېڭىپ، سېنى ئەقىلسىز قىپ قويۇپتۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، چۈنكى سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، سەن قانداقسىگە پەيغەمبەر بوپقالىسەن؟ ھەقىقەتەن بىز سېنىڭ ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋېلىشىڭدا يالغانچى دەپ ئويلايمىز.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَأَسۡقِطۡ عَلَيۡنَا كِسَفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئەگەر دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن بىر پارچە (ئازاب) چۈشۈرگىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ رَبِّيٓ أَعۡلَمُ بِمَا تَعۡمَلُونَ
شۇئەيب ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمۡ عَذَابُ يَوۡمِ ٱلظُّلَّةِۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٍ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولدى. يەنى، بىر كۈنى قاتتىق ئىسسىق بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا بۇلۇت سايە تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ھالاك بولغان كۈن دەھشەتلىك بىر كۈن بولدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شۇئەيب قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِنَّهُۥ لَتَنزِيلُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
نَزَلَ بِهِ ٱلرُّوحُ ٱلۡأَمِينُ
قۇرئاننى ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل ئېلىپ چۈشتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
عَلَىٰ قَلۡبِكَ لِتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُنذِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇ سېنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەرلەردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن قۇرئاننى دىلىڭغا ئېلىپ چۈشتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
بِلِسَانٍ عَرَبِيّٖ مُّبِينٖ
جىبرىئىل ئۇنى ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِنَّهُۥ لَفِي زُبُرِ ٱلۡأَوَّلِينَ
ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارمۇ بۇ قۇرئاندىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
أَوَلَمۡ يَكُن لَّهُمۡ ءَايَةً أَن يَعۡلَمَهُۥ عُلَمَٰٓؤُاْ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ ساڭا نازىل بولغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى بىلگەنلىكى بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولمامدۇ؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَوۡ نَزَّلۡنَٰهُ عَلَىٰ بَعۡضِ ٱلۡأَعۡجَمِينَ
ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَقَرَأَهُۥ عَلَيۡهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ مُؤۡمِنِينَ
ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
كَذَٰلِكَ سَلَكۡنَٰهُ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئەنە شۇنىڭدەك، ئىنكارچىلىق ۋە كۇپۇرلۇقنى جىنايەتچىلەرنىڭ دىللىرىغا سالىمىز.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لَا يُؤۡمِنُونَ بِهِۦ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
ئۇلار تاكى دەرتلىك ئازابنى كۆرمىگۈچە كۇپۇرلۇق ھالىتىدىن ئۆزگەرمەيدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَيَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئازاب ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ - دە، ئۆزلىرىگە ئازابنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَيَقُولُواْ هَلۡ نَحۡنُ مُنظَرُونَ
ئۇلارغا ئازاب ئۇشتۇمتۇت كەلگەندە قاتتىق ھەسرەتلەنگەنلىكتىن: بىزگە ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلمەمدۇ؟ دەيدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ
بۇ كاپىرلار: سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە تاكى ئاسمان ئۈستىمىزگە پارچە بولۇپ چۈشمىگۈچە بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەپ بىزنىڭ ئازابىمىزنى ئالدىرىتىۋاتامدۇ؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
أَفَرَءَيۡتَ إِن مَّتَّعۡنَٰهُمۡ سِنِينَ
ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىغان بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ثُمَّ جَآءَهُم مَّا كَانُواْ يُوعَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، (ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ).
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• كلما تعمَّق المسلم في اللغة العربية، كان أقدر على فهم القرآن.
مۇسۇلمان ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.

• الاحتجاج على المشركين بما عند المُنْصِفين من أهل الكتاب من الإقرار بأن القرآن من عند الله.
ئەھلى كىتابتىن ئىنساپلىق كىشىلەرنىڭ قېشىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇشرىكلارغا قارشى دەلىل - پاكىت بار.

• ما يناله الكفار من نعم الدنيا استدراج لا كرامة.
كاپىرلارنىڭ دۇنيا نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى تۇيدۇرماي جازالاشتۇركى، ھەرگىز ھۆرمەت قىلغانلىق ئەمەس.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አሽ ሹዐራእ
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት