Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ኢብራሂም   አንቀጽ:
تُؤۡتِيٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينِۭ بِإِذۡنِ رَبِّهَاۗ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
بۇ ياخشى دەرەخ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ھەر ۋاقىت تەملىك مېۋە بېرىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ مۇشۇنداق مىساللارنى بايان قىلىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٖ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجۡتُثَّتۡ مِن فَوۡقِ ٱلۡأَرۡضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٖ
ناچار، شېرىك سۆزنىڭ مىسالى ناچار دەرخكە ئوخشايدۇ، ئۇ ئاچچىق تاۋۇز بولۇپ، ئۇنىڭ پېلىكى يۇلۇپ تاشلانغان، نە يىلتىزى زېمىندا مۇستەھكەم ئەمەس، نە شاخلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنمۇ ئەمەس. ئۇ قۇرۇپ، شامال ئۇنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ. كۇپرى كەلىمىسىنىڭ ئاقىۋىتى يوقۇلۇشقا مەھكۇملۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ساھىبىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمۇ ئاللاھ تەرەپكە ئۆرلىمەيدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡقَوۡلِ ٱلثَّابِتِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّٰلِمِينَۚ وَيَفۡعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ساباتلىق قىلىپ، ھاياتىي دۇنيادا مۇكەممەل ئىمان ئاتا قىلىدۇ، نىھايەت ئۇلار ئىمانى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قەبرىلىرىدىكى بەرزەخ ھاياتىدا سوئال - سوراق قىلغاندىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرىدىن ۋە ھىدايەتتىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن ئازغۇن قىلىشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرۇۋېتىش، ئۆز پەزلى بىلەن ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىبارەت خالىغان ئىشنى قىلىدۇ، ئۇنى ھېچبىر مەجبۇرلىغۇچى بولمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ بَدَّلُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ كُفۡرٗا وَأَحَلُّواْ قَوۡمَهُمۡ دَارَ ٱلۡبَوَارِ
قۇرەيشلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ھالىنى كۆردۈڭ، ئۇلار ھەرەمدە ئامانلىققا ئېرىشىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە چۆمگەن ۋاقىتتا بۇ نېئمەتنى كۇپرىغا تېگىشتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، قەۋمى ئىچىدىن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ بېرىشتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَاۖ وَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ
ئۇلارنىڭ ھالاكەت گىرداۋى جەھەننەم بولۇپ، ئۇلار شۇ جەھەننەمگە كىرىدۇ ھەمدە جەھەننەمنىڭ قىزىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ بارار جايى نېمىدېگەن يامان؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَجَعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِهِۦۗ قُلۡ تَمَتَّعُواْ فَإِنَّ مَصِيرَكُمۡ إِلَى ٱلنَّارِ
مۇشرىكلار ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەر ۋە ئوخشاشلارنى قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئىچىگە چۆمگەن شەھۋەتلىرىڭلار ۋە ھاياتىي دۇنيادا شەك - شۈبھە تارقىتىش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىڭلار. شەكسىزكى قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا بارىدىغان يېرىڭلار يوق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قُل لِّعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خِلَٰلٌ
ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگەن رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن ۋاجىب بولغان ۋە مۇستەھەب بولغان سەدىقىلەرنى رىيا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار مەخپىي ھالەتتە، باشقىلارنىڭ سىلەرنى ئۈلگە قىلىشىنى خالىساڭلار ئاشكارا ھالەتتە بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەر قانداق سودا ۋە بېرىلىدىغان ھەر قانداق بەدەل قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچكىمنىڭ ئۆز دوستىغا قىلغان شاپائىتىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن سەدىقىگە ئالدىراڭلار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلدى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، ئاندىن ئاشۇ سۇ ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقاردى، سىلەرگە سۇ يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماس ھالەتتە ماڭىدىغان كېمىلەرنى خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى، ئۆزۈڭلارمۇ ئىچىپ، چارىپايلىرىڭلارنى ۋە زىرائەتلىرىڭلارنى سۇغۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇپ بەردى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ
قۇياش بىلەن ئاينى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن توختاپ قالماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلدى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىمۇ سىلەر ئۈچۈن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، كېچىنى ئۇخلاپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنى بولسا تۈرلۈك پائالىيەتلىرىڭلارنى قىلىپ، جان بېقىشىڭلار ئۈچۈن بەرپا قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• تشبيه كلمة الكفر بشجرة الحَنْظل الزاحفة، فهي لا ترتفع، ولا تنتج طيبًا، ولا تدوم.
بۇ ئايەتلەر كۇپرى سۆزىنى يەرگە يېيىلىپ تۇرغانلىقتىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلمەيدىغان، نە ياخشى بىر ھوسۇل بەرمەيدىغان، نە داۋاملاشمايدىغان ئاچچىق تاۋۇزنىڭ پېلىكىگە ئوخشىتىدۇ.

• الرابط بين الأمر بالصلاة والزكاة مع ذكر الآخرة هو الإشعار بأنهما مما تكون به النجاة يومئذ.
ناماز ۋە زاكاتقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئاخىرەتنى زىكىر قىلىشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ ئىككى ئەمەلنىڭ ئاشۇ كۈندىكى نىجاتلىقنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

• تعداد بعض النعم العظيمة إشارة لعظم كفر بعض بني آدم وجحدهم نعمه سبحانه وتعالى .
بىر قىسىم كاتتا نېمەتلەرنى ساناش، بىر بۆلۈك ئادەم بالىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشىنىڭ كاتتا كۇپۇرلۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ኢብራሂም
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት